جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

جازانە قىلىپ قەرز ئالغان پۇل بىلەن ھەج قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

بىر قانچە يىل ئىلگىرى ماشىنا سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكىدىن جازانە شەكىلدە قەرز ئالدىم. ھازىر ئىلگىرى قىلغان شۇ ئىشىمغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلدىم. ئاللاھ تائالادىن تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولىشىنى سورايمەن. جازانە قەرزگە ئالغان ماشىنىنى ساتتىم، بۇ يىل ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن، ماشىنىنى ساتقان پۇلدىن باشقا ئىقتىسادىم يوق. مۇشۇ ئىقتىساد بىلەن ھەج قىلسام توغرا بولامدۇ؟. مەن ھازىرغىچە ئايلىق مائاشىمدىن بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەۋاتىمەن، ھەجگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئايلىق پۇلۇم بىلەن بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆلەپ بولىمەن، مەندە ئۇنىڭدىن باشقا ئىقتىسات يوق، توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

قەرز ئىلىش ۋە باشقىلارغا قەرز بېرىشتە جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ئىشنى سادىر قىلغان كىشى ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈش بىلەن بىرگە قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۇ ئىشنى قايتا تەكرارلىماسلىق ئىرادىسى بىلەن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ تەۋبە قىلىشى كېرەك.

جازانە شەكىلدە قەرز ئىلىش گەرچە قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ ئەمما قەرز ئالغانىكەنسىز مالغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققىڭىز بولىدۇ. يەنى قەرز ئالغان مال قەرز ئالغۇچىنىڭ مۈلكى بولىدۇ. بۇ ئىقتىسادنى مۇباھ ئىشلارغا سەرپ قىلسىڭىز بولىدۇ، يەنى ماشىنا سېتىۋېلىڭ ياكى باشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىڭ ئوخشاشلا بولاۋېرىدۇ. [شەيخ ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد ئەلئۇمرانىينىڭ "قەرزدىكى مەنپەئەت" ناملىق ئەسەرىنىڭ 245-254-بەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

سىز يۇقىرىدا ئېيتقىنىڭىزدەك، جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىڭىزغا قەتئى پۇشايمان قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭ، يېنىڭىزدا قالغان پۇل بىلەن ھەج قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ. قەرەللىك قەرز تۆلەشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز - ئاللاھ خالىسا- بۇنىڭ ھېچ زىيىنى بولمايدۇ.

قەرز قەرەللىك ياكى مۇددەتلىك بولسا سىز ئۇنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئادا قىلىشقا قادىر بولالىسىڭىزلا زىممىڭىزدە قەرز بولسىمۇ ھەج قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا سىزنى ۋە بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى