سەيشەنبە 21 شەۋۋال 1445 - 30 ئاپرىل 2024
Uygur

ئېھرام جەريانىدا بىلمەستىن خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرىسىدا

سۇئال

ئۆمرە قىلدىم، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن، ئاللاھدىن قوبۇل قىلىشنى سورايمەن، لېكىن مەن ئېھرامدىن چىقىشتىن ئىلگىرى  بىلمەستىن خۇشپۇراق تەر يوقۇتۇش بۇيۇملىرى ئىشلىتىپتىمەن، بۇنىڭغا جازا كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئېھراملىق كىشىنىڭ بەدىنىگە ياكى كىيىمىگە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدۇق، ئېھراملىق بىر كىشى تۆگىسىدىن موللاق ئېتىپ بوينى قاتلىشىپ ۋاپات بولدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇنى سېدىر يوپۇرمىقى ئارىلاشتۇرۇلغان سۇ بىلەن يۇيۇڭلار، ئىككى كىيىم بىلەن كىپەنلەڭلار، خۇشبۇي نەرسە سۈركىمەڭلەر، بېشىنى ئورىماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە تېرىلدۈرىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 1267-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 1206-ھەدىس].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار ئېھراملىق كىشىنىڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن". ["ئەلمۇغنى" 3-توم 147-بەت].

   تەرنى يوقىتىدىغان خۇشپۇراق نەرسىمۇ خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

لېكىن ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان بولسا ئۇنىڭغا بىر نەرسە بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى:«سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت]. 

  بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 49026 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى