يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

پۇل-ماللىرىنى توغرا يول قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ ؟

سۇئال

   ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە كۆپ مال-دۇنيا ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنى قانداق تەسەررۇپ قىلىدۇ؟، قانداق ئىشلىتىدۇ، قانداق مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىماستىن قانداق پايدا ئالىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مال ئاللاھ رازى بولىدىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا تائەت -ئىبادەت قىلىنىدىغان يوللارغا سەرپ قىلىنسا نېمەت بولىدۇ، ناچار ئىشلارغا سەرپ قىلىنسا ياكى ئىگىسىنىڭ چوڭچىلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىشىغا تۈرتكە بولسا ياكى ئۇ كىشىنى تائەت-ئىبادەت، زىكىر-تەسبىھ ئىشلىرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويسا، ئۇ ۋاقىتتا ئازاب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مال-دۇنيانىڭ پىتنىسى-سىناقلىرىدىن ھەزەر قىلىش توغرىسىدا ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىندى. مال كۆپ ۋاقىتلاردا ساھىبنى ھەددىدىن ئاشىدىغان ۋە مال -دۇنيا بەرگۈچىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئۇلاردىن مالدىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغانلار ئاز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يامانلىق ۋە ئازاب بىلەن سىنىغاندەك، ياخشىلىق ۋە نېمەتلەر بىلەنمۇ سېنايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: وَنَبْلُوكُمْ بِالشَّرِّ وَالْخَيْرِ فِتْنَةً وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ تەرجىمىسى: «سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز)» [سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن سىلەرنىڭ كەمبەغەل بولۇپ قىلىشىڭلاردىن ئەنسىرىمەيمەن، لېكىن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە دۇنيا كەڭرى بولۇپ كېتىپ، دۇنيا تېپىشتا بەسلىشىپ ھالاك بولۇپ كەتكەندەك، سىلەرگىمۇ دۇنيا كەڭرى بولۇپ كېتىپ، دۇنيا تېپىشتا بەسلىشىپ ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن». [بۇخارى رىۋايىتى4015-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2961- ھەدىس].

    ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقدۇر، ئاللاھ تائالا سىلەرنى دۇنيادا ئىز باسار قىلىدۇ، قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ھەزەر قىلىڭلار، ئاياللاردىن ھەزەر قىلىڭلار، ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللار ئارقىلىق بولغان.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2742-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ھالال كەسىپ قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان بولسا، ئىقتىسادنىمۇ ئاللاھ تائالاغا تائەت -ئىبادەت قىلىدىغان، يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئورۇنلارغا سەرپ قىلغان بولسا، مال ئۇ كىشىگە نېمەت بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى كىشىگە بېرىلگەن مال نېمە دېگەن ياخشى مال». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 17096-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئادابۇل مۇپرەدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 299-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك ئىشتىن باشىقىدا ھەسەت قىلىش توغرا بولمايدۇ: بىرى: ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە مال-دۇنيا ئاتا قىلغان بولۇپ، ئۇ كىشى مال-دۇنيانى ھەق يولغا سەرپ قىلغان بولسا، يەنە بىرى: ئاللاھ تائالا بىر كىشىگە ئىلىم-مەرىپەت ئاتا قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۇ ئىلىم بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئادىللىقنى بەرپا قىلغان ۋە ئۇنى باشقىلارغا تەلىم بەرگەن بولسا، بۇ توغرىدا مەنمۇ شۇنداق قىلغان بولسامكەن دەپ ئۇنى ئارزۇ قىلسا بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى73-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى816-ھەدىس].

   ئىككىنچى: ياخشى ئىشلارغا مال سەرپ قىلىش يوللىرى كۆپ بولۇپ: مەسچىت بىنا قىلىش، سەدىقە قىلىش، يېتىملەرگە ئىگە بولۇش، كېسەل ۋە ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش، ئۇرۇغ-تۇغقان، يېقىن-يورۇق، بالا-چاقا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى خۇرسەن قىلىش، تەكرار ھەج-ئۆمرە قىلىش، ئىلىم ئوقۇلىدىغان، قۇرئان ياد قىلىنىدىغان ۋەخپىلەرنى بىنا قىلىش، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قەرز بېرىش، قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە مۆھلەت بېرىش، ئومۇمى مىللەتكە پايدىسى بولىدىغان خەيرىيەت ئورۇنلىرىنى قۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش، پايدىلىق بولغان تىلىۋېزىيە قاناللىرى، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئېچىش قاتارلىق سانىنى ئاللاھدىن باشقىسى بىلمەيدىغان ياخشىلىق يوللىرى كۆپتۇر. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى: نەپىقە قىلغۇچى ھەقىقى مېلىنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن تەقدىم قىلغان مال ئىكەنلىكىنى بىلشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى تاپىدۇ. ئەمما ساقلاپ قالغان مال بولسا، ھەقىقەتتە ئۇ كىشىنىڭ مېلى ئەمەس. ئۇ پەقەت ۋارىسلىرىنىڭ مېلىدۇر. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قايسىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېلىدىن ۋارىسىنىڭ مېلى بەك ياخشى كۆرەلگۈچى بولىدۇ؟» دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ روسۇلى! ھەر بىرىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ مېلىمىز بەك ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر، دېدى. ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: ئۇلارنىڭ مېلى بولسا ھايات ۋاقتىدا نەپىقە قىلغان ماللار، ۋارىسلارنىڭ مېلى بولسا ۋاپات بولغاندا قالدۇرۇپ كەتكەن ماللار دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 6442- ھەدىس].

   ئۈچىنچى: مالنى قانداق ئىشلىتىش ۋە كۆپەيتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھەر ساھەدىكى كەسىپ-تەجرىبە ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بولىدۇ، لېكىن بىز بۇ توغرىدىكى ئومۇمى بەلگىلىمىنى بىلدۈرۈپ قويايلى:

   1-ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن يولغا قويۇلىدىغان مۇئامىلىلەرنى سوراش ۋە مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى تاللاش كېرەك.

   2-جازانە بانكىلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلىشنى دۇرۇس دەپ پەتىۋا بەرگەن كىشىنىڭ پەتىۋاسىغا ئالدىنىپ قالماسلىقى لازىم. ھەقىقەتەن جازانە دېگەن بەرىكەتنى يوق قىلىدىغان ۋە ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدىغان يول بولۇپ، ئۇنداق قىلغۇچى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا جەڭ ئېلان قىلغان بولىدۇ.

   3- شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

   4-ھارام مالنىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە ئەۋلادلىرىغا بولغان خەتىرىنى بىلىش كېرەك.

   5-تەدرىجى ھالەتتە قانائەتچانلىق بىلەن ئىلگىرىلەش، تەتقىق قىلماستىن ۋە تەمكىن بولماستىن تىزدىن كەلگەن پايدىلاردىن مەغرۇرلانماسلىق كېرەك.

   6-بۇ نېئمەتنى زايە قىلىۋېتىشىدىن ۋە ئىشەنچىسىز كىشىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ يوق بولۇپ كېتىشىدىن ھەزەر قىلىش كېرەك.

   7-راستچىللىق، سەمىمىيلىك ۋە ئامانەتدارلىقنى تاللاش، ساختىپەزلىك ۋە مالنىڭ ئەيىبىنى يوشوروشتىن يىراق بولۇش، چۈنكى بۇ پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش، ئەجىر-ساۋابنى ھاسىل قىلىش ۋە بەرىكەت تېپىشنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلىم-سېتىم قىلغۇچى راست سۆز قىلسا، مالنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئوچۇق دېسە، ئۇ ئىككىيلەننىڭ سودىسىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئەگەر يالغان سۆز قىلسا ۋە ئەيىبىنى يوشۇرسا ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدىكى سودىنىڭ بەرىكىتى يوق بولىدۇ». [بۇخارى  رىۋايىتى2097-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1532-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ مېلىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلىشنى سورايمىز. سىزنى ئۇ مالنى ھالال يول بىلەن كۆپەيتىپ، ئاللاھ ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى