جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

ئائىلىسىدە تەربىيىلەۋاتقان يىتىم بالا ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسىنى بېرەمدۇ؟

سۇئال

يېتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتقان كىشى ئۈچۈن ئۇ يېتىمنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەگەر بۇ يېتىمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن مىراس قالغان ياكى باشقىلار سەدىقە قىلغان ماللىرىدىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پىتىر سەدىقىسىنى يېتىمنىڭ شۇ مېلىدىن چىقىرىش كېرەك بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ قارىشىمىزدا ۋە ئىمام مالىك، ئەۋزائىي، ئەبۇ ھەنىپە، ئەبۇ يۈسۈپ ۋە ئىبنى مۇنزىر قاتارلىق كۆپچىلىك ئۆلىمالار:" يىتىم بالىنىڭ مېلى بولسا ئۇنىڭ شۇ مېلىدىن پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك بولىدۇ دەيدۇ". ["ئەل مەجمۇئ"6-توم 109-بەت].

    ئەگەر يىتىم بالىنىڭ مېلى بولمىسا، سىلەر ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىۋاتقان بولساڭلار، ئۇ بالا ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى پىتىر سەدىقىسىنى ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك بولغانلار ئۈچۈن بېرىدۇ، ئەمما ئۆزى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك ئەمەس ئەمما ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان يىتىم ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك بولمايدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىنسان يات بىر بالىغا خەير-ئېھسان قىلىش بىلەن بىر نەرسە بەرسە، بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئۇ كىشىگە ئۇ بالىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىش كېرەك بولمايدۇ، ئىمام مالىك، ئەبۇ ھەنىپە ۋە داۋۇد زاھىرىمۇ شۇنداق دېگەن. ئەمما ئىمام ئەھمەد: ئۇ كىشىنىڭ بېرىشى كېرەك بولىدۇ دېگەن". ["ئەل مەجمۇئ" 6-توم 100-بەت].

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەر ياخشىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنىمۇ ئادا قىلىڭلار دېگەن، بىزنىڭ ھەنبەلى مەزھىپىدىكى كۆپچىلىك ئالىملىرىمىزمۇ شۇنداق قارايدۇ، ئەبۇ خەتتاب بولسا: ياخشىلىق قىلىش پەرىز بولمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىشمۇ كېرەك بولمايدۇ دېگەن قاراشنى تاللىغان، بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر، ئاللاھ خالىسا بۇ توغرا قاراشتۇر". ["ئەلمۇغنى" 2-توم 362-بەت].

    سىلەر ياخشىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىڭلار دېگەن ھەدىسنى كۆپچىلىك ھەدىس تەتقىقاتچى ئۆلىمالىرى زەئىپ دېگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي: بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى زەئىپ دېگەن. بەيھەقىي: بۇنىڭ ئىسنادى كۈچلۈك ئەمەس دېگەن. بەيھەقى بۇ ھەدىسنى يەنە جەئپەر ئىبنى مۇھەممەدنىڭ دادىسىنىڭ ئىسنادى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ بۇ ھەدىس مۇرسەلدۇر. سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ھەدىستىكى "سىلەر ياخشىلىق قىلىۋاتقان" دېگەن سۆز بېكىتىلمىگەن". ["ئەلمەجمۇئ"6-توم 68-بەت. 99585- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

    بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن ۋاقىتتىمۇ، بۇ ياخشىلىقتىن قىلىش زۆرۈر بولغان ياخشىلىق مەقسەت قىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ ئىنسانىي ياخشىلىق مەقسەت قىلىنمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى