پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

شەرئى يوللار بىلەن بوغۇزلانمىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى سىتېۋېلىش دۇرۇسمۇ؟

144270

تارقاتقان ۋاقىت : 07-06-2013

كۆرگۈچىلەر : 4400

سۇئال

شەرئى يوللار بىلەن بوغۇزلانمىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن پۇتبول، ۋالىبول ۋە ۋاسكىتبول قاتارلىق توپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئوينىسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

پۇتبول ياكى ۋالىبول قاتارلىق نەرسىلەر چوقۇم ئاشلانغان تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. چۈنكى تىرە ئاشلاش ئارقىلىقپاكىزە بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق تىرىنىڭ نەملىكى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر خىل پۇراقلار يوقىلىدۇ.

ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلمەكچى بولغان كىشى، ئۇ نەرسىلەرنى سىتېۋېلىشتىن ئىلگىرىئۇنىڭ قايسى ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. يەنى ئۇ گۆشىنى يىگىلىبولىدىغان ھايۋانمۇ ياكى گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانمۇ بۇنى بىلىش كېرەك.

1-ئۇ نەرسىلەركالا-قويغا ئوخشاش گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۇ تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلىنىش بىلەنپاكىزە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ھايۋانلار شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا بوغۇزلانغان بولسا ئىدى، تېرىسىنى ئاشلىمىسىمۇئىشلەتكىلى بولاتتى. ئەمما شەرئى يوللار بىلەن بوغۇزلانمىغان ۋە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئاشلاش ئارقىلىق پايدىلىنىش مۇمكىن.

2-ئەگەر ئۇ نەرسىلەر چوشقىغا ئوخشاش گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن بولسا، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلانغان تەقدىردىمۇ پاكىزە بولمايدۇ. بۇ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ كۆزقارىشى بولۇپ،ئىمام ئەۋزائىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئەبى سەۋر، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيھى قاتارلىق ئالىملارمۇ بۇ سۆزنى ئېتىبارلىق دەپ قارايدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىينىڭمۇ بۇ ھەقتىكى ئىككى خىل كۆز قارىشىنىڭ بىرسى بۇدۇر. نەۋەۋىنىڭ شەرھى مۇسلىم ناملىق ئەسىرى 4-توم 54-بەتتە، بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەزھەبلەردىكى يەتتە تۈرلۈككۆز قاراشنى بايان قىلغان. شۇنداقلا بۇ مەسىلە ئىبنى مۇپلىھنىڭ ئەل پۇرۇئ ناملىق ئەسىرى 1-توم 102-بەتتە، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 21-توم 95-بەتتە بايان قىلىنغان.

يېڭى ئەسىردىكى كۆپلىگەن ئالىملارمۇ يۇقىرىدىكى كۆز قاراشنى تاللىغان.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ. بوغۇزلاش بىلەن ھالال بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنمۇ پاكىزە بولمايدۇ. مانا بۇ ئالىملارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قارىشى. يۇقىرىقى كۆزقاراشقا ئاساسەن مۈشۈك ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان كىچىك ھايۋانلارنىڭ تېرىسىمۇ ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولمايدۇ".

ئاساسلىق ھۆكۈم: ھايات ۋاقتىدا پاكىزە بولغان ھايۋاننىڭ تېرىسى،ئاشلانغاندىن كىيىنقۇرۇق نەرسە ئۈچۈن ئىشلەتسە دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئۈچ خىل قاراش بولۇپ، بىرىنچى قاراشتا: ئاشلانسىمۇ پاكىزە بولمايدۇ. ئىككىنچى قاراشتا: پاكىزە بولىدۇ. ئۈچىنچى قاراشتا:ئۆلگەن بۇ ھايۋان بوغۇزلانسا پاكىزە بولىدىغان ھايۋانلاردىن بولسا، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ.

بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قاراش، ئۈچىنچى قاراشتۇر. ئۇلارنىڭ دەلىلى بەزى ھەدىسلەردە: ئۇنىڭ ئاشلىنىشى بوغۇزلىنىشىدۇر دېگەن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەدىسنى ئىمام نەسائىي 4243-ھەدىستە،ئىمام ئىبنى ھەجەر "ئەتتەلخىس ئەلھۇبەير" ناملىق ئەسىرى 1- توم 49- بەتتە سەھىھ دېگەن.بۇ ھەدىستە بوغۇزلاش بىلەن دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەقەت يېيىش مۇمكىن بولىدىغان ھايۋانلارلا بوغۇزلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ.

مانا بۇقائىدىگە ئاساسەن دەيمىزكى، گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى گەرچە ئۇ ھايۋانلار ھايات ۋاقتىدا پاكىزە بولسىمۇ، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنمۇ پاكىزە بولمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى: ھايۋاننى ھايات ۋاقتىدا پاكىزە دېيىشىمىز: ئىنسان ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان ھايۋانلار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلارنىئايلىنىپ يۈرۈيدىغان ھايۋانلار (بۇ يەردە مۈشۈككۆزدە تۇتۇلىدۇ).[تىرمىزىي 92-، ئەبۇ داۋۇد 75-، نەسائىي67-، ئىبنى ماجە 368- نومۇرلۇق ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلغان. ئىمام بۇخارىي، تىرمىزىي، دارى قۇتنىي ۋە ئۇقەيلىي قاتارلىقلار سەھىھ دەپ قارىغان].

ئىمام ئىبنى ھەجەر "ئەتتەلخىس ئەلھۇبەير" ناملىق ئەسىرى 1-توم 41-بەتتە "بۇنىڭ پاكلىق ئىللىتى ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن يوقىلىدۇ دېگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن ئەسلىدە نىجىس بولغان نەرسە كېيىن ئاشلانغان تەقدىردىمۇ پاكىزە بولمايدۇ" دەپ بايان قىلىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كۆزقاراش: مەلۇم سەۋەبلەر تۇپەيلى ئۆلگەنگۆشى يېيىلىدىغانھەرقانداق ھايۋاننىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ بىر قارىشىدۇر. شۇنىڭدەكئۇنىڭ يەنە بىر سۆزى، "ھايات ۋاقتىدا پاكىزە بولغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ" دېگۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.[ئەششەرھى ئەلمۇمتىئ1-توم 74-75-بەتلەر].

سۆزنىڭ خۇلاسىسى:

سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن پۇتبول، ۋالىبول ۋە ۋاسكىتبول قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئوينىسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ. گەرچە بۇ ھايۋانلار شەرئىي يوللار بىلەن بوغۇزلانمىغان ياكىئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تېرىسى ئاشلىنىش بىلەن پاكىزە بولىدۇ.زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇئەنھۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھەببان 1290-،دارىي قۇتنىي25- نومۇرلۇق ھەدىسلەردە بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دېگەن].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى