شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىددەت تۇتىۋاتقان ئايالنىڭ قىلىشى چەكلەنگەن ئىشلار

سۇئال

ئېرى ۋاپات بولغان ئايال ھازا تۇتۇپ ئىددەتتە تۇرۇۋاتقاندا، ئۇ ئايال قىلىشتىن چەكلەنگەن ئىشلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئىددەت ئىچىدە ھازا تۇتىۋاتقان ئاياللارغا چەكلەنگەن ئىشلار:

   بىرىنچى: ئىددەتتىكى ئايال بىرەر مۇھىم ئىشى بولمىسا ئۆيىدىن چىقمايدۇ، كېسەل بولسا كۈندۈزدە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ كېلىدۇ، ئەگەر ئۆي ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان ياكى ئۆيگە ئوت كېتىدىغان دېگەندەك ئالاھىدە ئەھۋاللار بولمىسا ئاساسەن سىرتقا چىقمايدۇ.

    ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كۈندۈزى چىقىدۇ، ئەمما كىچىدە پەۋقۇلئاددە جىددى بىر ئىش بولمىسا سىرتقا چىقمايدۇ.

    ئىككىنچى: خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھازا تۇتىۋاتقان ئايالنى نورمال ۋاقىتتا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن، پەقەت ئادەت كۆرۈپ پاكىزلانغاندا، ھەيزنىڭ ئورنىدىن ھەيزنىڭ ئىزى-پۇرىقىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئاياللارغا نىسبەتەن زىننەت ھېسابلىنىدىغان چېرايلىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن، ياسانماستىن پەقەت ئۆزىنىڭ ئادەتتە ئۆيىدە كىيىدىغان كىيىملىرىنى كىيسە بولىدۇ.

   تۆتىنچى: سۈرمە تارتمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن. ئەگەر سۈرمە تارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسا كېچە تەرەپلەردە رەڭگى ئېنىق بولمايدىغان سۈرمىنى سۈرۈپ كۈندۈزدە يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

   بەشىنچى: ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىماسلىق كېرەك، چۈنكى چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشتىن چەكلەنگەن ئىكەن ئەلۋەتتە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاشتىن چەكلىنىدۇ.

    ئەرلەر بىلەن سۆزلەشسە دۇرۇس بولىدۇ، تىلىپۇندا سۆزلەشسە بولىدۇ، ئۆيگە كىرىشى مۇمكىن بولىدىغان كىشىلەرگىلا ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت قىلسا بولىدۇ، كېچىدە ياكى كۈندۈزدە ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقمايدۇ، ياكى بالىكۇنغا چىقىپ تۇرمايدۇ، بەزى كىشىلەر ئويلىغاندەك ھەر جۈمە كۈنى يۇيۇنۇپ تۇرۇشى كېرەك بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەر ھەپتىدە چېچىنى چۇۋۇپ تاراش لازىم ئەمەس.

   شۇنىڭدەك، ئىددەت تۈگىگەن كۈنى سىرتقا چىقىپ دەسلەپتە ئۇچراشقان كىشىگە ئازراق بىر نەرسە سەدىقە قىلىش كېرەك ئەمەس. بۇ بىدئەت ئىشنىڭ جۈملىسىدىن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىننىڭ:"جىنازە ھۆكۈملىرى توغرىسىدىكى يەتمىش مەسىلە" 35-بەت.