پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

دىنى بەلگىلەر بولمىغان، ھەممە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان جايدا ناماز ئوقۇش توغرا بولامدۇ؟

153658

تارقاتقان ۋاقىت : 03-09-2015

كۆرگۈچىلەر : 3209

سۇئال

ەن گېرمانىيىدىكى مەلۇم بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا جۈمە ئوقۇيدىغان ۋە جامائەت بولۇپ بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان بىر ياتاق ئۆيىمىز بار، ئەمما بۇ جاي بىلەن مەكتەپ ئارىلىقى ئون مىنۇتلۇق يول بولغاچقا بەزى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ناماز ۋاقتى بولغاندا، پاكۇلتېتىنىڭ كەينى ياكى بىنانىڭ ئىچىدىكى بوش قالغان مۇناسىپ جايلاردا يالغۇز-يالغۇز ناماز ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپتىكى "مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى" ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ ئۆزىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن مەكتەپ ئىچىدىن ئايرىم بىر جاي كۆرسىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، مەكتەپ رەھبەرلىكى بىزگە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ياتاق بىناسىدىن بىر ئۆي بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپنىڭ ئۆزىدىن ئايرىم جاي كۆرسىتىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ تەلىپىمىزنى رەت قىلماسلىق ئۈچۈن ھەر دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئورتاق پايدىلىنىدىغان ئورۇندا بىزنىڭمۇ ناماز ئوقۇشىمىزغا رۇخسەت قىلدى، لېكىن بۇ جايدا ئېتىقاد سىمۋولىنى ئىپادىلەيدىغان كرېست ياكى ھەيكەل قاتارلىق دىنى رەمزىلەرنىڭ بولماسلىقىنى تەكىتلىدى. بىز بۇ ئىبادەتخانىنى باشقىلار ئىشلەتمەيدۇ دەپ تەخمىن قىلغان ئىدۇق، دېگەندەك بۇ ئۆينى باشقا ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بۇ ئۆينى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالدۇق. ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن بۇ جايدا 20 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى دائىم جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، لېكىن بۇ يەردە كىچىككىنە بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئۆيدە خرىستىئانلارنىڭ بەزى مۇقەددەس كىتاپلىرىدىن بار، لېكىن ھېچ كىشى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى، مېنىڭ سوئالىم: يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئىبادەتخانىدا ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: بۇ ئۆيدە جۈمە ۋە بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇساڭلار بولىدۇ، بەلكى بۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى سىلەر ياشاۋاتقان جاي جۈمە نامىزى ۋە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەر ئاسان تېپىلىدىغان مۇسۇلمانلار دىيارىغا ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆي سىلەرنىڭ مەسچىتىڭلار بولىدۇ، ئۇ ئۆيدە بەزى باشقا دىندىكىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ بولىشى سىلەرنى ئۇ جايدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشتىن چەكلەپ قويالمايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار باشقا دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاق بولمىغان بىر جاينى ئۆزلىرى ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلغان بولسا، بۇ جاي ئۇلارنىڭ مەسچىتى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق جاي تاپالمىسا، باشقا دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئورتاق بولغان بىر جايدا ئىبادەت قىلسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت]. پەتىۋا بەرگۈچىلەر: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي قاتارلىقلار. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 2-توم 80-81-بەتلەر].

ئىككىنچى: ئورتاق بولغان ئۆيدە بۇت، كرېست بەلگىسى ياكى ھەيكەللەرمۇ بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ جايدا ھېچ ئىككىلەنمەستىن ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇت-ھەيكەللەر بولمىغان چېركاۋدا (مەسچىت يوق بولسا) ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى بەلگىلەردىن خالى بولغان بۇ ئۆيدە ناماز ئوقۇش ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ. چېركاۋدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى 147007-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

يەنە بۇ ئۆيگە خرىستىئانلار كېلىپ ئۆزىنىڭ ئىبادەتلىرىنى قىلسىمۇ، بۇ ئىش سىلەرنى بۇ ئۆيدە جۈمە نامىزى ۋە باشقا نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشتىن چەكلەپ قويالمايدۇ، چۈنكى بىز بىلەن باشقا دىندىكىلەر بىر جايدا ناماز ئوقۇسىمۇ ئۇلار بىلەن بىزنىڭ نامىزىمىز ئارىسىدا باشقىلار ئايرىيالمىغۇدەك ھېچ ئوخشاشلىق يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنى ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ناماز ئوقۇۋاتقان ھالەتتە كۆرگەنلەر قاراپلا ئايرىيالايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى