سەيشەنبە 15 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1441 - 12 نويابىر 2019
Uygur

ۋەخپە توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر

سۇئال

   ۋەخپە ئىشلىرى توغرىسىدا ئىسلامى ھۆكۈملەر نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ۋەخپە دېگەن: ئەسلىنى ساقلاپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىلىدىغان پايدىنى سەرپ قىلىشتۇر، ئەسلى دېگەن: ئۆي-زېمىن، دۇكان، باغ  قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەسلىنى قالدۇرۇپ ئۇ نەرسىلەردىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن پايدىلىنىشتۇر، بۇنىڭدىن كېلىدىغان مەنپەئەت دېگەن: باغنىڭ مېۋىسى، دۇكان ۋە يەر-زېمىننىڭ ئىجارىسى ۋە ئۆيلەردىن پايدىلىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

    ۋەخپىنىڭ ھۆكمى: ئىسلامدا ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىندۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ يېنىمدا خەيبەر غازىتىدا ئېرىشكەن مالدىنمۇ ئېسىل بىر مال يوق، بۇنى نېمە قىلىشقا بۇيرىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەگەر خالىساڭ ئۇنىڭ ئەسلىنى ساقلاپ قىلىپ، كېلىدىغان مەنپەئەتنى سەدىقە قىلغىن، لېكىن ئۇنىڭ ئەسلى سېتىلمايدۇ، سوغات قىلىنمايدۇ ۋە مىراس قالدۇرۇلمايدۇ» دېدى.

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى كەمبەغەللەر، يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، قۇل ئازاد قىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، مۇساپىرلارغا خەيرى-ئېھسان قىلىش ۋە مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلدى.

     مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا قىلغان رىۋايىتىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ، ئۇلار: داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە، ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن باشقىلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئىلىم ۋە ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنتىن ئىبارەتتۇر».

    جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىقتىسادى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم نەرسىلەرنى ۋەخپە قىلاتتى» دېيىلگەن.

    قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەزھەب ئىماملىرى ئارىسىدا كۆۋرۈك ۋە مەسچىد قاتارلىق جايلارنى ۋەخپە قىلسا توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى ۋەخپە قىلىش توغرىسىدا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار.

    ۋەخپىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن، ھۆر، ئەقىللىق بولىشى شەرت قېلىنىدۇ، بالاغەتكە يەتمىگەن، ئەقىلسىز ۋە قۇللارنىڭ بىر نەرسىنى ۋەخپە قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

     ۋەخپە تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئاغزاكى: مەن بۇ جاينى ۋەخپە قىلدىم ياكى بۇ جاينى مەسچىت قىلدىم دېگەندەك، ۋەخپە قىلغانلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بىلەن بولىدۇ.

     ئىككىنچى: كىشىلەر ئارىسىدا بىر نەرسىنى ۋەخپە قىلغانلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن يەنى: بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھۆيلىسىنى مەسچىت قىلىپ، كىشىلەر ئارىسىدا بۇ ۋەخپە قىلغان جايدا ناماز ئوقۇشنى ئومۇمغا ئېلان قىلىش ياكى بۇ جاينى قەبرىستانلىق قىلغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە مەيىتلەرنى دەپنە قىلىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بولىدۇ.

    ۋەخپە قىلىنغاندا ئىپادىلىنىدىغان سۆزلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچىسى: مەن بۇ جاينى ۋەخپە قىلدىم، ھەق يولىدا توختاتتىم، ئاللاھ يولىغا سەرپ قىلدىم، ۋەخپە دەپ ئاتىدىم دېگەنگە ئوخشاش ئوچۇق ئىپادىلەش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەر ئوچۇق سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەر ۋەخپىدىن باشقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماستىن مۇشۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە ۋەخپە بولىدۇ.

    ئىككىنچىسى: ئوچۇق بولمىغان دارىتما سۆزلەر بىلەن بولىدۇ، يەنى: مەن بۇ يەرنى سەدىقە قىلدىم، ئۆزۈمگە چەكلىدىم، مەڭگۈلۈك قىلدىم دېگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ كىنايە-دارىتما-دەپ ئاتىلىشى، بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەقپىنىمۇ ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈچۈندۇر، ھەر ۋاقىت بۇ سۆزلەردىن بىرەرسى ۋەخپىنىڭ نىيىتى بىلەن ياكى ئوچۇق ۋەخپە ئىپادىلەيدىغان سۆزگە قېتىپ سۆزلەنسە، ئۇ ۋاقىتتا بۇمۇ ۋەخپە ھېسابلىنىدۇ، ۋەخپە بىلدۈرىدىغان روشەن سۆزلەر بىلەن بىرگە سۆزلەنگەننىڭ مىسالى: مەن بۇنى ۋەخپە قىلىش ياكى توختىتىش ياكى ئاللاھ يولىدا قىلىش  ياكى ئۆزۈمگە چەكلەش ياكى مەڭگۈلۈك خەيرى-ساخاۋەت قىلىش ئۈچۈن سەدىقە قىلدىم دېگەنگە ئوخشاش. ۋەخپىنىڭ ھۆكمىگە كىنايە-دارىتما سۆزلەرنى بىرگە كەلتۈرۈشنىڭ مىسالى: مەن بۇ جاينى ياكى بۇ نەرسىنى سېتىلمايدىغان ۋە مىراس قالدۇرۇلمايدىغان شەكىلدە سەدىقە قىلدىم دېگەنگە ئوخشاشتۇر.

    ۋەخپىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن بۇ شەرتلەر تولۇق بولىشى كېرەك:

    بىرىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ۋەخپە قىلغۇچى نەرسىلىرىنى تەسەررۇپ قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك.

     ئىككىنچى: ۋەخپە قىلىنغان نەرسە ئەسلىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن ئۇنىڭدىن كىلىدىغان مەنپەئەت داۋاملىشىدىغان بولىشى كېرەك، يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش بىر قېتىم مەنپەئەتلەنگەندىن كېيىن مەنپەئەتى تۈگەيدىغان نەرسىلەرنى ۋەخپە قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى: ۋەخپە قىلىنىدىغان نەرسە ئېنىق بولىشى كېرەك، ئەگەر مەن قۇللىرىمدىن بىرىنى ياكى ئۆيلىرىمدىن بىرىنى ۋەخپە قىلدىم دەپ ئېنىقسىز ھالەتنى ئىپادىلەش بىلەن ۋەخپە توغرا بولمايدۇ.

    تۆتىنچى: ۋەخپە دېگەن: مەسچىت، كۆۋرۈك، تۇرالغۇ جاي، سۇ ئىنشائاتلىرى، ئىلىم-مەرىپەت ۋە كىتاب ماتىرياللىرى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ياخشىلىق ئاساسىغا بولۇش كېرەك. چۈنكى ۋەخپە قىلىشتىكى مەقسەت ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر ۋەخپە قىلىنىدىغان نەرسە غەيرى دىندىكىلەر ياكى دىنسىزلارنىڭ مەئبەدلىرىگە ياردەم بېرىش، ئازغۇن پىرقىدىكىلەرنىڭ كىتاب-ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش، مازارلىقلارنى يورۇتۇش، خۇشبۇي قىلىش ياكى مازارغا قارايدىغانلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ياخشىلىق ھېسابلانمايدىغان تەرەپلەر ئۈچۈن قىلىنسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ-مەسىيەت، شېرىك ۋە كۇپۇرغا ياردەم قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

    بەشىنچى: ئېنىق بىر نەرسىنى ۋەخپە قىلغاندا ۋەخپىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ۋەخپە قىلىنىدىغان نەرسە ئۇ كىشىنىڭ كۆچمەس مۈلكى بولۇش كېرەك، چۈنكى ۋەخپە دېگەن بىر نەرسىگە ئىگە قىلىش بولۇپ، ئۆلۈك ۋە چارۋىلارغا ئوخشاش ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىلەرنى ۋەخپە قىلىش توغرا بولمايدۇ.

     ئالتىنچى: ۋەخپىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ۋەخپە تاماملانغان بولۇش كېرەك، ۋاقىتلىق ۋە بىر نەرسىگە ئالاقىدار قىلىپ ۋەخپە قىلىش توغرا بولمايدۇ، پەقەت مەن ۋاپات بولۇپ كەتسەم ئۆيلىرىم كەمبەغەللەرگە ۋەخپە بولىدۇ دەپ ۋەخپە قىلسا توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىگە بىر ئىش بولۇپ قالسا، سەمغا دېگەن زېمىن سەدىقىدۇر دېگەن، بۇ سۆز كىشىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولغان، بۇنى ھېچ كىشى ئىنكار قىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىجمانىڭ ھۆكمىدە بولغان، ئۆلگەندىن كېيىن ۋەخپە دېگەن نەرسە ئومۇمى مالنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا ئالاقىدار بولسا بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ۋەسىيەتنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

    ۋەخپىنىڭ ھۆكۈملىرىدىن: ۋەخپى قىلىنغان نەرسىدە شەرىئەتكە خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدا، ۋەخپە قىلغۇچنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلار ھەر ۋاقىت قىلىشقان شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ، پەقەت ھالالنى ھارام ۋە ھارامنى ھالال قىلىدىغان شەرتلەر بولسا ئەمەل قىلىنمايدۇ».

     ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ بىر زېمىننى ۋەخپە قىلىپ، ئۇنىڭدا مەلۇم شەرتلەرنى بېكىتكەن، ئەگەر قىلىنغان شەرتلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا شەرت قىلغاننىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە زىت بولمىغان ئەھۋالدا، ۋەخپى قىلغان نەرسىنىڭ مىقدارىنى بېكىتكەن بولسا ياكى مەنپەئەتلىنىشى ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ بەزىسىگە ياكى ھەممىسىگە بەزى نەرسىلەرنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىشنى ياكى پايدىلىنىشى ھەق بولىدىغان كىشىلەردە بولۇشقا تىگىشلىك مەلۇم سۈپەتلەرنى شەرت قىلغان بولسا، ياكى بۇنى شەرت قىلمىغان بولسا ياكى ۋەخپىگە قاراش، ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارنى شەرت قىلغان بولسا، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر ھېچقانداق بىر شەرت قىلمىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ۋەخپىدىن باي-كەمبەغەل، ئەر-ئاياللار ئوخشاش مەنپەئەتلەنسە توغرا بولىدۇ.

    ئەگەر ۋەخپىگە نازارەت قىلغۇچى بېكىتىلمىگەن بولسا ياكى بېكىتىلگەن كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ۋەخپە ئېنىق نەرسە بولسا بۇنىڭغا قاراش ۋەخپە قىلىنغان كىشىگە بولىدۇ، ۋەخپە مەسچىتكە ئوخشاش مەلۇم بىر تەرەپكە ياكى سانى ئېنىق بولمىغان كەمبەغەللەرگە قېلىنغان نەرسە بولسا بۇنىڭغا قاراشنى شۇ يۇرتنى باشقۇرغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى مەلۇم بىر كىشىنى بېكىتىدۇ.

    ۋەخپىگە قارىغۇچى تەقۋادار، ئاللاھدىن قورقىدىغان ۋە ۋەخپىنى ياخشى ئىدارە قىلىدىغان كىشى بولۇش كېرەك، چۈنكى ۋەخپە دېگەن ئۇ كىشىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتتۇر.

    ئەگەر ۋەخپە قىلىدىغان نەرسىنى ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا ۋەخپە قىلغان بولسا، بۇنىڭغا قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەر ئورتاق ھەقلىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنىڭغا تەك شېرىكتۇر، مۇتلەق شېرىكچىلىك ھەقلىق بولۇشتا باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، خۇددى ئۇلارغا بىر نەرسىنى بېكىتسە بېكىتكەن نەرسە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوخشاش بولغاندەك. شۇنىڭدەك ئۆز بالىلىرىغا بىر نەرسىنى ۋەخپە قىلسا، ئۆز بالىلىرىدىن كېيىن بۇ ۋەخپە ئۆزىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرىنىڭ ئەۋلادىغا يۆتكىلىدۇ، قىز پەرزەنتلىرىنىڭ ئەۋلادىغا يۆتكەلمەيدۇ، چۈنكى قىز پەرزەنتلىرنڭ ئەۋلادى باشقا كىشىدىن بولۇپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ تەرىپىگە نىسبەت بېرىلىدۇ. قىزلارنىڭ پەرزەنتى بۇ ئايەتنڭ ھۆكمىگە كىرمەيدۇ:  يُوصِيكُمُ اللَّـهُ فِي أَوْلَادِكُمْ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.» [سۈرە نىسا 11-ئايەت].

    بەزى ئۆلىمالار: قىزلارنىڭ پەرزەنتىمۇ ئايەتتىكى ئەۋلاد دېگەن سۆزنىڭ جۈملسىدىن بولىدۇ، چۈنكى قىزلارمۇ ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتى، قىزلارنىڭ ئەۋلادىمۇ ھەقىقەتتە ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتىدۇر، دېگەن. توغرىنى ئاللاھ ھەممىدىن بەك ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    ئەگەر: ئوغۇل پەرزەنتلىرىمگە ياكى پالانى بالامغا ۋەخپە قىلدىم ۋەخپە ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە خاس قىلغان بولسا، بۇ ئوغۇل پەرزەنتلەرگە خاس بولىدۇ، چۈنكى ئوغۇل پەرزەنت دېگەن سۆز ھەقىقى ئوغوللارنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَمْ لَهُ الْبَنَاتُ وَلَكُمُ الْبَنُونَ  تەرجىمىسى: «ياكى ئاللاھنىڭ قىزلىرى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلار بارمۇ؟.» [سۈرە تۇر 39-ئايەت].

    لېكىن ۋەخپە قىلىنىدىغان نەرسىنى بەنى ھاشىم ۋە بەنى تەمىم دېگەندەك بىرەر قەبىلىگە ۋەخپە قىلغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا، ئاياللارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى قەبىلە دېگەن ئىسىم ئەر-ئايال ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

     ئەمما چەكلىك دائىرىدىكى بىر جامائەتكە ۋەخپە قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەڭ-باراۋەر مەنپەئەتلىنىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما بەنى ھاشىم ۋە بەنى تەمىم دېگەندەك چەكلىك دائىرىدىكى بىر جامائەت بولماستىن بەلكى كەڭ دائىرىدىكى بىر جامائەت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشى كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشى مۇمكىن بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى مەنپەئەتلەنسە كۇپايە قىلىدۇ.

    ۋەخپە دېگەن ئاغزاكى ئىپادىلەش بىلەن پۈتىدىغان كېلىشىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ۋەخپە قىلىپ بولۇپ يېنىۋىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ۋەخپە قېلىنغان نەرسىنىڭ ئەسلىسى سېتىلمايدۇ، ھەدىيە-سوغات قىلىنمايدۇ ۋە مىراس قالدۇرۇلمايدۇ». ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ: "ئالىملار مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ئەمەل قىلغان" دەيدۇ.

    ۋەخپە دېگەن ئەبەدىيلىك نەرسە بولغاچقا بۇنىڭدىن يېنىۋىلىش، سېتىۋىتىش ۋە ئۇنى يۆتكەپ ئېلىپ كېتىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ۋەخپىدىن مەنپەئەتلىنىش مۇمكىن بولمىغاندا، ۋەخپە ئولتۇراق ئۆي بولۇپ، ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتىپ ۋەخپىنىڭ كېرىمىدىن ئۇنى رىمىنۇت قىلىش مۇمكىن بولمىسا ياكى تېرىلغۇ يەر بولۇپ، ۋەيران بولۇپ ئۇنى ئاز مىقداردا بىر نەرسە بىلەن گۈللەندۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا خاراپ بولغان ۋەخپىنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەخپە ئورۇنلىرىغا سەرىپ قىلىش كېرەك بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ۋەخپە قىلغۇچىنىڭ مەقسىتىگە يېقىن بولىدۇ، ئۇنىڭ پۇلىغا ئوخشاش بىر ۋەخپە سېتىۋىلىش مۇمكىن بولمىسا، مۇۋاپىق بىر نەرسە سېتىۋالىدۇ، سېتىۋىلىنغان نەرسمۇ ئوخشاش ۋەخپە بولىدۇ.

    ۋەخپە قېلىنغان جاي مەسچىت بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئورنى ۋەيران بولغان بولسا، ئۇ جاينى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىنى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مەسچىتكە سەرپ قىلىدۇ، مەسچىتكە قاراشلىق يەنە باشقا ۋەخپە جاي بولسا، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان كېرىم ئۇ مەسچىتنىڭ ھاجىتىدىن زىيادە بولسا، ئۇنى باشقا بىر مەسچىتكە سەرپ قىلسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشمۇ ۋەخپە قىلىنغان نەرسىنىڭ تۈرىدىن مەنپەئەتلىنىش ھېسابلىنىدۇ، مەسچىتنىڭ ۋەخپىسىنىڭ ئارتۇق كېرىملىرىنى كەمبەغەللەرغە سەرپ قىلىش توغرا بولىدۇ.

    ئەگەر زەيدكە ياكى ئۆمەرگە بۇنىڭدىن ھەر يىلى يۈز كوي بېرىمىز دەپ ۋەخپە قىلغان بولسا، ۋەخپىنىڭ كېرىمىمۇ شۇنچىلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن زىيادە بولغان كېرىمنى كۈزىتىش كېرەك بولىدۇ.

     تەقىيىددىن رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر كېرىمنىڭ بېكىتكەن مىقداردىن ئارتۇق بولىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە سەرپ قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى قالدۇرۇپ قويۇش ئۇ كىشىگە زېيانلىق بولىدۇ".

     بىر نەرسىنى مەسچىتكە ۋەخپە قىلغان بولسا، ئەگەر ئۇ مەسچىت خاراپ بولغان بولسا، ۋەخپىدىن بۇنى ياساش مۇمكىن بولمىسا، ئۇنى باشقا بىر مەسچىتكە سەرپ قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: من كتاب الملخص الفقهي للشيخ صالح آل فوزان ص 158

كۆز قاراش ئەۋەتىش