بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاچان دۇنياغا كەلگەن؟.
سىيرەت ۋە تارىخ ئالىملىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ئاي ۋە كۈن توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى. بۇ ئىشتا پەرقلىق قاراشنىڭ بولىشى: ئۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ بوۋاقنىڭ ئىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھېچ كىشىگە مەلۇم ئەمەس ئېدى، بۇنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇ دەۋرىدە تۇغۇلغان باشقا بوۋاقلارغا ئوخشاش ئېدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى كەسكىنلىك بىلەن بېكىتىشى مۇمكىن بولمىدى.
دوكتۇر مۇھەممەد تەييىب نەججار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىختىلاپنىڭ سىرى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كۆز ئاچقاندا، ھېچ كىشى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەتەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىنىڭ باشلىنىشىدا بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشلەر بولمىغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ قىرىق ياشقا كىرگەندە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغاندا، ئىنسانلار مۇشۇ پەيغەمبەر توغرىسىدا زىھنىدە بار بولغان ئەسلىمىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا باشلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخلىرىنى يېپىدىن-يىڭنىسىگىچە سۈرۈشتۈرگىلى تۇردى.
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ئۆسۈپ-يېتىلىشى ياكى كېچىك ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى سۆزلەپ بېرىشىنىڭ ياردىمى بولدى، شۇنىڭدەك مۇشۇ ھادىسىسىلەر مۇناسىۋەتلىك بولغان ساھابىلارنىڭ قىلغان رىۋايەتلىرىنىڭ پايدىسى بولغان.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئاڭلىغان ۋە بىلگەنلىرىنى ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىيىنكى ئىنسالارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن توپلىغان". "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرەتلىرى توغرىسىدىكى ئېنىق سۆز" ناملىق ئەسەر 78-بەت.
-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا نىسبەتەن ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ۋە تۇغۇلغان كۈنىنى بېكىتىشتە ئىتتىپاققا كەلگەن ئورۇنلاردىن:
تۇغۇلغان يىلى بولسا: پىئىل يىلى.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىنىڭ ئېچىدە تۇغۇلغانلىقى ۋە تۇغۇلغان يىلىنىڭ پىل يىلى ئىكەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق". ["زادىل مىئاد پى ھەديى خەيرىل ئىباد"1-توم 76-بەت].
مۇھەممەد بىن يۈسۈپ سالىھى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى ئىسھاق رەھىمەھۇللاھ: پىل يىلى دېگەن.
ئىبنى كەسىر: بۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە مەشھۇر بولغىنىدۇر دېدى.
بۇخارىنىڭ ئۇستازى بولغان ئىبراھىم ئىبنى مۇنزىر ھىزامى مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پىل يىلىدا تۇغۇلغانلىقىدا ئالىملاردىن ھېچ بىرى شەك قىلمايدۇ.
بۇ مەسىلىنى: خەلىيپە ئىبنى خەييات، ئىبنى جەززار، ئىبنى دىھيە، ئىبنى جەۋزى ۋە ئىبنى قەييىم قاتارلىق ئالىملار يۇقىرى كۆتۈرۈپ بۇنىڭغا ئالىملارنىڭ قارىشى بىردەك دېگەن. ["زادىل مىئاد پى ھەديى خەيرىل ئىباد"1-توم 334-335-بەتلەر].
دوكتۇر ئەكرەم زىيا ئۆمەرى مۇنداق دەيدۇ: "ھەق گەپ: بۇنىڭغا زىت بولغان رىۋايەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسنادىدا مەسىلە بار، ئۇنىڭدا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاختىنى پىل يىلىدىن ئون يىل كېيىن ياكى يىگىرمە ئۈچ يىل كېيىن ياكى قىرىق يىل كېيىن دېگەندەك سۆزلەر بار، كۆپچىلىك ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى پىل يىلى دېگەن قاراشتا بولدى. يېڭى دەۋرىدىكى مۇسۇلمان تەتقىقاتچىلىرى بولسۇن ياكى شەرقشۇناس تەتقىقاتچىلار بولسۇن ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى پىل يىلىنىڭ مىلادىيە 570-يىلى ياكى 571-يىلىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېتىبارغا ئالغان. بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پىل يىلىدا تۇغۇلغانلىقىنى كۈچلاندۇرىدۇ". ["پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا بولغان سىيرەتلىرى" 1-توم 97-بەت].
تۇغۇلغان كۈنى بولسا: دۈشەنبە كۈنى، بۇ كۈندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن، بۇ كۈندە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ۋە بۇ كۈندە ۋاپات تاپتۇرۇلغان.
ئەبى قەتادە ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ مەن تۇغۇلغان كۈن، مەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن كۈن ياكى ماڭا ۋەھيى نازىل بولغان كۈن دېگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 1162-ھەدىس].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى تۇغۇلغان دەيدۇ، بۇ تارىختىن بەك يىراق ۋە خاتا سۆزدۇر. بۇ سۆزنى ھاپىز ئىبنى دىھيە بەزى بىر شىيئەلەر يازغان دېگەن.
"راۋىينىڭ يەتكۈزىشى ھىدايەتنى يەتكۈزۈش بىلەن" دېگەن كىتابىدىن ئوقۇغان سۆزدىن نەقىل قىلغان، ئاندىن ئىبنى دىھيە بۇ سۆزنى زەئىپ دېگەن. ھەقىقەتەن بۇ زەئىپلىككە بەك لايىق ئېدى، چۈنكى ئۇ دەلىلنىڭ زىتتىدىدۇر". ["سىيرەتۇل نەبەۋىي"1-توم 199-بەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا نىسبەتەن ئالىملارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ ئورنى:
ئەمما ئىختىلاپنىڭ ئورنى بولسا: تۇغۇلغان ئاينى ۋە ئۇ ئايدىكى كۈننى بېكىتىش مەسىلىسىدۇر. بۇ توغرىدىكى نۇرغۇن سۆزلەردە توختالدۇق، ئۇ سۆزلەردىن:
رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ -ھىجىرىيە ئۈچىنچى ئاي- ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار.
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى ئابدۇلبەر ئۆزىنىڭ "ئەلئىستىيئاب" ناملىق كىتابىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئىيىنىڭ ئىككىنچى كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى نەقىل قىلغان. بۇنى ۋاقىدى ئەبى مەئشەر نەجىيھ بىن ئابدۇرەھمان مەدەنىيدىن رىۋايەت قىلغان. ["پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتى" 1-توم 199-بەت].
رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ سەككىزىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: "رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ سەككىزىنچى كۈنى دېيىلدى، بۇ سۆزنى ھۇمەيدى ئىبنى ھەزمىدىن ھىكايە قىلغان، بۇ سۆزنى مالىك ، ئۇقەيل ۋە يۈنۈس ئىبنى يەزىد ۋە باشقا ئالىملار زۆھرىدىن ئۇ مۇھەممەد ئىبنى جۇنەير ئىبنى مۇتئىمدىن رىۋايەت قىلغان. بۇ سۆزنى ئىبنى ئابدۇلبەر تارىخچىلاردىن نەقىل قىلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ سۆزنى توغرا دېگەن. بۈيۈك ھاپىر مۇھەممەد ئىبنى مۇسا خەۋارەزمى بۇ قاراشنى كەسكىنلەشتۈرگەن. ھاپىز ئەبۇ خەتتاپ ئىبنى دىھيە ئۆزىنىڭ" ئەتتەنۋېر پى مەۋلۇدىل بەشىيرىن نەزىير" ناملىق كىتابىدا ۋە "سىيرەتىن نەبەۋىيە: 1-توم 199-بەتتە بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان.
رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئونىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: "رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئونىنچى كۈنى دېيىلدى، بۇ سۆزنى ئىبنى دىھيە ئۆزىنىڭ كىتابىدا نەقىل قىلغان. ئىبنى ئەساكىر ئەبى جەپەر باقىردىن رىۋايەت قىلغان. ئۇلار مەجالىدتىن ئۇ شەئبىدىن رىۋايەت قىلغان. ["سىيرەتىن نەبەۋىيە: 1-توم 199-بەت].
رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى دېگەنلەر بار، ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: "رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئونىنچى كۈنى دېيىلدى، بۇ سۆزنى ئىبنى ئىسھاق كەلتۈرگەن، ئىبنى ئەبى شەيبە "مۇسەننىپ" ناملىق كىتابىدا ئەپپاندىن ئۇ سەئىيد ئىبنى مىينادىن ئۇ، جابىر ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ئەسەردە ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىل يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ ئون ئىككىسى دۈشەنبە كۈنىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، دۈشەنبە كۈنلۈكتە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن، دۈشەنبە كۈنلۈكتە ئاسمانغا ئۆرلىگەن يەنى مىراجقا چىققان. دۈشەنبە كۈنلۈكتە ھىجرەت قىلغان، دۈشەنبە كۈنلۈكتە ۋاپات بولغان". بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدىكى مەشھۇر قاراشتۇر. ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["سىيرەتىن نەبەۋىيە" 1-توم 199-بەت].
يەنە بۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى پىل يىلى رامىزان ئېيىدا، سەپەر ئىيىدا ۋە باشقا ئايلاردا تۇغۇلغان دېگەن قاراشلارمۇ بار.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان كۈنى توغرىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دەلىل بىزگە رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى بىلەن ئون ئىككىنچى كۈنى ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئېنىق بولاۋاتىدۇ،
ھېساپ ۋە ئاستۇرنۇمىيە ئەھلى بولغان بەزى مۇسۇلمان ئالىملىرى دۈشەنبە كۈنىنىڭ رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ توققۇزىنچى كۈنىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ ئاخىرقى كۈچلۈك سۆز بولىشى مۇمكىن. بۈ مىلادىيە 571-يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ يىگىرمىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، يېڭى دەۋرىدىكى سىيرەت يازغان ئالىملارنىڭ بەزىسىمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئۇستاز مۇھەممەد خىزرىي ۋە سەپىيۇرەھمان مۇبارەك پورى قاتارلىق ئالىملارنىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئەبۇلقاسىم سۇھەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھېساپ ئەھلى مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە تۆتىنچى ئاينىڭ يىگىرمىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىكەن". ["رەۋزۇل ئەنپى" 1-توم 282-بەت].
ئۇستاز مۇھەممەد خىزرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مىسىردىكى ئاستىرنومىيە ئالىمى شۇنداقلا جۇغراپىيە، ھېساپ، خەتتاتلىق، ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا يىتىشكەن ئالىم مىلادىيە 1885-يىلى ۋاپات بولغان، مەرھۇم مەھمۇد پاشا مۇنداق دېگەن: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 571-يىلى تۆتىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ، بۇ پىل ۋەقەسى يۈز بەرگەن تۈنچى يىلغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەنى ھاشىم جىلغىسىدىكى ئەبۇ تالىپنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلگەن". ["نۇرۇل يەقىين پى سىيرەتى سەييىدىل مۇرسەلىين" 9-بەت، ۋە "رەھىقىل مەختۇم" 41-بەتكە قارالسۇن].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاچان ۋاپات بولغان؟.
ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، ئۇ بولسىمۇ دۈشەنبە كۈنى، ئىبنى قۇتەيبىدىن: چارشەنبە كۈنى دېگەن سۆز نەقىل قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرا ئەمەس، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چارشەنبە كۈنىدە دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولىشى مۇمكىن بۇ توغرا.
ۋاپات بولغان يىلى بولسا: ھېچ ئىختىلاپسىز ھىجىرىيەنىڭ ئون بىرىنچى يىلى.
ۋاپات بولغان ئاي بولسا: ھېچ ئىختىلاپ يوق رەبىئۇل ئەۋۋەل ئىيى.
ئاشۇ ئايدىكى ۋاپات بولغان كۈننى بېكىتىشتە بولسا ئالىملارنىڭ ئارىسىدا پەرىقلىق قاراشلار بار:
-كۆپچىلىك ئالىملار: رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنىگە ئىتتىپاق.
-خەۋارەزمى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ بىرىنچى كۈنى دېگەن قاراشتا بولدى.
-ئىبنى كەلبى، ئەبۇ مەخنەپ قاتارلىقلار: رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئىككىنچى كۈنى دېگەن قاراشتا بولدى، سۇھەيلىمۇ بۇ قاراشقا مايىل بولدى، ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈردى.
ئەڭ مەشھۇر بولغان قاراش بولسا: كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىرىيىنىڭ ئون بىرىنچى يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ ئون ئىككىنچى كۈنىدە ۋاپات بولدى دېگەن قارىشىدۇر. [سۈھەيلىنىڭ" روۋزۇل ئەنپى" 4-توم 439-440-بەتلەر. ئىبنى كەسىرنىڭ" سىيرەتىن نەبەۋىيە"4-توم 509-بەت. ئىبنى ھەجەرنىڭ" پەتھۇل بارى"8-توم 130-بەتكە قارالسۇن].
بۇ جاۋاپ توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: 137931-ۋە 148053-
- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.