جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قىز ئوقۇغۇچى ئۆز يۇرتىدا قىز-ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا بولامدۇ؟ ياكى باشقا يۇرتقا بېرىپ مەھرەمسىز تۇرۇپ، قىز-ئوغۇللار ئايرىم-ئايرىم ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇسا ياخشى بولامدۇ؟.

سۇئال

مەن ھازىر ئىككى يولنىڭ بېشىدا ئىككىلىنىش ئارىسىدا تۇرىۋاتىمەن، بىرى: مۇسۇلمان ئەرەب شەھرىدە مەھرەمسىز قىلىپ قىز-ئوغۇللار ئارىلاشمايدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش ( بۇ يۇرتتا ئېمىلداش تاغام بولسىمۇ لېكىن ئۇ بىزگە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزمەيدۇ) يەنە بىرى: ئۆز يۇرتۇم بولغان مۇسۇلمان ئەرەب شەھىرىدە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ بۇ يۇرتتىكى قىز-ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان، بۇزۇقچىلىق، رەسۋالىققا تولغان ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىپ ئوقۇش، بۇ ئىككىدىن قايسىسىنى تاللىشىم كېرەك؟، ئەپسۇس يۇرتۇمدا مېنىڭ قىز-ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتقا بارماي ئۆيدە قىلىش ئىمكانىيىتىم يوق، چۈنكى بۇ يۇرتتىكى ھەممە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوخشاش، يەنە كېلىپ، ئاتام مېنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا بارماستىن ئوقۇشنى تاشلاپ ئۆيدە قىلىشىمنى قەتئىي رەت قىلىدۇ، چۈنكى ئاتا-ئاناممۇ بەك دىندار كىشىلەردىن ئەمەس، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ماڭا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاخىرىدا چەكلەنگەن بۇزۇقچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان قىز-ئوغۇللار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئىشلەيدىغان ئورۇن ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلەرگە بېرىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا 1200 -103044 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     قىزنىڭ ۋەلىسىنىڭ قىزچاقنى  بۇنداق قىز-ئوغۇل ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان ئۇنىۋېرسىتېتقا ئوقۇشقا بېرىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقىقەتتە سەل قاراش ۋە ئامانەتنى زايە قىلىۋەتكەنلىك، بەلكى ئاتا-ئانىنىڭ قىزنى گۇناھتىن يىراق بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىشتىن چەكلىشى، ئۇنىڭ ئىپپىتىنى –ئابرۇيىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىشى ۋە باشقا تەرەپتىن ئىززىتىنى قوغدىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئايالنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن» [بۇخارى رىۋايىتى 1862-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان(ئىشەنگەن) ئايالنىڭ بىر كۈنلۈك سەپەرگىمۇ يالغۇز چېقىشى توغرا بولمايدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 1339-ھەدىس].

    قىزچاق ئۆزىگە ئىگە بولالىسا، ياتاققا كېرىش ۋە چېقىشتا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى كۈزۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلسە، ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلانسا ئۇ ۋاقىتتا باشقا يۇرتتا مەھرەمسىز تۇرۇپ قىلىشى چەكلەنمەيدۇ.

     ئەگەر سىز بىلەن مەھرەملىرىڭىزدىن بىرى بىرگە سەپەر قىلىپ، سىزنى بىلىم ئالىدىغان يۇرتقا يەتكۈزسە، سىز خاتىرجەم-تىنچ جايدا تۇرسىڭىز، ئۇنىۋېرسىتېتقا بېرىپ كېلىشتە شەرئىي پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلسىڭىز سىزگە گۇناھ بولمايدۇ.

    ئەمما سىز بىلەن بىرگە بارىدىغان مەھرەم بولمىسا، ئائىلىمىزدىكىلەر سىزنى ئىككىدىن بىرىنى تاللا دەپ مەجبۇر قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا: ئىككى بۇزۇقچىلىقنىڭ چوڭىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېچىكىنى تاللاش كېرەك قائىدە بويىچە: سىز بۇ ئىككى ئىشتىن زېيىنى ئاز بولغىنىنى تاللىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى ئىش توغرىسىدا ئويلىنىپ پىكىر قىلىڭ، يالغۇز سەپەر قىلىشىڭىزنىڭ خەتىرى ئاز بولىدۇ، يات ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىسىز، لېكىن يەنە بىر خەتەر، سىز ئائىلىڭىزدىن ئايرىلىپ يالغۇز يات بىر شەھەرگە بارىسىز، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا ئېمىلداش تاغىڭىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ، بەلكى ئۇ كىشى سىزنى خاتىرجەم قىلىشى ۋە بەزى ئىشلاردا ياردەم قىلىشى مۇمكىن، بۇ سىز ئۈچۈن ياخشىدۇر.

    سىزدىن ئىمانىڭىزنى زىيادە قىلىشقا ۋە ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ھېرىسمەن بولىشىڭىز، ياخشى تەقۋادار ياتاقداشلارنى ئىزدىشىڭىز، قۇرئان ئوقۇش، پەرىز ئىبادەتلەردىن باشقا نەپىلە ناماز ۋە نەپلە روزىنى كۆپ ئادا قىلىشىڭىز  پەزىلەتلىك ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ.             

  ئاللاھ تائالادىن سىزنى ھەقىقەتكە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.    

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى