شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

132624

تارقاتقان ۋاقىت : 13-07-2021

كۆرگۈچىلەر : 1129

سۇئال

   كۆپچىلىك كىشىلەر: ئې مۇھەممەد! بىزگە شاپائەت قىلغىن! دەيدۇ، بۇ سۆز شېرىك ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ۋاپات بولغانلاردىن شاپائەت تەلەپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش ئالىملارنىڭ قارىشىدا چوڭ شېرىك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھېچ نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ قُل لِّلَّهِ الشَّفَاعَةُ جَمِيعًا ۖ لَّهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ  ‏«شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (ھېچ ئادەم ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز شاپائەت قىلالمايدۇ)، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاندىن سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر». [سۈرە زۇمەر 44-ئايەت].

   شاپائەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن شاپائەت، دۇئا ۋە باشقا ھېچ قانداق بىر نەرسە توغرىسىدا تەسەررۇپ قىلىشقا ئىگە بولالمايدۇ. ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىشىدىن باشقا ھەممە ئىشلىرى ئۈزىلىدۇ: «ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە، باشقىلارغا مەنپەئەت بەرگەن ئىلىم، ۋاپاتىدىن كىيىنمۇ ئېھسان قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنت».    

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇممەتنىڭ دۇرۇت-سالاملىرى يەتكۈزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر ماڭا قەيەردە دۇرۇت-سالام يوللىساڭلار ماڭا يېتىدۇ».

    ئەمەللەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا توغرىلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ياخشىلىق بولسا ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىدۇ، يامانلىق بولسا بىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن ھەدىس زەئىپ بولۇپ ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىش توغرا بولمايدۇ. ئەگەر سەھىھ بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ بىزنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە باشقا ۋاپات بولغانلاردىن شاپائەت تەلەپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ شەرئى قائىدىگە ئاساسلانغاندا چوڭ شېرىك ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆلۈكتىن قىلالمايدىغان بىر ئىشنى تەلەپ قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭدەك، ئۆلۈكلەردىن كېسەللىككە شىپالىق تىلەش، دۈشمەنگە قارشى ياردەم تەلەپ قىلىش، قىيىنچىلىقتىن ياردەم تىلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شېرىك ئەمەللەردە، بۇ مەسىلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن  ياكى شەيخ ئابدۇل قادىر جىيلانىدىن ياكى پالان، پالانىدىن ياكى ئەھمەد بەدەۋىيدىن ياكى ھۈسەيىندىن ۋە باشقىلاردىن شاپائەت تەلەپ قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرىق يوق، ئۆلۈكلەردىن بۇنداق تەلەپلەرنى قىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇ شېرىكنىڭ تۈرلىرىدىندۇر.

    ھەقىقەتەن مەيىت مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭغا رەھمەت، مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قېلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا مۇسۇلمان كىشى دۇرۇت-سالام يوللىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشى ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەش، دۈشمەنگە قارشى ياردەم تىلەش، بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولمايدۇ، بۇ جاھىلىيەتنىڭ قىلمىشى بولغان شېرىك ئەمەللەردىندۇر. مۇسۇلماننىڭ بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىشى ۋە ئېھتىياتچان بولىشى كېرەك بولىدۇ. پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالىرىدىن: "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋا" 1-توم 392-بەت.

مەنبە: (پەتىۋا نۇرۇن ئەلەددەرب )