يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن پىقھى ئۆلىمالىرى ئاشۇرا كۈنى بىلەن ئون بىرىنچى كۈنى بىرگە روزا تۇتۇشنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ؟

سۇئال

ئاشۇرا كۈنى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم، لېكىن بىرەر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئون بىرىنچى كۈنىگە ئىشارەت قىلغانلىقىنى تاپالمىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن: ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشىسام، توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى كۈنى روزا تۇتىمەن دېگەن، يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئون بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇشقا كۆرسەتمە بەرمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار قىلمىغان ئىشنى قىلساق بىدئەت بولمامدۇ؟، توقۇزىنچى كۈنى روزا تۇتالمىغان كىشى ئونىنچى كۈنىلا روزا تۇتسا كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئۆلىمالار مۇھەررەمنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇشنى مۇستەھەب دەپ قارىدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرىغانلىقى توغرىسىدا ئەسەر بايان قىلىنغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇڭلار، ئۇ كۈندە يەھۇدىيلارغا خىلاپلىق قىلىڭلار، ئاشۇرا كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن ياكى بىر كۈن كېيىنمۇ روزا تۇتۇڭلار [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 2155-ھەدىس].

     ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دېگەن، ئىسنادنى تەكشۈرگۈچىلەر زەئىپ دېگەن.

    ئىبنى خۇزەيمە 2095- ھەدىسنى مۇشۇ لەپزى بىلەن رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ :ئىبنى ئەبى لەيلانىڭ ئىسىدە تۇتۇشىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن زەئىپ دېگەن. ئەتا ئىبنى رەباھ ۋە باشقا راۋىلار بۇنىڭ ئەكسىچە ئىبنى ئابباستىن مەۋقۇپ رىۋايەت قىلغان، ئىمام تاھاۋى ۋە بەيھەقىي بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دەپ قارىغان.

    ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن بولسا ھەدىسمۇ ھەسەن بولىدۇ، ئىسنادى زەئىپ بولسا ھەدىسمۇ زەئىپ بولىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زەئىپ ھەدىسلەردە ئۆلىمالار كەڭرى يول تۇتقان، چۈنكى ئۇنىڭدىكى زەئىپلىك ئازدۇر، بۇنىڭدا يالغان ۋە توقۇلما يوق، ھەم بۇ پەزىلەتلىك ئەمەللەر توغرىسىدا بايان قىلىنغان، خۇسۇسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەررەم ئېيىدا روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىك توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: رامىزان ئېيىدىن كېيىن تۇتۇلغان ئەڭ ئەۋزەل روزا ئاللاھنىڭ مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان روزىدۇر دېگەن. مۇسلىم رىۋايىتى 1163-ھەدىس].

     ئىمام بەيھەقى بۇ ھەدىسنى يۇقىرىدا بايان قىلنغان لەپزى بىلەن: "سۈنەنۇل كۇبرادا" رىۋايەت قىلغان، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاشۇرا كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۈن كېيىن روزا تۇتۇڭلار دەپ "ئەۋ"(ياكى) دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا (ۋە) دېگەن سۆز بىلەن كەلگەن.

    ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: "ئىتھاپۇل مېھرە" ناملىق ئەسەر 2225- ھەدىستە: ئاشۇرادىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۈن كېيىن روزا تۇتۇڭلار دېگەن لەپزى بىلەن كەلتۈرگەن. ئىمام ئەھمەد ۋە بەيھەقى مۇھەممەد ئىبنى ئەبى لەيلا زەئىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى زەئىپ دېگەن، لېكىن مۇھەممەد ئىبنى ئەبى لەيلا يالغۇز رىۋايەت قىلماستىن ئۇنىڭغا سالىھ ئىبنى ئەبى سالىھ ئىبنى ھەيمۇ ئەگەشكەن".

    مۇشۇ رىۋايەتلەر مۇھەررەمنىڭ توقۇزىنچى، ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ مۇستەھەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    بەزى ئۆلىمالار ئون بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ مۇستەھەب بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان باشقا بىر سەۋەپلەرنى بايان قىلدى، ئۇ بولسىمۇ، ئاشۇرا كۈنى توغرىسىدا خاتا كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىشتۇر. كىشىلەر مۇھەررەمنىڭ ئېيىنى كۆرۈش مەسىلىسىدە خاتالىشىپ قالسا، ئونىنچى كۈنىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى رەسمى ئېنىق بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى توقۇزىنچى، ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى كۈنلىرىدە روزا تۇتسا، ئونىنچى كۈنىنىڭ روزىسىنى روياپقا چېقارغان بولىدۇ. ئىبنى ئەبى شەيبە: "ئەلمۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرى 2-توم 313-بەتتە رىۋايەت قىلىپ، تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ ئاشۇرا كۈنىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۈن كېيىن روزا تۇتاتتى دېگەن.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان كىشى توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى كۈنى روزا تۇتسۇن، ئەگەر ئاينى كۆرۈش مەسىلىسىدە ئېنىقسىزلىق بولسا ئۈچ كۈن (9-10-11-كۈنلىرى)روزا تۇتسۇن دېگەن، ئىبنى سىيرىين رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن". ["ئەل مۇغنى"4-توم 441-بەت].

    بۇنىڭدىن: مۇھەررەمدە ئۈچ كۈن (9-10-11-كۈنلىرى)روزا تۇتۇشنى بىدئەت دەپ سۈپەتلەشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

    ئەمما توقۇزىنچى كۈنى روزا تۇتالمىغان كىشى بولسا، ئونىنچى كۈنى يالغۇز روزا تۇتسا گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئون بىرىنچى كۈنىنى قېتىپ تۇتسا ياخشى بولىدۇ.

    مىرداۋىي "ئەل ئىنساپ"3-توم 346-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ توغرا قارىشىدا ئاشۇرا كۈنى يالغۇز روزا تۇتۇش مەكرۇھ بولمايدۇ"، بۇ قاراشقا ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ مۇۋاپىق كەلگەن".

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى