پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ دوزاختىكى كىشىلەر بىلەن سۆزلىشەمدۇ؟

148143

تارقاتقان ۋاقىت : 14-09-2012

كۆرگۈچىلەر : 3633

سۇئال

جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ بىر-بىرى بىلەن، دوزاخ ئەھلىمۇ دوزاختا تۇرۇپ بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، دېگەن چۈشەنچىگە ئىگە ئىدىم. لېكىن مېنىڭ سوئالىم: جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى كاپىر دوستلىرى بىلەن سۆزلىشىشى مۇمكىن بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

جەننەت ئەھلى بىر-بىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، دوزاخ ئەھلىمۇ بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ، شۇنداقلا جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ دوزاخ ئەھلى بىلەن، دوزاخ ئەھلى دوزاختا تۇرۇپ جەننەت ئەھلى بىلەن سۆزلىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق جەننەت ئەھلىنىڭ ئاللاھ ئۆزلىرىنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ، جەننەتكە كېرگۈزگەنلىكىدىن ئىبارەت كاتتا نېمىتىگە بولغان خۇرسەنلىكى زىيادە بولسا، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىنى يوقىتىپ، ئازابقا دۇچار بولۇپ، دوزاخقا مەھكۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەت-نادامىتى تىخىمۇ زىيادە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَنَادَىٰٓ أَصحَٰبُ ٱلجَنَّةِ أَصۡحَٰبَ ٱلنَّارِ أَن قَدۡ وَجَدۡنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقّا فَهَلۡ وَجَدتُّم مَّا وَعَدَ رَبُّكُمۡ حَقّاۖ قَالُواْ نَعَمۡۚ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنُۢ بَينَهُمۡ أَن لَّعنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ

تەرجىمىسى: جەننەت ئەھلى جەھەننەم ئەھلىگە: بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟ دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ھەئە- دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن سۈرە ئەئراپ 44-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَنَادَىٰٓ أَصحَٰبُ ٱلنَّارِ أَصحَٰبَ ٱلجَنَّةِ أَنۡ أَفِيضُواْ عَلَينَا مِنَ ٱلمَآءِ أَوۡ مِمَّا رَزَقَكُمُ ٱللَّهُۚ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى ٱلكَٰفِرِينَ

تەرجىمىسى:«ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان، دەيدۇ. سۈرە ئەئراپ 50-ئايەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جەھەننەم ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى، جەننەت ئەھلىدىن بولغان قېرىندىشى ياكى دادىسىنى چاقىرىپ، مەن ئوتتا كۆيۈپ پۇچۇلىنىپ كەتتىم، مېنىڭ ئۈستۈمگە ئازراق سۇ قۇيۇۋەتسەڭ دەيدۇ. ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىڭلار دېيىلىدۇ- دە، ئۇنىڭغا جاۋابەن: "ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نېمەتلەرنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان"، دەيدۇ.

سەئىد ئىبنى جۇبەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "دوزاخ ئەھلىدىن بولغان بىر كىشى ئۆزىنىڭ جەننەت ئەھلىدىن بولغان قېرىندىشىنى چاقىرىپ: ئى قېرىندىشىم! ئوتتا كۆيۈپ پۇچۇلىنىپ كەتتىم، ماڭا ياردەم قىلساڭ دەيدۇ. ئۇ كىشى ئۇنىڭغا: "ئاللاھ تائالا جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نېمەتلەرنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان"، دەيدۇ. [تەپسىر تەبەري 12- توم 473- 474- بەتلەرگە قارالسۇن].

ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەئراپ ئەھلى (يەنى ياخشىلىقى بىلەن گۇناھلىرى باراۋەر كېلىپ قالغان كىشىلەر، جەننەت بىلەن دوزاخ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئېگىز بىر جايدا، ئاللاھ خالىغانغا قەدەر تۇرغۇزىلىدۇ) جەننەتكە كېرگۈزۈلگەندە، دوزاختىكىلەرمۇ بۇنى تاما قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! جەننەتتە بىزنىڭ يېقىنلىرىمىز بار ئېدى، رۇخسەت قىلغان بولسىلا بىزمۇ ئۇلارنى كۆرسەك ۋە ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىۋالغان بولساق دەيدۇ. ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرى ۋە پۈتۈن بەدەنلىرى ئوتتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەچكە جەننەتتىكى يېقىنلىرى ئۇلارنى تونۇمايدۇ. ئەھلى دوزاخ جەننەت ئەھلىگە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ. [جامىئى ئەھكامۇل قۇرئان 7- توم 215- بەت]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَأَقۡبَلَ بَعضُهُمۡ عَلَىٰ بَعضٖ يَتَسَآءَلُونَ ٥٠ قَالَ قَآئِلٞ مِّنهُمۡ إِنِّي كَانَ لِي قَرِينٞ ٥١ يَقُولُ أَءِنَّكَ لَمِنَ ٱلمُصَدِّقِينَ ٥٢ أَءِذَا مِتنَا وَكُنَّا تُرَابا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَدِينُونَ ٥٣ قَالَ هَلۡ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ ٥٤ فَٱطَّلَعَ فَرَءَاهُ فِي سَوَآءِ ٱلجَحِيمِ ٥٥ قَالَ تَٱللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرۡدِينِ ٥٦ وَلَوۡلا نِعمَةُ رَبِّي لَكُنتُ مِنَ ٱلمُحضَرِينَ ٥٧ أَفَمَا نَحنُ بِمَيِّتِينَ ٥٨ إِلا مَوۡتَتَنَا ٱلأُولَىٰ وَمَا نَحنُ بِمُعَذَّبِينَ ٥٩ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلفَوۡزُ ٱلعَظِيمُ ٦٠ لِمِثلِ هَٰذَا فَليَعمَلِ ٱلعَٰمِلُونَ

تەرجىمىسى:« ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر ـ بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ، ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) 'سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن؟، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟، دەيتتى. ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ. ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن. ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم. تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق؟. بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر. ئەمەل قىلغۇچىلار مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن. [سۈرە ساپپات 50- ئايەتتىن 61- ئايەتكىچە].

شەئبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: جەننەت ئەھلى جەننەتتە تۇرۇپ دوزاختىكى كىشىلەرگە قارايدۇ-دە، ئۇلارغا: بىز سىلەر ئۆگەتكەن بويۇنچە ئەمەل قىلغان ئىدۇق؟، سىلەرگە نېمە بولدى، دوزاخقا چۈشۈپسىلەر؟، دەيدۇ. ئۇلار: بىز سىلەرگە ئۆگەتكەن بىلەن ئۆزىمىز ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمايتتۇق دەيدۇ. [ئىمام ئەھمەد "ئەززۇھدى" ناملىق ئەسەرنىڭ369- بېتىدە،ئىبنى مۇبارەك " ئەززۇھدى" ناملىق ئەسەرنىڭ64- بېتىدە، ئەبۇ نەئىم "ئەلھىليە" ناملىق ئەسەرنىڭ 4- توم 312- بېتىدە سەھىھ دەپ بايان قىلىدۇ].

مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ جەننەت ئەھلىگە قىلغان كاتتا نېمەتلىرىدۇر، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان پەزلى، رەھمىتى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى، جەننەتكە كېرىش شەرىپى بىلەن تۈرلۈك نېمەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، دوزاختىن ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك دەرتلىك ئازابلىرىدىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلىدۇ.

كاپىرلارنىڭ دەرتلىك ئازابتا بولۇشى، جەننەت ئەھلىنى تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن راھەتلەنگەن ھالەتتە كۆرۈشى،ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دەرد-ئەلەم، قايغۇ-ھەسرەتنى زىيادە قىلىدۇ. بۇ كاپىرلارغا قىلىنىدىغان ئازابلارنىڭ جۇملىسىدىندۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَقَالُواْ ٱلحَمدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي صَدَقَنَا وَعدَهُۥ وَأَوۡرَثَنَا ٱلأَرۡضَ نَتَبَوَّأُ مِنَ ٱلجَنَّةِ حَيثُ نَشَآءُۖ فَنِعمَ أَجرُ ٱلعَٰمِلِينَ

تەرجىمىسى:جەننەت ئەھلى (جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا) ئېيتىدۇ: جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرى (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى! [سۈرە زۇمەر 74-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَأَقبَلَ بَعضُهُمۡ عَلَىٰ بَعض يَتَسَآءَلُونَ ٢٥ قَالُوٓاْ إِنَّا كُنَّا قَبلُ فِيٓ أَهلِنَا مُشفِقِينَ ٢٦ فَمَنَّ ٱللَّهُ عَلَينَا وَوَقَانَا عَذَابَ ٱلسَّمُومِ

تەرجىمىسى:ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ. ئۇلار ئېيتىدۇ: بىز ھەقىقەتەن (دۇنيادىكى چاغدا) ئائىلىمىزدە (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقاتتۇق. ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلدى، بىزنى زەھەرلىك ئازابتىن ساقلىدى [سۈرە تۇر 25-26-27- ئايەتلەر].

دوزاخ ئەھلىنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

فَقَالُواْ يَٰلَتَنَا نُرَدُّ وَلا نُكَذِّبَ بِ‍َٔايَٰتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ ٱلمُؤۡمِنِينَ

تەرجىمىسى:«ئۇلار: كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق دەيدۇ.[سۈرە ئەنئام 27-ئايەت].

ئىمام تەبەرىي ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:ئەھلى جەننەت، ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە››، خارلىق، پەسلىك ۋە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولدۇق دەيدۇ. جەننەت ئەھلى: بىز جەننەتتە تۈرلۈك نېمەت، ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش بىلەن پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق دەيدۇ.[تەپسىرىي تەبەرىي 12- توم 446-بەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلى ئارىسىدا سىپىل بولۇپ، جەننەت ئەھلى ئۈچۈن ئىشىكلەر ئىچىلىدۇ، ئۇلار كارۋاتلىرىدا ئارام ئالغان ھالەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ قانداق ئازابلىنىۋاتقانلىقىغا قارايدۇ ۋە ئۇلارغا قاراپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇرسەن بولىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ، كاپىرلاردىن ئىنتىقام ئالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشتۇر. [تەپسىرىي تەبەرىي 24-توم 304- بەت].

شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى! جەننەت ئەھلى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى يېقىنلىرى ۋە دوست -بۇرادەرلىرىنىڭ دوزاختا ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن قىلچىمۇ بىئارام بولمايدۇ. قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق ئالاقە ئۈزۈلىدۇ، پەقەت تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بولغان دوستلۇق قالىدۇ. (يەنى بۇ يەردە دۇنيالىقنى كۆزلىمەستىن، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغان ئالاقە كۆزدە تۇتۇلىدۇ- مۇھەررىر). بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

ٱلأَخِلآءُ يَوۡمَئِذِۢ بَعۡضُهُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوٌّ إِلا ٱلمُتَّقِينَ

تەرجىمىسى:بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر). [سۈرە زۇخرۇپ 67- ئايەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى