چارشەنبە 22 شەۋۋال 1445 - 1 ماي 2024
Uygur

قىز-ئوغۇللار بىرگە ئوقۇيدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ كۆپ پىكىر قىلىشىم ۋە تېڭىرقاپ قىلىشىمغا سەۋەپ بولغان بىر ئىش بار، مەن تەخمىنەن ئىككى ئايدىن بېرى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم، مەن ھازىر ئىنگىلىزچە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ئون بەش ئوغۇل ۋە ئون بەش قىز ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان سىنىپتا ئوقۇيمەن، ئوقۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مېنى يۇرتۇمدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ، بۇ مەكتەپتىمۇ قىز-ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوقۇيدۇ، ھەقىقەتتە مېنى گاڭگىرتىپ قويغان نەرسە، مەن قىز-ئوغۇلنىڭ ئارىلىشىپ ئوقۇشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەر كىشى كۆزىنى يۇمۇۋېلىشقا يەنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇلغان، لېكىن مەن دەيمەنكى، بىزنىڭ شەھرىمىز  باشقا ئىسلامى شەھەرلەرگە ئوخشاش ئەمەس، دىندار ھەقتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ، مۇشۇنداق خىزمەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرگە بىدئەتچى ۋە ئاسى كىشىلەرنىڭ يولىنى ئۈزۈش ۋاجىپ بولىدۇ. مەن ھازىر بىلمەيمەن، قىلىدىغان ئىشىمغا ئەجىرگە ئېرىشىمەنمۇ ياكى بۇ ئىشنى شەيتان ماڭا چېرايلىق كۆرسىتىۋاتامدۇ؟، مېنى ئۆزەمنى دەۋەت قىلىش، مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۇلارنى ساپ ئەقىدىگە ۋە توغرا پىرىنسىپقا باشلاشقا ھېرىس بولغاندەك خىيال قىلدۇرىدۇ، مەن يات ئەرنىڭ بىۋاستە ئاياللارغا دەرس ئۆتۈشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا قانائەت قىلىمەن، لېكىن مېنىڭ بۇ خىزمىتىم بەك زۆرۈر، چۈنكى شەھەرنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى دىنسىزلار ياكى سوپىلارنىڭ كونتۇرۇللىقى ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇشۇ ئەسىردە مۇسۇلمان دۇچ كېلىۋاتقان سىناقلاردىن: تەلىم-تەربىيە  ئورۇنلىرى، دوختۇرخانىلار، ئومۇمى ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشىنىڭ كەڭ تارقىلىشىدۇر.

    ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ھاراملىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چېقىدىغان بۇزۇقچىلىق توغرىسىدىكى تەپسىلاتنى 1200 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق. مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارنىڭ ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىدىغان ۋە دەرس قىلىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق بولىشى زۆرۈر بولىدۇ.

    لېكىن ھاياتنىڭ كۆپ ساھەلىرىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشى تېپىلىدىغان مۇسىبەتكە دۇچ كەلگەن شەھەرلەردە بولۇپمۇ تەلىم-تەربىيە مەركىزى، خىزمەت ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت دائىرلىرى قاتارلىق جايلاردا مۇسۇلمانغا ئۆزىنى بۇنداق ئورۇندىن يىراق قىلىش بەك قىيىن بولىدۇ، مۇشۇ ئىشلاردا ئۇلارغا رۇخسەت قىلىنغان نەرسە بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىغان كىشىلەرگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    بۇ رۇخسەت تۆۋەندىكى پىقھى قائىدىسىگە قۇرۇلىدۇ: "ھارامغا ئىلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ھارام بولغان نەرسە، كۈچلۈك مەسلىھەت ۋە ھاجەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ".

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەتنىڭ ھەممىسى ھارامنى تەقەززا قىلىدىغان بۇزۇقچىلىققا كۈچلۈك ھاجەت توغرا كەلگەندە ھارامنى تەقەززا قىلىدىغان ئىش دۇرۇس بولىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 49-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھارامغا ئىلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ھارام بولغان نەرسە، ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولمىغاندا چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭسىز ھاسىل بولمايدىغان بىر ئىشقا ھاجەت بولغاندا ئۇنىڭدىن چەكلەنمەيدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23-توم 214-بەت].

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھارامغا ئىلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ھارام بولغان نەرسە، كۈچلۈك مەسلىھەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ، خۇددى ئارتۇق تېگىشىش جازانىسىدىن ئۇراييا سودىسىدا (يەنى ھاجەت بولغاندا قۇرۇق خورمىنى شاختىكى ھۆل خورمىغا تېگىشىش) دۇرۇس بولغاندەك، شۇنىڭدەك بامدات نامىزى ۋە ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەۋەپكە ئالاقىدار بولغان نامازلارنى ئوقۇش دۇرۇس بولغاندەك، توي تەكلىپى قويغۇچى، گۇۋاھچى، دوختۇر قاتارلىق ھارامغا قاراش مۇئامىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە قاراش دۇرۇس بولىدۇ، ئاياللارغا ئوخشاپ قىلىشقا ئىلىپ بارىدىغان ۋە بۇنداق قىلغان كىشى لەنەتكە دۇچار بولىدىغان يولنى چەكلەش ئۈچۈن ئەرلەرگە يىپەك كىيىم ۋە ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ھارام قىلىندى، ئەگەر ھاجەت بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن ھاجەت مىقدارىدا ئىشلىتىش دۇرۇس بولىدۇ". ["ئىئلامىل مۇقىئىين" 2-توم 161-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھارامغا ئىلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ھارام بولغان نەرسە، كۈچلۈك مەسلىھەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ". ["مەنزۇمەتى ئۇسۇل پىقھى" 67-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر، بىزگە ئوچۇق بولغىنى: پىتنە-مۇسىبەت ئومۇملاشقان مۇشۇنداق شەھەرلەردە مەكتەپ، دوختۇرخانا، ئاممىۋى ئورگان ۋە ھۆكۈمەت دائىرىسىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشتا شۇ شەھەرنىڭ ئەھلىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىلگىرى بايان قىلىنغاندەك ئۇلارنىڭ غەيرىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۇ بىرقانچە شەرتلەر بىلەن بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئىنسان دەسلەپتىلا تېرىشىپ ئەر-ئايال ئارىلىشىپ خىزمەت قىلمايدىغان ئورۇننى تېپىشى كېرەك.

    ئىككىنچى: ئىنسان خىزمەت ۋە دەرسكە ئالاقىدا سۆزلەردىن باشقا ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماستىن كۆزىنى باشقۇرۇپ شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئايرىم ئوقۇيدىغان مەكتەپ تاپالماي قالغان ياش، قىز-ئوغۇل ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئوقۇسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سىز ئىمكان قەدەر ئارىلاشمىسى يوق ساپ مەكتەپ تىپىشىڭىز كېرەك، ئەگەر بۇ تۈردىكىدىن باشقا مەكتەپ تاپالمىسىڭىز، دەرس ئوقۇشقا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، دەرسىڭىزنى ئوقۇڭ، يامان ئىش-ھەرىكەت، پىتنە-پاساتتىن تاقىتىڭىزنىڭ يېتىشچە يىراق بولۇڭ، كۆزىڭىزنى ۋە تىلىڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىڭ، ئاياللار بىلەن كۆپ سۆزلەشمەڭ، سەۋەبسىز ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتمەڭ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 1-توم 103-بەت، 13-توم 127-بەت].

    ئۈچىنچى: ئىنسان ئۆزىنىڭ ھارامغا تېيىلىپ كەتكەنلىكى ۋە ئاياللار بىلەن پىتنىگە، سىناققا چۈشۈپ قالغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلسۇن. دىننىڭ ساپ-ساغلام بولىشى ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق پايدىدىن ئىلگىرى بولىدۇ، چوقۇم بۇنداق ئورۇندىن ئايرىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن بىھاجەت قىلىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى