يەكشەنبە 21 سەپەر 1446 - 25 ئاۋغۇست 2024
Uygur

قەبرىنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش ۋە شاپائەتنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

مەن تەسەۋۋۇپ قارىشىدىكى بەزى دوستلىرىم بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالدىم، ئۇلار مەندىن: قەبرىنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش ۋە بەزى دىندار ئالىملارنىڭ قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلىدىغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىمنى سورىدى.

   مەن ئۇ كىشىگە:  قەبرىنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش شېرىك بولىدۇ، قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ كىشى شاپائەت قىلالمايدۇ دېدىم، مەن ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى قارىشىنى بىلمەكچى ۋە بۇنىڭ دەلىلىچۇ؟ . مېنىڭ بۇ سوئالىمغا تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  قەبرىنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش مەسىلىسى.

   قەبرىنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچى:  قەبرە ساھىبى ئۈچۈن ناماز ئادا قىلىش، بۇ ئىنساننى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ شېرىكتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى ناماز دېگەن ئىبادەت بولۇپ، ئىبادەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە سەرپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار» [سۈرە نىسا 36 -ئايەت.]

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ لَا يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَاءُ ۚ وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا  تەرجىمىسى: « ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى (يەنى مۇشرىكلىك گۇناھىنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ». [سۈرە نىسا 116 -ئايەت.]

   ئىككىنچى: قەبىرىستانلىقتا ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئادا قىلىش، بۇ قىسىمنىڭ ئاستىدا بىر قانچە مەسىلىلەر بار:

  1-قەبرىستانلىقتا جىنازا نامىزى ئادا قىلىش، بۇ دۇرۇس.

   بۇ توغرىدىكى ئەسلى مەسىلە:  بىر كىشى ۋاپات بولدى، مەسچىتتە ئۇ كىشىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئادا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئۈچۈن مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىشىڭىز دۇرۇس بولىدۇ.

  بۇنىڭ دەلىلى:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغانلىقىدۇر، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «مەسچىتنى تازىلايدىغان قارا تەنلىك بىر ئايال ۋاپات بولۇپ كەتتى، يەنى كېچە ۋاقتىدا، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلماي كېچىدە نامىزىنى ئادا قىلىپ دەپنە قىلىۋەتتى، كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى سورىغان ئېدى، ساھابىلار ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىسىنى ماڭا كۆرسىتىپ قويۇڭلار دەپ قەبىرىستانلىققا كېلىپ ئۇ ئايالغا جىنازا نامىزى ئوقۇدى». [بۇخارى رىۋايىتى 458 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى956  -ھەدىس].

   2-قەبرىستانلىقتا جىنازا نامىزى ئادا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

   بۇ توغرىدىكى ئەسلى مەسىلە:  بىر كىشى ۋاپات بولدى، مەسچىتتە ئۇ كىشىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئادا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىز قەبرىستانلىققا بېرىپ مېيىتنى دەپنە قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ نامىزىنى ئادا قىلدىڭىز.

   شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئادا قىلىش دۇرۇس بولغاندەك، ئۇنى دەپنە قىلىشتىن ئىلگىرىمۇ قەبىرىستانلىقتا جىنازا نامىزى ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى:  مەسچىتنى تازىلايدىغان دېدەك ۋاپات بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى سۈرۈشتۈرگەن ئېدى، ساھابىلار ۋاپات بولدى دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  ماڭا خەۋەر قىلماپسىلەر؟ ماڭا قەبرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار دېدى، ساھابىلار قەبرىسىنى كۆرسىتىپ قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ قەبىرلەرنىڭ ئەھلىگە قاراڭغۇ-زۇلمەت توشۇپ كېتىپتىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ مېنىڭ ئۇلارغا قىلغان دۇئايىم بىلەن ئۇلارنىڭ قەبرىسىنى نۇرلاندۇرۇپ بەردى» دېدى. [ مۇسلىم رىۋايىتى 956-ھەدىس].

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  8 -توم 392 -بەت.

 3 -قەبرىستانلىقتا جىنازا نامىزىدىن باشقا پەرز بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن نامازلارنى ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ.ئەگەر ناماز قىلغان بولسا باتىلدۇر. بۇنىڭ دەلىلى:

   بىرىنچى:  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «قەبرىستانلىق ۋە ھاجەتخانىدىن باشقا زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرى ناماز ئادا قىلىدىغان جايدۇر» دېگەن سۆزى . [تىرمىزى رىۋايىتى 317-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 745-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا606 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىسىنىڭ ئەتراپىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىۋالغان يەھۇدى ۋە ناسارالارغا لەنەت قىلدى»  دېگەن سۆزىدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 435-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى529-ھەدىس].

    ئۈچىنچى:  ئىللەت:  قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىش دېگەن قەبرىگە چوقۇنۇشقا ئېلىپ بارىدۇ ياكى قەبرىگە ئىبادەت قىلىدىغان كىشىگە ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلار كۇن چېقىۋاتقان ۋە كۈن ئولتۇراۋاتقاندا قۇياش ئۈچۈن سەجدە قىلاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنۇش ياكى ئىبادەتتە كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشقا يول بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كۇن چېقىۋاتقان ۋە كۇن ئولتۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىگەن

   4-توغرا قاراشتا قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىش بولسا ھارامدۇر.

   بۇ توغرىدىكى ئەسلى مەسىلە: سىز ناماز ئادا قىلىۋاتقاندا قىبلە تەرەپتە قەبرە بولىدۇ ياكى سىز قەبرىگە يۈزلىنىپ ئوقۇيسىز، سىز ئەسلىدە قەبىرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلمىدىڭىز بەلكى قەبىرىستانلىققا يېقىن جايدا ناماز ئادا قىلدىڭىز، سىز بىلەن قەبرىنىڭ ئارىلىقىدا تام ياكى رېشاتكا دېگەندەك بىر نەرسە يوق.

    بۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى:

   1-ئەبى مەرسەدىل غەنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەبىردە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلماڭلار» مۇسلىم رىۋايىتى972-ھەدىس.]

  يۇقىرىدىكى ھەدىس قەبرىستانلىققا ياكى قەبىرلەرگە ھەتتا بىر قەبرىگە بولسىمۇ يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

   2-قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىشتىن ياكى قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىنىشىنىڭ ئىللىتى:  ئىنسان نامازنى قەبرىگە يۈزلىنىپ ياكى قەبرىستانلىقتا ئادا قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشى قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىۋاتىدۇ دېيىلگەنلىكتىن بۇ شەكىلدە ناماز ئادا قىلىشمۇ چەكلىمە دائىرىسىگە كىرىدۇ، ئەگەر چەكلىمە دائىرىسىگە كىرىدىكەن، ناماز ئادا قىلماڭلار دېيىش توغرا بولمايدۇ. بۇ يەردىكى چەكلىمە نامازدۇر، قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلسا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدە تائەت بىلەن ئاسىيلىقنىڭ ئارىسىنى جۇغلىغان بولدى، بۇ شەكىلدە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش مۇمكىن بولمايدۇ.

   ئاگاھلاندۇرۇش:  ئەگەر سىز ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇن بىلەن قەبرىستانلىقنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام ياكى رېشاتكا دېگەندەك نەرسىلەر بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ناماز ئادا قىلىش چەكلەنمەيدۇ، توغرا بولىدۇ، شۇنىڭ  ئۈچۈن سىز بىلەن قەبرىستانلىق ئارىسىدا يول ياكى يىراقراق ئارىلىق بولسا بۇنىڭ بىلەن ئىنسان قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلغان بولمايدۇ.  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.  ["ئەل مۇغنى"  1 -توم 403 -بەت. ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ" شەرھىل مۇمتى"   2  -توم 232 -بەتكە قارالسۇن].

   ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلسۇن.

   ئىككىنچى:  شاپائەت مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ كىشى شاپائەت قىلمايدۇ دېگەن سۆزدە خاتالىشىپسىز، بەلكى قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە باشقا مۆمىنلەرمۇ شاپائەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە  11931-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    لېكىن بۇ يەردە سىز زىكىر قىلمىغان بىر مەسىلىنى قېتىپ قويىمىز، ئۇ بولسىمۇ شاپائەتنىڭ شەرتلىرىدىن ئىبارەت:

  بىرىنچى:  شاپائەت قىلغۇچىنىڭ شاپائەت قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىزنە قىلغان بولىشى.

  ئىككىنچى:  شاپائەت قىلىنغۇچىدىن ئاللاھ تائالا رازى بولغان بولىشى.

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى شەرتنىڭ دەلىلى:  ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر: وَكَم مِّن مَّلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لَا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا إِلَّا مِن بَعْدِ أَن يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَن يَشَاءُ وَيَرْضَى تەرجىمىسى: «ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ» [سۈرە نەجمى 26 -ئايەت.]

   ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى: وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ» [سۈرە ئەنبىيا 28 -ئايەت].

   ئەمما بۇت-ھەيكەللەرگە چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى چوقۇنىۋاتقان مەخلۇقلاردىن ئۈمىد قىلىدىغان خىيالى شاپائەتلىرى دېگەن بىكار-باتىل ئىشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا شاپائەت قىلغۇچى ۋە شاپائەت قىلىنغۇچىلاردىن پەقەت ئۆزى رازى بولغان كىشىلەرگىلا ئىزنە بېرىدۇ.  [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ: "قەۋلۇل مۇپىيد شەرھى كىتاب تەۋھىد"  336-337 -بەتلەر].

لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە مۆمىنلەرنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلىشنىڭ خۇددى بەزىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن شاپائەت تەلەپ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇلاردىن شاپائەت تەلەپ قىلىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد