پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان قىز ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئارا خاتىرە سۈرەت ئىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن ئۇنۋېرستتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان، ھازىر تەۋبە قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى ئۈزدۈم، ئۇنىڭدا مېنىڭ ۋە مەندە ئۇنىڭ سۈرىتى بار، مەن ئۇنىڭدىن سۈرىتىمنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا سۈرىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشىم كېرەكمۇ؟ چۈنكى ئۇنى ساقلاش توغرا بولمايدۇ، ياكى ئۇنىڭ بىلەن قايتا پاراڭلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەلەپ قىلماسلىقىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

     خانىم-قىزلارنىڭ يات ئەر كىشى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ شەكىلدىكى ئالاقە شەرىئەتتە چەكلەنگەن قاراش، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى خوش قىلىش، نازلىنىپ سۆز قىلىش، كۆڭلى مايىل بولۇپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بەك ئېچىنىشلىق بولىدۇ، مانا بۇ يات ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، ياخشى كىشىلەر ئىزچىل بۇنىڭدىن چەكلاۋاتىدۇ، بۇنىڭ خەتىرى ۋە ناچارلىقىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتىدۇ.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 84089- نومۇرلۇق پەتىۋاغا قارالسۇن.

    سىزنى ناچار، گۇناھ ئىشلاردىن قايتۇرۇپ، تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن. ساۋاقدىشىڭىزنىڭ يېنىدىكى سۈرەتكە كەلسەك، ئۇ سۈرەتنى سىزگە تالاش-تارتىش قىلماستىن ياكى سىز بىلەن بولغان ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كەينىگە سۈرمەستىن قايتۇرۇپ بېرىشىگە ئىشەنچ قىلسىڭىز، ئۇنىڭدىن سۈرىتىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ سۈرىتىنىمۇ قايتۇرۇپ بېرىڭ.

    ئەگەر سىزنىڭ سۈرەتنى تەلەپ قىلغانلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ سىزگە تەھدىت قىلىش ياكى تالاش-تارتىش قىلىشىدىن ئەنسىرسىڭىز ياكى سۈرەتنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسىڭىز، ئۇنىڭدىن سۈرىتىڭىزنى تەلەپ قىلماڭ، سىزدىكى سۈرىتىنى بىرتەرەپ قىلىۋېتىڭ، سىزنىڭ چەكلەنگەن  ياكى سىزنى چەكلەنگەن ئىشقا چاقىرىدىغان سۈرەتنى ئەسلەپ قالدۇرۇپ قويىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

     شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىر ۋاسىتىلىرىدىن ھەزەر قىلىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن قايتا سۆزلىشىش ئىستىگىدە سۈرەت مەسىلىسى توغرىسىدا ئويلانماڭ، ئەگەر ئىش شۇنداق بولسا، سۈرەت ئىشنى تەرك قىلىڭ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىڭ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۆمىن بەندىسى ئۈچۈن كۇپايە قىلغۇچى ۋە ساقلىغۇچىدۇر.

    ئاللاھ تائالادىن، سىزنى ئۆزىنىڭ ساقلىشى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىشىنى، تائىتىدە مۇستەھكەم قىلىشىنى، سىزدىن ئالدامچىلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى قايتۇرۇشىنى سورايمىز.  

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى