يەكشەنبە 10 رەبىئۇسسانى 1446 - 13 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

«ئىمام كىپىلدۇر» دېگەن ھەدىسنىڭ ئىزاھاتى توغرىسىدا

سۇئال

ماڭا بەزى كىشىلەر خەۋەر بېرىپ: ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامىزى ئىمامنىڭ نامىزىغا گۆرۈگە قويۇلىدۇ.  يەنى: ئىمام نامىزىدا خاتالاشمىسا ئىقتىدا قىلغۇچى خاتالاشسۇن ياكى خاتالاشمىسۇن ئۇنىڭ نامىزى ئىمامغا ئەگىشىپ توغرا بولىدۇ دەيدۇ، بۇ ھۆكۈم توغرىمۇ؟ بۇنىڭ دەلىلى بارمۇ؟، جامائەت ھالىتىدە ئادا قىلىنغان نامازنىڭ باتىل بولىشى بىلەن يالغۇز ھالەتتە ئادا قىلغان نامازنىڭ باتىل بولىشى پەرقلىق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    جامائەت نامىزىدا ئىمام جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىدۇر، كىشىلەرنى ئىسلامنىڭ ئەڭ كاتتا شۇئارلىرىدىن بىرى بولغان نامازغا يېتەكلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ نامىزىنىڭ ئەھمىيىتى بەك يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ كۆپى جامائەتنىڭ نامىزىغا ئالاقىدار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمى مەقسىتى بۇ ھەدىستە مۇجەسسەملىشىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام كىپىلدۇر، مۇئەززىن ئىشەنچىلىكتۇر. ئى ئاللاھ! ئىماملارنى توغرا يولغا يېتەكلىگىن، مۇئەززىنلەرنى مەغپىرەت قىلغىن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 517-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىمام كىپىلدۇر» دېگەن سۆزى، ئىلىم ئەھلى جامائەت نامىزىنىڭ بابىدا ئىتتىپاققا كەلگەن كېپىللىك مەنىسىدىن كۆپنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   ئىمام كىپىلدۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئىمامغا جامائەت نامىزىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، جامائەتكە نامازنىڭ رەكەت سانلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، نامازنى قائىدە-پرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغان دەرىجىدە تىز ئادا قىلماسلىق، نامازنىڭ شەرتلىرىنى قىسقارتىۋەتمەسلىك، نامازنىڭ پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت قاتارلىق بارلىق شەكىللىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلاردۇر.

    ئىمام كىپىلدۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئاشكارا ئوقۇلىدىغان نامازدا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئاشكارا قىرائىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇشنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭدەك ئىقتىدا قىلغۇچىدىن سادىر بولغان بەزى سۈننەتلەرنى تەرك قىلىش قاتارلىق سەھۋەنلىكلەرنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ، بەلكى ئىقتىدا قىلغۇچى رۇكۇ قىلىدىغان ھالەتتە كەلگەن بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن پاتىھە سۈرىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن كىپىللىكنىڭ مەنىسىدۇر.

   ئىمام كىپىلدۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بارلىق ئىقتىدا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىغا كىپىلدۇر، ئۇلار بىلەن قۇنۇت ئوقۇغاندا ياكى ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە تولۇق ساۋابتىن مەھرۇم بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ناماز ھۆكۈملىرىنى تەلىم بېرىشكە كىپىلدۇر.

    خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام كىپىلدۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: كۆڭۈل بۆلگۈچىدۇر، جامائەتكە نامازنى ۋە ئۇنىڭ رەكەت سانىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ دۇئاسىغا كىپىلدۇر، دۇئانى ئومۇم ئۈچۈن قىلىدۇ، خۇسۇسىي قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن بىرەر جازا تۆلەم كەلسە ئۇنىڭغا كېپىل بولمايدۇ.

    بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قىرائىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇنىڭدەك ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنى رۇكۇ قىلغان ھالەتتە تاپسا ئۇنىڭ قىيامىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ". ["مەئالىم ئەس سۈنەن" 1-توم 156-بەت].

    بەدرىددىن ئەينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كىپىلدۇر دېگەن: كۆڭۈل بۆلگۈچى ۋە مۇھاپىزەت قىلغۇچى دېگەن بولۇپ، ئىمام جامائەتنىڭ نامىزىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قىرائەتلىرىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنى رۇكۇ قىلغان ھالەتتە تاپسا ئۇنىڭ قىيامىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ.

    ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامىزى ئۇنىڭ ئەھدىسىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامىزىنىڭ سەھىھ بولىشى ئىمامنىڭ نامىزىنىڭ سەھىھ بولىشىغا جۇپلانغۇچىدۇر، ئىمام خۇددى جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ توغرا بولىشىغا كېپىل بولغانغا ئوخشاشتۇر.

    دۇئانىڭ ئۇلارغا ئومۇم بولىشىغا كېپىل بولۇپ دۇئانى ئۆزى ئۈچۈن خۇسۇسىي قىلمايدۇ". ["شەرھى سۈنەن ئەبۇ داۋۇد" 2-توم 468-بەت].

   شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام كىپىلدۇر دېگەن: كېپىللىككە ئالغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى ۋە كۆڭۈل بۆلگۈچى دېگەن مەنىدىدۇر.

   بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئىماملار مەخپى ئوقۇلىدىغان قىرائەتلەر، زىكىرلەرگە كېپىل بولىدۇ، بۇ سۆزنى ئىمام شافىئىينىڭ "ئەلئۇم" ناملىق ئەسىرىدىن بايان قىلغان.

    دۇئانىڭ ئۇلارغا ئومۇم بولىشىغا كېپىل بولۇپ دۇئانى ئۆزى ئۈچۈن خۇسۇسىي قىلمايدۇ. ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنى رۇكۇ قىلغان ھالەتتە تاپسا ئۇنىڭ قىرائىتى ۋە قىيامىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ". ['نىيلىل ئەۋتار" 2-توم 42-بەت].

    شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۆلىمالار ھەدىستىن بەزى كىشىلەر چۈشەنگەن نەرسىنى چۈشەنمىدى، ھەقىقەتەن ئىقتىدا قىلغۇچىدىن ھەر قانداق بىر خىلاپلىق قىلىش سادىر بولسىمۇ ئۇنىڭ نامىزىنىڭ توغرا بولىشى ئىمامنىڭ نامىزىنىڭ توغرا بولىشىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر، گەرچە ئىقتىدا قىلغۇچى نامازنىڭ پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ ئادا قىلسىمۇ ئەگەر ئىمامنىڭ نامىزى بۇزۇلىدىكەن ئۇنىڭمۇ نامىزى بۇزۇلىدۇ.

    بەلكى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامازدا سادىر قىلىدىغان خاتالىقلىرى مۇنداق ئىشلاردىن خالى بولمايدۇ:

   1-ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئىمامغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشى: تاھارەت بۇزۇلۇش، نىجاسەت يېتىپ قىلىش، يېيىش، ئېچىش، قاقاھلاپ كۈلۈش قاتارلىق نامازنى بىكار قىلىدىغان ئىشلاردىن بولسا ئۇ نامازنى بىكار قىلىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەك، نامازنىڭ پەرىزلىرىدىن بىرىنى قەستەن تەرك قىلىشمۇ شۇنداق بولىدۇ، بۇ شەكىلدە مۇخالىپەتچىلىك قىلىش بىلەن ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامىزى بۇزۇلىدۇ، ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بۇنىڭدىن ھېچ بىرىنى ئىمام ئۈستىگە ئالمايدۇ.

   2- ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئىمامغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشى نامازنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغان بولىدۇ: نامازنىڭ بەزى سۈننەتلىرى، ھەيئەتلىرىنى تەرك قىلىش، ئىككى تەرەپكە قاراش ۋە تەبەسسۇم قىلىش دېگەندەك نامازنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغان خاتالىقلارغا چۈشۈپ قىلىش ياكى سەھۋەنلىكتىن بەزى ۋاجىپلارنى تەرك قىلىش، بىرىنچى قېتىملىق تەشەھھۇت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قىلىش ياكى رۇكۇ، سەجدىلەردە تەسبىھ ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ بۇلارنى ئىمامنىڭ نامىزى تولۇقلايدۇ، ئۇ كىشىدىن يۈز بەرگەن خاتالىقلارنى جامائەت نامىزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى تولۇقلايدۇ.

    بۇ يەردە تۆت مەزھەپ پىقھى ئالىملىرى ئىختىلاپ قىلىشقان پىقھى مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىختىلاپى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىمام كىپىلدۇر» دېگەن سۆزىنى چۈشۈنىشتىكى ئىختىلاپىغا ئەگىشىدۇ. بۇ توغرىدا ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپى توغرىسىدا يېزىلغان كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى