سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قېرىنداشلار ۋە ھەمشىرىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى توغرىسىدا

سۇئال

ئەر كىشىگە نىسبەتەن قېرىنداشلىرى، ھەمشىلىرى ۋە ئاتا-ئانىسى توغرىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     قېرىنداشلار ۋە ھەمشىرىلەر بولسا شەرىئەت سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرىغان تۇغقانلاردىندۇر. ھەدىس قۇدسىيدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن رەھمان، بۇ رەھىم، ئۇنىڭغا مېنىڭ ئىسمىمنى ئايرىپ بەردىم، سېلە-رەھىم يەتكۈزگەن كىشىنى رەھمىتىمگە يەتكۈزىمەن، ئۇنى ئۈزگەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىمەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 1907-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1694-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 520-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى ۋە رىزقىنىڭ كەڭرىي بولىشىدىن خۇرسەن بولىدىغان كىشى سىلە-رەھىمنى ئۇلىسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى1961-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2557-ھەدىس].

    ئۇلار بىلەن باشقا مۇسۇلمانلار ئورتاق بولغان ھەق-ھوقۇقلاردا ئۇلارنىڭ ھەققى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلارغا ئۇچراشقاندا سالام قىلىش، چاقىرقىغا ئىجابەت قىلىش، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللا دېسە يەرھەم كەللاھ دېيىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ئۆلۈپ كەتسە جىنازىسىغا ھازىر بولۇش، ساڭا قەسەم قىلغان بولسا قەسىمىنى ئورۇنلاش، نەسىھەت تەلەپ قىلسا نەسىھەت قىلىش، ئۇلار يوق ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى ئۇلارغىمۇ ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆزى ياقتۇرمىغاننى ئۇلارغىمۇ ياقتۇرماسلىق قاتارلىقلار بولۇپ بۇنىڭ ھەممىسى سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان.

    بۇ ھەق-ھوقۇقلاردىن: سۆز-ھەركىتى ئارقىلىق ھېچ كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان دېگەن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تېلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت بولغان كىشىدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى10-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 40-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەزىلەتلىك ئىشلارغا بۇيرىغان ئۇزۇن ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ياخشىلىق قېلىشقا قادىر بولالمىساڭ كىشىلەرگە يامانلىق قىلمىغىن بۇمۇ ئۆزۈڭگە قىلغان سەدىقىدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 2382-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى84-ھەدىس].

    ئاتا-ئانىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كەلسەك، ئانىنىڭ بالىغا بولغان ھەققىنى5053- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تولۇق بايان قىلدۇق.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى