جىنازە نامىزى ئوقۇش پەرز كۇپايە بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئوقۇسا قالغانلىرىدىن ساقىت بولىدۇ، ئەگەر ھېچ كىشى ئوقۇمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەممە مۇسۇلمانلار گۇناھكار بولىدۇ، بۇ ئەرلەرگىلا خاس ئەمەس بەلكى ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جىنازە نامىزى ئوقۇشى يولغا قويۇلغان، ئەرلەر ئۈچۈن بىۋاستە ناماز ئوقۇش ۋە جىنازىغا ئەگىشىش يولغا قويۇلغان، ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى چەكلەنگەن، بۇ توغرىدا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىشتىن چەكلەنگەن لېكىن كەسكىن قىلىنمىغان... [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى».
يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى جىنازىغا ئەگىشىشتىن چەكلىگەن دېيىلگەن. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا كومىتېتى ].
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېگە بولۇش ئۈچۈن شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى 10-توم 50-بەتكا قارالسۇن.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.