سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

تەھەججۈت نامىزى بىلەن كېچىلىك نامىزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرسىدا

143240

تارقاتقان ۋاقىت : 24-05-2019

كۆرگۈچىلەر : 2945

سۇئال

كېچىلىك ناماز بىلەن تەھەججۈت نامىزىنىڭ ئارىسىدا قانداق ئوخشىماسلىق بار؟، بۇ نامازلارنى ئوقۇغان كىشىگە قانداق ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     كېچىدە تۇرۇش دېگەن: كېچىنى تولۇق ئۆتكۈزۈش ياكى كېچىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ناماز، قۇرئان تىلاۋەت ۋە ئاللاھنىڭ زىكىر قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش دېمەكتۇر، بۇنىڭدا كېچىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش شەرت قىلىنمايدۇ.

    "مەرەقىل پەلاھ" دېگەن ئەسەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: كېچىدە قىيامدا تۇرۇش دېگەن: كېچىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تائەت-ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش دېمەكتۇر. بەزىلەر: كېچىدىن مەلۇم ۋاقىتنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ھەدىس تىڭشاش، تەسبىھ ئېيتىش ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش قاتارلىق ئەمەللەر بىلەن ئۆتكۈزۈش دەيدۇ. ["كۇۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 34-توم 117-بەت].

    تەھەججۈت نامىزى بولسا، كېچىدە ئوقۇشقا خاس بولغان ناماز بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار كېچىدە ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان ناماز دېگەن. ھەججاج ئىبنى ئەمىر ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "سىلەرنىڭ بىرىڭلار كېچىدە تۇرۇپ تاڭ يورۇغىچە ناماز ئوقۇغاننى تەھەججۈت دەپ ئويلايدۇ، ھەقىقەتەن تەھەججۈت دېگەن ئاخشامدا ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇش ۋە يەنە ئۇخلاپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇشتۇر، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەھەججۈت نامىزىدۇر.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "تەلخىس ئەلھەبىر"ناملىق ئەسەر 2-توم 35-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى ھەسەن، ئىسنادتا: قەسنىڭ كاتىپى ئەبۇ سالىھ بولۇپ، بۇ كىشى ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا شەرتى يەڭگىل دېيىلىدۇ. تەبرانىينىڭ رىۋايىتىدە، ئىسنادتا ئىبنى لۇھەيئە بولۇپ، بۇ رىۋايەت ئىلگىرىكى رىۋايەت بىلەن كۈچلىنىدۇ".

   بۇنىڭدىن كېچىدە قىيامدا تۇرۇش دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ تەھەججۈت دېگەن سۆزدىن كەڭ دائىرىدە ئىكەنلىكىنى بۇ سۆزىنىڭ كېچىدە تەھەججۈت ئوقۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ئۇيقۇدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى نامازلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئوچۇق بولىدۇ.

     تەھەججۈت دېگەن كېچىدە ئوقۇيدىغان نامازغا خاستۇر. بۇ توغرىدا ئىككى تۈرلۈك قاراش بولۇپ، بىرىنچىسى ئۇ مۇتلەق كېچىلىك نامازغا خاس بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر.

   ئىككىنچىسى: ئۇخلىغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان ناماز دېمەكتۇر. "پىقھى توپلاملىرى" 2-توم 232-بەت.

    ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَى أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا  تەرجىمىسى: ساڭانەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد‍!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا(يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا)تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر. [سۈرە ئىسرا 79-ئايەت].

   تەھەججۈت دېگەن: قارمۇ-قارشى مەنانى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، بۇ ئۇخلىدى ۋە ئۇيقۇسىز بولدى دېگەندەك مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ، يەنە ئويغاتتى ۋە ئۇخلاتتى دېگەندەك مەنالارنىمۇ بىلدۈردى.

    تەھەججۈت دېگەن ئۇخلىغاندىن كېيىن ئويغىنىش بولۇپ، كېيىن نامازنىڭ ئىسمى بولۇپ قالدى، چۈنكى ئىنسان كېچىلىك نامازغا دىققەت قىلىدۇ، تەھەججۈت بولسا ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ نامازغا تۇرۇش دېمەكتۇر، ئەسۋەد، ئەلقەمە ۋە ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەسۋەد قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ مەنانى ئىپادىلىگەن.

    ئىسمائىل ئىبنى ئىسھاق قازى رىۋايەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ھەججاج ئىبنى ئەمىرنىڭ ھەدىسىدە، ئۇ كىشى مۇنداق دېگەن: "سىلەر پۈتۈن كېچە تۇرغاننى تەھەججۈت دەپ ئويلايسىلەر، ھەقىقەتەن تەھەججۈت دېگەن: ئالدى بىلەن ئۇخلاپ ئاندىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇش، يەنە ئۇخلاپ ئاندىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ۋە يەنە ئۇخلاپ ئاندىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇماق دېمەكتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك نامىزى شۇنداق ئىدى".

    تەھەججۈت دېگەن ئۇيقۇنى تەرك قىلدى دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ، بىر كىشى كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزسە بۇمۇ ئەرەپچىدە تەھەججۈت دېيىلىدۇ، شۇنىڭدەك كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىمۇ، ئۇيقۇسىنى تاشلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن تەھەججۈتكە تۇردى دېيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇيقۇسىنى تاشلاپ تۇردى". ["تەپسىر قۇرتۇبىي" 10-توم 307-بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىزگە تەراۋىھ نامىزى، كېچىلىك ناماز ۋە تەھەججۈت نامىزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا؟ ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن دېيىلگەندە، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: " كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز تەھەججۈت نامىزى ۋە كېچىلىك ناماز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ  تەرجىمىسى: ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن. [سۈرە ئىسرا 79-ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الْمُزَّمِّلُ. قُمِ اللَّيْلَ إِلَّا قَلِيلًا تەرجىمىسى: ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن. [سۈرە مۇزەممىل 1-2-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا زارىيات سۈرىسىدە تەقۋادار بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: آخِذِينَ مَا آتَاهُمْ رَبُّهُمْ إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَلِكَ مُحْسِنِينَ . كَانُوا قَلِيلًا مِنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ تەرجىمىسى: ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى، ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى. [سۈرە زارىيات 16-17-ئايەتلەر].

    تەراۋىھ نامىزى بولسا ئۆلىمالارنىڭ ئىستىلاھىدا، رامىزاندا كېچىنىڭ ئاۋۋىلىدە جامائەتكە رىئايە قىلىپ يەڭگىل ۋە بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىك ئاساسىدا ئوقۇلىدىغان كېچىلىك نامىزىدىن ئىبارەتتۇر، بۇ نامازنى تەھەججۈت نامىزى دەپ ئاتاشمۇ توغرا بولىدۇ، كېچىلىك ناماز دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ قىيىنچىلىق يوق". ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"11-توم317-بەت].

كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنى قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى توغرىسىدا 50070- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. كېچىدە تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان سەۋەبلەر توغرىسىدا 3749- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى