سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەتىر چاچقاندا مەقسەتسىز كانىيىدىن ئۆتۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

مېنىڭ سوئالىم روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرگە ئالاقىدار بولۇپ، مەكتەپتە بىر ئوقۇغۇچى دائىم كۆپ مىقداردا ئەتىر پۈركۈيدۇ، ئەتىر زەررىچىلىرىنىڭ كانىيىمغا كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىمەن، بۇ روزىنى بۇزامدۇ ياكى بۇزمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئارىلىشىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى 1200- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىش بەك مۇھىم.

    ئىككىنچى: ئايال كىشىنىڭ ئۆيىدىن ئەتىر چېچىپ سىرىتقا چېقىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغان ئايال ئۆزىنى قاتتىق ئازابقا ئۇچراتقان بولىدۇ. بۇ توغرىدا غۇنەيم ئىبنى قەيسنىڭ ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق بىر ئايال ئەتىر چېچىپ چېقىپ بىر جامائەتنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇلار ئۇ ئايالدىن ئەتىرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىسا، ئۇ ئايال پاھىشە ئايال ھېسابلىنىدۇ. [نەسائى رىۋايىتى5036-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ نەسائىينىڭ: توغرا سۈننەتلەر ناملىق ئەسىرى 4737-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە چىققان ئاياللارنى خۇش-بۇي نەرسە ئىشلەتمەي چىقىشقا بۇيرىغان، خۇشبۇي نەرسە ئىشلەتكەن ئاياللارنى يۇيۇۋېتىپ چېقىشقا بۇيرىغان. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق ئايال مەسچىتكە ماڭغاندا خۇشبۇي نەرسىلەرنى جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندەك يۇيۇۋېتىپ چىقسۇن. [نەسائى رىۋايىتى5037-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ نەسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 4738-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئۈچىنچى: روزا تۇتقۇچىنىڭ بۇرنىدىن ياكى كانىيىدىن ئەتىر چاچمىلىرى ئۆتۈپ كەتسە ھېچ نەرسە بولمايدۇ (روزىسى بۇزۇلمايدۇ). شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن بۇ توغرىدا سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: "رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئەتىر چىچىش ۋە پۇراش دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئىسرىققا ئوخشاش نەرسىلەر بولسا، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، چۈنكى تۈتۈندىن ئىبارەت نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بولۇپ ئاشقازانغا يېتىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 128-بەت].

    سىز ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ چاچقان ئەتىرىنىڭ چاچمىلىرىنى كانىيىڭىزدا سەزسىڭىز بۇنىڭدا ئاللاھ خالىسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى روزىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋەزنى بار نەرسىنى قەستەن كانايدىن ئۆتكۈزۈۋېتىش بىلەن بولىدۇ، ئەتىرنىڭ ۋەزنى يوق پەقەت پۇرىقى بار، شۇنىڭدەك بۇ ئىش سىزدىن قەستەنلىك ياكى ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن بولمىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ولكن ما تعمَّدت قلوبكم وكان الله غفوراً رحيماً تەرجىمىسى: لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ). [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ربنا ولا تحمِّلنا ما لا طاقة لنا به تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىزگە ئېغىر يۈك يۈكلىمىگىن (بىزنى قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن) [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد