شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئانىسىنىڭ جازانە بانكىسىدا خىزمەت قىلىپ ئالغان مائاش پۇلى پەرزەنتلىرىگە ھالال بولامدۇ؟

سۇئال

    ئايالى ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ئانىسى بانكىنىڭ پايچېكى بۆلىمىدە مائاش ئېلىپ خىزمەت قىلىدۇ، ئانىسى ئېرىنىڭ بۇ مائاشنى قىزىغا نەپىقە قېلىپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ، ئەر ئايالىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئىلىپ كېتىشكە قادىر بولالمايدۇ ۋە ئايالىنى ئېمىۋاتقان بوۋاق بىلەن يالغۇز تاشلاپ قويۇشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جازانە بانكىسىدا خىزمەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق خىزمەت بىلەن تاپقان مالمۇ ھالال بولمايدۇ، لېكىن خىزمەت قىلغۇچى بۇنداق خىزمەت قىلىپ پۇل تىپىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولسا، ئىشلەپ ئالغان ئىش ھەققىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ، يىللىق ئالىدىغان مۇپاكات ۋە ئايلىق ئىش ھەققىدىن تۇتۇپ قالغان مائاشىمۇ بۇنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ، ئەمما ئۇ يەردە خىزمەت قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىپ ئالغان ئىش ھەققى ھالال بولمايدۇ.

    جازانە بانكىسىدا خىزمەت قىلىش سەۋەبى بىلەن ئالغان بۇ ھارام مال شۇ يەردە خىزمەت قىلغان كىشىگىلا ھارام بولىدۇ، ئەمما ئۇ كىشىدىن توغرا يول بىلەن ئالغان كىشىگە ھارام بولمايدۇ، قىزچاق ۋە ئائىلىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئوزۇقلانسا بولىدۇ، بولۇپمۇ جازانىدىن يىراق بولۇش، جازانە يوللىرى بىلەن مال كەسىپ قىلىشتىن نەپرەتلىنىدىغان نەسىھەتلەرنى كۆپ ئاڭلىغاندا  ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئاتامنى ئاللاھ كەچۈرسۇن، ئۇ جازانە بانكىسىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئالغان ئىش ھەققىدىن بىز يېمەك-ئىچمەك،خىراجەت قىلساق قانداق بولىدۇ؟، لېكىن بىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا كېرىمىمىزمۇ بار، ئۇ چوڭ ئاچامنىڭ ئىش ھەققى، بىز چوڭ ئائىلە بولساقمۇ ئاتامنىڭ ئىش ھەققىنى قويۇپ قويۇپ، چوڭ ئاچامنىڭ ئىش ھەققىنى خىراجەت قىلساق بولامدۇ؟ ياكى ئاچامنىڭ بىزگە نەپىقە قىلىش مەسئۇلىيىتى بولمىسا، ئاتامنىڭ ئىش ھەققىدىن خىراجەت قىلساق بولاۋىرەمدۇ؟.  دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "مەن دەيمەنكى، خىراجەتنى ئاتاڭلارنىڭ ئىش ھەققىدىن ئىلىڭلار، ئاتاڭلارغا چارچاش بولسىمۇ سىلەرگە سىڭىشلىك بولىدۇ، چۈنكى سىلەر ئاتاڭلارنىڭ ھەقىقى مېلىدىن ئالىسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا مال بولمىغان بىلەن ئۇنىڭ نەزىرىدە مال، سىلەر ئۇنىڭدىن ھەق بىلەن ئالىسىلەر، گەرچە چارچاش، جاپا تارتىش ۋە خاتالىق ئاتاڭلارغا بولسىمۇ سىلەرگە مۇھىم ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ جازانىخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە ھارام يەيدىغانلىقى مەلۇملۇق بولسىمۇ، يەھۇدىينىڭ ھەدىيەسىنى  قوبۇل قىلغان، يەھۇدىينىڭ تامىقىنى يېگەن، يەھۇدىيدىن بىر نەرسە سېتىۋالغان، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرا بولغان يول بىلەن يەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن مالغا توغرا يول بىلەن ئىگە بولسا گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى بەرىرەنىڭ ۋەقەلىكىگە قاراپ باقايلى، ئۇنىڭغا گۆش سەدىقە قىلىنغان، بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرگەندە ئوچاققا قازان ئېسىلغانلىقنى كۆرۈپ يېمەك كەلتۈرۈشكە بۇيرىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا گۆشسىز يېمەك كەلتۈردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قازاندا بىر نەرسە قايناۋاتىدىغۇ؟» دېگەن ئىدى، ئۆيدىكىلەر: شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! لېكىن ئۇ بەرىرىگە سەدىقە قىلىنغان گۆش ئېدى دەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەدىقە يېمەيتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئېلىپ كېلىڭلار ئۇ بەرىرىگە سەدىقە، بىزگە ھەدىيە» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سەدىقە يېيىش ھارام بولماقلىقى بىلەن تۇرۇقلۇق ئۇ گۆشتىن يېدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ گۆشنى سەدىقە ھالىتىدە تاپشۇرۇپ ئېلىپ يېمىدى، بەلكى ھەدىيە سۈپىتىدە ئېلىپ يېدى.

    ئاشۇ قېرىنداشلارغا دەيمىزكى: ئاتاڭلارنىڭ مېلىدىن كەڭ-ئازادە سىڭىشلىك يەڭلار، ئۇنىڭ خاتالىقى ۋە ۋابالى ئاتاڭلارغا، لېكىن ئاللاھ ئاتاڭلارنى توغرا يولغا باشلىغاي، تەۋە قىلىشقا مۇشەررەپ قىلغاي. ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ". ["ئايلىق ئۇچرىشى" 16/45.]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى