بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ توي ئىشلىرىدىكى كۆرسەتمىسى ئاسانلىققا رىغبەتلەندۈرۈش، توينى ئىلان قىلىش، ئاشكارا قىلىش، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوشاللىق ۋە خۇرسەنلىكنى نامايەندە قىلىش، مېھمانلارنى چاقىرىپ توي زىياپىتى بېرىش، چاقىرىلغانلارمۇ زىياپەتكە ھازىر بولۇش، ئارىدا روزا تۇتقۇچىلارغا بولسا تويغا كېلىپ توي ساھىبى ھەققىدە دۇئا قىلىش، بىر نەرسە يەپ روزىسىنى بۇزۇۋېتىش كېرەك بولمايدۇ.
ئاندىن ياخشىلىق بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىش. بۇ ئومۇمى پرىنسىپ بولۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
بىرىنچى: تويلۇق مېھرىنى ئاسان قىلىش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تويلۇقنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاسان بولغىنىدۇر». [بەيھەقى رىۋايىتى 14721 -ھەدىس].
ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2117 -نومۇرلۇق ھەدىستە: «نىكاھنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاسان بولغىنىدۇر» دەپ كەلگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
"ئەۋنىل مەبۇدتا" مۇنداق دېگەن: "توينىڭ ئەر كىشىگە ئەڭ ئاسان ۋە قولاي بولغىنى مېھرىنىڭ ۋە باشقا ئىشلارنىڭ يەڭگىل بولغىنىدۇر.
ئەللامە شەيخ ئەزىزىي مۇنداق دەيدۇ: "تويلۇق مېھرى ئاسان بولغان ۋە توي تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش ئاسان بولىغىنىدۇر".
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ بەرىكەتلىك بولغىنى: توي تەكلىپىنىڭ ئاسان بولغىنى تويلۇق مېھرىنىڭ ئاسان بولغىنى ۋە رەھىمىسىنىڭ ئاسان بولغىنىدۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 23957-ھەدىس. ئىبنى ھىببان رىۋايىتى 4095 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ، "سەھىھ ھەدىسلەر توپلمى" 2235-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن.]
ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللارنىڭ تويلۇق مېھرىنى بەك يۇقىرى قىلىۋەتمەڭلار، ئەگەر تويلۇق مېھرىنى يۇقىرى قىلىش دۇنيادا ئېكرام قىلىنىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تەقۋادارلىق بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا سىلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەك لايىق ئېدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى توي قىلغاندا بولسۇن ياكى قىزلىرىنىڭ تويىنى قىلغاندا بولسۇن، بەش يۈز دىرھەمدىن زىيادە تويلۇق مېھرى بەرمىگەن ۋە ئالمىغان ئېدى». [تىرمىزى رىۋايىتى 1114-ھەدىس].
بىر دەرھەم نورمالدا ئۈچ گىرام كۈمۈشكە باراۋەر كېلىدۇ.
ئىككىنچى: نىكاھنى(توينى) ئىلان قىلىش، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نىكاھنى ئىلان قىلىڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى 1089-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 7 -توم 50 -بەتتە كەلتۈرگەن.]
مۇھەممەد ئىبنى ھاتىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىدىغان پاسىل: داپ چېلىپ نىكاھنى ئاشكارا ئىلان قىلىشتۇر». [نىسائى رىۋايىتى 3369-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن].
نىكاھ (يەنى تويدا) داپ چېلىش ئاياللارغا خاستۇر.
ھاپىز ئىبنى ھەجەر پەتھۇل بارىدا مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسلەر داپ ئۇرۇشنىڭ ئاياللارغا خاس ئىكەنلىكىنى كۈچلاندۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئەرلەر قېتىلمايدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشىدىن چەكلەنگەنلىكى ئومۇمدۇر".
ئۈچىنچى: تويدا زىياپەت بېرىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر. بۇ نىكاھنى-توينى ئىلان قىلىش ۋە خۇرسەنلىك، خۇشاللىقنى نامايەندە قىلىشتۇر.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋپ توي قىلغاندا: «بىر قوي ئۆلتۈرۈپ بولسىمۇ توي زىياپىتى بەرگىن» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس.]
بەزى ئالىملار توي زىياپىتى بېرىشنى ۋاجىپ دەپ قارىغان، ئىبنى بۇرەيدە ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئويلىنىش ئۈچۈن توي تەكلىپى قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «توي ئۈچۈن چوقۇم زىياپەت بولۇش كېرەك» دېدى. [ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 22526-ھەدىس].
شەيخ ئەلبانى" توينىڭ ئەدەپلىرى" نىڭ بابى 72-ھەدىستە مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا بىر مەسىلە يوق، ھاپىز ئىبنى ھەجەر پەتھۇل بارىدىمۇ شۇنداق دېگەن.
تويغا چاقىرىلغان كىشىنىڭ تويغا كېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تويغا چاقىرىلسا كېلىڭلار». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. ]
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دېگەن: تۇنجى چاقىرىلغان تويغا بېرىش كېرەك، ئۆزى بىۋاستە چاقىرىلغان بولسۇن ياكى ۋەكىلى ئارقىلىق ياكى باغاق ئەۋەتىلگەن بولسۇن ئۇ تويغا بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى ئۇ تويدا مۇنكەر ئىشلار بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر تويدا مۇنكەر ئىشلار بولىدىغان بولسا، بۇنىڭ تەپسىلاتى: تويغا ھازىر بولسا يۈز بېرىدىغان مۇنكەر ئىشلارنى توسالايدىغان بولسا، ئۇ تويغا بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر مۇنكەرنى توسۇشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ تويغا ھازىر بولىشى توغرا بولمايدۇ" . "ئۆچۇق سۆھبەت" (133/13). بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 22006 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
توي زىياپىتى گۆشسىز بولسىمۇ بولىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنە بىلەن خەيبەر ئارىسىدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ سەپىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن توي قىلدى، مۇسۇلمانلارنى توي زىياپىتىگە چاقىردى، زىياپەتتە نان ۋە گۆش قاتارلىق نەرسىلەر يوق ئېدى، بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تېرە دەستۇرخانلارنى سېلىشقا بۇيرىدى، دەستۇرخانغا: خورما، پىشلاق ۋە سېرىق مايلار قويۇلدى». [بۇخارى رىۋايىتى4213 -ھەدىس].
تۆتىنچى: توي قىلغانلارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبرىكلىگەندەك تەبرىكلەش ياخشى بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توي قىلغان كىشىنى: «تەبرىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلاتتى: ئاللاھ تائالا سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن، رەھمەت قىلسۇن، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلىق بىلەن جەملىسۇن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2130-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.]
بەشىنچى: توي قىلغان يىگىت قىزنىڭ يېنىغا كىرگەندە، قىلىنىدىغان ئىشلار:
-توي كېچىسىدە ئايالىغا بەك مېھرىبان-كۆيۈمچان بولۇش.
ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تويى بولغان كۈنى ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تەييار قىلغان ئىدىم، مەن بىلەن بىر قانچە ئاياللار بار ئىدى، بىز يېنىمىزدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېھمان قىلىدىغانغا بىر قاچا سۈتتىن باشقا نەرسە تاپالمىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈتتىن ئازراق ئېچىپ، قالغىنىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا سۇندى، قىزچاق ھايا قىلىپ قورۇنۇپ قالدى، بىز ئۇنىڭغا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قولىنى قايتۇرماڭ، قاچىنى ئېلىڭ دېدۇق، ئۇ ھايا قىلىپ قاچىنى ئېلىپ سۇتتىن ئىچتى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قاچىدىكى سۈتنى ھەمراھلىرىڭىزغا سۇنۇپ بېرىڭ دېدى. بىز: كۆڭلىمىز تارتمايدۇ رەھمەت دېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاچلىق بىلەن يالغانچىلىق بىريەرگە جۇغلانمايدۇ» دېدى. [ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 26925-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ: "توينىڭ ئەدەپلىرىدە" (19) كەلتۈرگەن.]
-يىگىت قولىنى ئايالىنىڭ بېشىغا قويۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىش.
ئەمىر ئىبنى شۇئەيىب ئاتىسىدىن ئۇ چوڭ ئاتىسىدىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار توي قىلغان بولسا، ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ پېشانىسىگە قولىنى قويۇپ مۇنداق دۇئا قىلسۇن: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن: بۇ ئايالىمنىڭ ياخشىلىقى، تەبىئىتىنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، ئۇنىڭ يامانلىقى ۋە تەبىئىتىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن». [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2160-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن.]
بەزى سەلەپ ئالىملىرى ئىككىيلەننىڭ بىرگە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشى ياخشى دەپ قارىغان.
شەقىق مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن بىر قىزچاق بىلەن توي قىلغان ئېدىم، ئۇنىڭ مېنى ئۆچ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن دېگەن ئېدى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «ئۇلپەت-يېقىنلىق ئاللاھدىن، ئۆركۈش-ئۆچ كۆرۈش شەيتاندىن، شەيتان ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھالال قىلغان ئىشنى ئۆچ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، قىزچاق ئۆيۇڭگە كەلگەندە، ئۇنى ساڭا ئەگىشىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغىن» دېدى. [ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايىتى 17156 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ: "توينىڭ ئەدەپلىرىدە"(24) كەلتۈرگەن.]
-ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلماقچى بولغاندا بۇ دۇئانى ئوقۇش ياخشى بولىدۇ: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئى ئاللاھ! شەيتاننى بىزدىن ۋە بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىدىغان ئەۋلادلاردىن يىراق قىلغىن».
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىققەت قىلىڭلار! سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلماقچى بولغاندا: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئى ئاللاھ! شەيتاننى بىزدىن ۋە بىزگە رىزىق قىلىپ بېرىدىغان ئەۋلادلاردىن يىراق قىلغىن دېسە، ئۇلارغا پەرزەنت بېرىلىپ قالسا شەيتان ئۇنىڭغا زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى3271-ھەدىس].
ئاخىرىدا: ئەر-ئايال ئىككەيلەننى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىشقا، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ گۈزەل ياشاشنى تەكىتلەيمىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ فَإِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا تەرجىمىسى: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن». [سۈرە نىسا 19 -ئايەت. ]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئىپپىتىنى ساقلىسا، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ئايالغا: جەننەتكە جەننەتنىڭ ئېشىكلىرىنىڭ قايسىسىدىن كىرسىڭىز كېرىڭ دېيىلىدۇ». [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تەخرىجىل مىشكاتتا" 3254 -كەلتۈرگەن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.