يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار ھالەتتە بۇرنىغا دىماغقا يەتكۈچە سۇ ئېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    روزىدار ھالەتتە تاھارەت ئالغاندا بۇرنىغا دىماغقا يەتكۈچە سۇ ئالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقت چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   مۇئ‍مىن كىشى تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشقا بۇيرۇلغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاھارەتنى كامىل ئېلىڭلار، قول-پۇت بارماقلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئارىلاڭلار، روزىدار بولمىغان ھالەتتە بۇرۇنغا دىماغقا يەتكۈچە سۇ ئېلىڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى 788-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 142-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سۈنەن تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 631-ھەدىستە كەلتۈرگەن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزىدارنىڭ دىمىقىغا سۇ كېرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، روزىدار ھالەتتە تاھارەت ئالغاندا بۇرۇنغا سۇ ئالغاندا بەك دىماغقا يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

    ئەمما ئېغىزغا سۇ ئىلىشتا بولسا، ئېغىزىنى غارغار قىلغاندا سۇ روزىدارنىڭ كانىيىدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىك شەرتتۇر. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن روزىدار ھالەتتە ئايالىمنى سۆيدۈم، ۋە ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى! مەن بۈگۈن چوڭ خاتا ئىشتىن بىرنى قىلدىم، روزىدار ھالەتتە ئايالىمنى سۆيدۈم دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سەن روزىدار ھالەتتە تاھارەت ئالغاندا ئېغىزىڭغا سۇ ئېلىپ چايقايسەنغۇ؟» مەن ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ھېچ گەپ يوق، ئۇمۇ روزىدار ھالەتتە ئېغىزغا سۇ ئالغانغا ئوخشاش» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى "روزا" 2037-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "سۈنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 2089-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئالىملار بۇ ھەدىسنى چۈشەندۈرۈپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «روزىدار ھالەتتە تاھارەت ئالغاندا ئېغىزىڭغا سۇ ئالىسەنغۇ؟» دەپ ئاجايىپ بىر چۈشەنچىگە ئىشارەت قىلدى، ئۇ بولسىمۇ تاھارەت ئالغاندا ئېغىزنى چايقىغاندا دەسلەپتە ئېغىزىغا كەرگەن سۇ بىلەن روزىغا تەسىر يەتمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى