چارشەنبە 13 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 21 نويابىر 2018
Uygur

قەبرىستانلىقتا ۋەز-نەسىھەت قىلىش توغرىمۇ؟

12833

تارقاتقان ۋاقىت : 06-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 3821

سۇئال

سوئال: قەبرىستانلىقتا ۋەز- نەسىھەت قىلىش توغرىمۇ؟ بىز بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھىچ قانداق ھەدىس بايان قىلىنمىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، بىر قىسىم كىشىلەر بۇنداق قىلشنى سۈننەت دەپ قارايدىكەن؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى


شۇنداق، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇتلەق ئەسەر يوق دېيىش توغرا ئەمەس، شۇنداقلا بۇنداق قىلشنى سۈننەت دەپ قاراشمۇ توغرا ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قەبرە يېنىدا ياكى قەبرىستانلىقتا ياكى جىنازا ھازىر بولغاندا جۈمە كۈنلۈكتە كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلىگەندەك ۋەز- نەسىھەت قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەسەر كەلمىگەن، بىزنىڭ ھازىر ئاڭلىغىنىمىز بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ كىيىنكى ئاقىۋىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، كىشىلەرگە ۋەز- نەسىھەت قىلغۇچى سۆز ئارىسىدا بۇ پاسىق ئادەم، ياكى بۇ كىشىگە قاراڭلار! تۈنۈگۈن ئويناپ كۈلۈپ كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىپ يۈرەتتى، مۇنداق سۆزلەرنى دېگەنتى، ھازىر قەبرىگە قويۇلۇۋاتىدۇ، ياكى ئۆلگۈچى تىجارەتچى بولسا، پالانى كىشىگە قاراڭلار! تۈنۈگۈن ئالى سارايلاردا ياشاپ، ئېسىل ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملىرى ئەتراپىدا يۈرەتتى، ھازىر قەبرىدە يېتىۋاتىدۇ دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئەيىپلىرىنى ئىچىۋىتىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قارىشىمىزچە كىشىلەرگە قەبرىستانلىقتا ۋەز-نەسىھەت قىلىش سۈننەت ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ياكى دەپنە قىلىش ئارىلىقىدا كىشىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلمىغان، سەلەپ ئالىملىرىدىنمۇ بۇنداق قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق، ياكى ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان ۋە ئەلى (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) نىڭ زامانىسىدىمۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىغىنى ئاڭلىمىدۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياشىغان دەۋرى بىزنىڭ ياشىغان دەۋرىمىزگە نىسبەتەن سۈننەتكە يېقىن. ھەققە ئەڭ مۇۋاپىق يول ئىلگىركى كىشىلەرنىڭ يولىدىن ئىبارەتتۇر.
ئەمما سورۇنلاردا ئادەتتە بولىنىدىغان ۋەز- نەسىھەتنى قىلسا بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەدىنە شەھىرىدىكى بەقى ئەل غەرقەد دېگەن قەبرىستانلىققا چىققاندا كىشىلەر ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن قەبرە كولاۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئولتۇردى، ساھابىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇلارغا خۇتبە سۆزلىگەندەك ئەمەس، بەلكى تىنىچ ئولتۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئۆلگەن ۋاقتىدىكى ۋە قەبرىگە قويۇلغاندىن كىيىنكى ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بەردى.
شۇنداقلا ئىمام بۇخارى ۋە باشقا ئالىملار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: سىلەردىن ھەر بىر كىشىنىڭ جەننەتتىن ياكى دوزاختىن بولغان ئورنى بەلگىلەنگەن دېدى. ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ئەمەل قىلمىساقمۇ بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: ياق! ئەمەل قىلىڭلار، ھەر بىر كىشىگە ئۆزىگە بېكىتىلگەن ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەمەل مۇۋەپپەق قىلىنىدۇ دېدى.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى قەبرىستانلىقتا ئۆلگۈچىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كىيىن ياكى دەپنە قىلىش ئارىلىقىدا كىشىلەرگە ۋەز- نەسىھەت قىلىش سۈننەت ئەمەس، يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەندەك پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ (خۇتبە سۆزلىگەندەك ئەمەس) بەلكى سورۇنلارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان، ئادەتتە بولىنىدىغان ۋەز- نەسىھەتنى قىلسا ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

كۆز قاراش ئەۋەتىش