جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىنجىل ۋە تەۋرات قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىشنىڭ ھۆكمى

128850

تارقاتقان ۋاقىت : 07-07-2013

كۆرگۈچىلەر : 6719

سۇئال

مەن بىر مۇسۇلمان، باشقا غەرەز بىلەن ئەمەس پەقەت ئىنجىلدا نېمىلەر دېيىلگىنىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنى ئوقۇپ چىقسام بولامدۇ؟، ساماۋى كىتابلارغا ئىشىنىشىنىڭ جۈملىسىدىن، ئنجىلنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چۈشۈرۈلگەن كىتاب دەپ ئىشىنىمىزمۇ ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇماتلارغىلا ئىمان ئېيتىمىزمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بارلىق مۇسۇلمانلار ئىنجىل، تەۋرات، زەبۇر قاتارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىن پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرۈلگەن كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىدۇ. شۇنداقلا ئۇلارغا بۇيرۇق-چەكلىمە، ۋەز-نەسىھەت، ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالى، جەننەت-دوزاخلارنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئىشلار بايان قېلىنغان ئايرىم سەھىپىلەرنىڭمۇ چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن مۇسۇلماننىڭ ئۇ كىتابلارنى قوللىنىشى توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇ كىتابلار كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن، ئالماشتۇرۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئىنجىل، تەۋرات ۋە زەبۇر قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇشى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرگە قانائەت قىلىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ مۇسۇلماننىڭ ئېتىقادىغا خەتەر ئىلىپ كېلىدۇ، ئۇ كىتابلاردا ھەقىقەت ئىنكار قىلىنغان، باتىل راست دەپ قارالغاندەك ئەيىبلەردىن خالى ئەمەس. مەزكۇر كىتابلار يەھۇدىي ۋە ناسارالار تەرىپىدىن نۇرغۇن توقۇلما-يالغانلار كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەر ئۆزگەرتىلگەن، قانۇن-پرىنسىپلىرى ئالماشتۇرۇلغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن قىلىنغان. ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى قۇرئان كەرىم نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىدىن بىھاجەت قىلدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىدا تەۋراتنىڭ بىر ۋارىقىنى كۆرۈپ خاپا بولۇپ: ئى خەتتابنىڭ ئوغلى!، سەن قۇرئاندىن شەك قىلامسەن؟، مەن سىلەرگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن غۇبارسىز بىر كىتابنى ئىلىپ كەلدىم، ئەگەر مۇسا ئەلەيھىسسالام ھايات بولغان بولسا ئىدى، ئۇ پەقەت ماڭىلا ئەگەشكەن بولاتتى دېدى. [ئىمام ئەھمەد ۋە بەيھەقى رىۋايىتى].

قېرىندىشىم!، بىز سىزگە ۋە باشقىلارغا تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر قاتارلىق كىتابلاردىن بىرەرسىگە ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇماتلارغا قانائەت قىلماسلىق، ئۇنىڭدىكى بەزى بىر تېمىلارنى ئوقۇماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمىز. ئەگەر يۇقىرىقى كىتابلاردىن بىرەر پارچە ئۇچراپ قالسا ئۇنى پاكىزە جايغا كۆمۈۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى مەزكۇر كىتابلاردا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش ۋە ئالماشتۇرۇشلار مەۋجۇد. مۆمىن كىشى بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئىنسان ئۇنى ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا راستىنى يالغان، ھەقنى باتىل دەپ چۈشۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىنساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بۇنى پاكىزە جايغا كۆمۈۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈۋىتىشتۇر.

دىنى مەلۇماتى يېتەرلىك، شەرئى پرىنسىپلارنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئەھلى-ئىلىملارنىڭ يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن ئىبارەت ئىسلام دۈشمەنلىرىگە ئىلمى رەددىيە بېرىش ئۈچۈن كۆرۈپ پايدىلانسا بولىدۇ. ئەينى زاماندا يەھۇدىيلار تەۋراتتا بايان قىلىنغان، زىنا قىلغانلارنى چالما-كېسەك قىلىپ جازالاش دېگەن ھۆكۈمنى ئىنكار قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋراتنى ئەكەلدۈرۈپ ئىچىپ، ئۇ ھۆكۈمنى ئۇلارغا كۆرسەتكەندە، ئۇلار بۇ ھۆكۈمنى ئېتىراپ قىلغان.

بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز، ئىسلام شەرىئىتىنى تولۇق ئۆگەنگەن ۋە يۇقىرى مەلۇماتقا ئېرىشكەن ئالىملار ئىسلام دىنىنى ئالى قىلىش، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە رەددىيە بېرىش، قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى ھىدايەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بايان قېلىش ئۈچۈن ئىنجىل، تەۋرات، زەبۇر قاتارلىق كىتابلاردىن پايدىلانسا بولىدۇ. ئەمما ئادەتىتكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەزكۇر كىتابلاردىن پايدىلىنىشى ياكى ئوقۇپ چىقىشى قېلىشى توغرا ئەمەس، بەلكى ئۇلار بۇ كىتابلاردىن بىرەر پارچىنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئۇنى دەرھال پاكىزە جايغا كۆمۈۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھەق يولدىن ئېزىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كېرەك. [پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالىرى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى