يەكشەنبە 24 زۇل ھەججە 1445 - 30 ئىيۇن 2024
Uygur

قەسەمگە ياكى نەزىرگە ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى قېتىش توغرىسىدا

سۇئال

   مەن تۆت يىل ئىلگىرى نەزىر قىلدىم، قىلغان نەزىرگە ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى قاتتىم، (ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، خىزمەتكە چىقسام تۈنجى بىر ئايلىق ئىش ھەققىمنى ئەلۋەتتە سەدىقە قىلىمەن) دېدىم، ھازىر ماڭا نېمە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ؟، ئايلىق ئىش ھەققىم تۇنجى خىزمەتكە چىققان ۋاقتىمدىن زىيادە بولدى، ماڭا سەدىقە قىلىش ۋاجىپ بولسا، خىزمەتكە چىققان دەسلەپكى ۋاقىتتىكى ئىش ھەققىمنى سەدىقە قىلىمەنمۇ ياكى ھازىرقى ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ مىقدارىدا سەدىقە قىلىمەنمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىلغان نەزىرنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولسا، مەن بۇ يىل ئائىلىدىكىلەر بىلەن ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلىمەن، نەزىرنى ئادا قىلىشىم ياخشىمۇ ياكى ھەج قىلىشمۇ؟، بار بولغان ئىقتىساد مېنىڭ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە ھەج قىلىشقىلا يېتىدۇ، ھەج قىلىش بىلەن بىرگە نەزىرگە ۋاپا قىلىشىمغا يەتمەيدۇ، ئاللاھ كۆپ ئەجىر بەرسۇن، سىلەرنى تۈرلۈك بالا-قازالاردىن ساقلىسۇن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، خىزمەتكە چىقسام تۈنجى بىر ئايلىق ئىش ھەققىمنى ئەلۋەتتە سەدىقە قىلىمەن دېگەن سۆزىڭىز نەزىر ئەمەس، قەسەمگە تەۋە سۆز، قەسەم قىلغۇچى قەسەمنى خالاشقا ئالاقىدار قىلىپ قويسا، ھەم قەسەم  بۇزۇلمايدۇ، ھەم كاپارەت كېرەك بولمايدۇ، نەزىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، ئەگەر سەدىقە قىلمىسىڭىز سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ.   

"زادىل مۇستەقنى"دا مۇنداق كەلگەن: "بىر كىشى كاپارەت بېرىدىغان قەسەمدە ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى قېتىپ دېگەن بولسا، ئۇ قەسەم بۇزۇلمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ سۆزنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ:" كاپارەت كېلىدىغان قەسەم دائىرىسىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قېلىنغان قەسەم، نەزىر، زىھار قاتارلىقلار كېرىدۇ، بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە كاپارەت كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تالاق ۋە قۇل ئازاد قىلىش بۇ دائىرىدىن چېقىپ كېتىدۇ، ئۇ ئىككىسىگە كاپارەت كەلمەيدۇ.

   ئەگەر كاپارەت كېلىدىغان قەسەمدە"ئاللاھ خالىسا" دېگەن بولسا، ئۇ قەسەم بۇزۇلمايدۇ، يەنى ئۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ، ئۆزى قەسەم قىلغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە قەسەم قىلسىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

   ئاللاھ بىلەن قىلىنغان قەسەمنىڭ مىسالى: قەسەم قىلغۇچى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! بۇ كىيىمنى كېيمەيمەن ئاللاھ خالىسا دېسە، ئاندىن كېيىن ئۇ كىيىمنى كىيسە بۇ كىشىگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ بىلەن قەسەم! بۇ كىيىمنى بۈگۈن كېيمەن ئاللاھ خالىسا دېگەن بولسا، كۈن پاتقاندىن كېيىنمۇ كىيمىسە، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ.  
بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر كىشى قەسەمنى قىلىپ ئەگەر ئاللاھ خالىسا دېگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قەسىمى بۇزۇلمايدۇ، يەنى كاپارەت كەلمەيدۇ» دېگەن سۆزىدۇر.

   نەزىرنىڭ مىسالى: ئەگەر ئاللاھ تائالا مېنىڭ مۇشۇ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە، ئاللاھ ئۈچۈن نەزىر قىلىمەن دېسە، ئەگەر ئاللاھ خالىسا دېگەن بولسا، ئۇ كىشى دېگەن نەزىرنى قىلمىسا گۇناھ بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئۈچۈن مېنىڭ ئۈستۈمگە نەزىر بولسۇن پالانىغا سۆز قىلمايمەن، ئاندىن سۆز قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 15-توم 139-بەت].

   شەيخ مۇنداق دەيدۇ:" ئەگەر نەزىرنى خالاشقا ئالاقىدار قىلىپ قويۇپ: " ئەگەر مەن مۇنداق ئىشنى قىلسام ئاللاھ ئۈچۈن ماڭا نەزىر بولسۇن ئاللاھ خالىسا، دېگەن بولسا، ئۇ كىشىگە كاپارەت كەتمەيدۇ، بۇ شەكىلدىكى نەزىرنىڭ ھۆكمى قەسەمنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ.

    ئەگەر ئىش تائەت-ئىبادەت دائىرىسىدە بولسا، قارايمىز، ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ياكى تەۋەررۇك قىلىش ئۈچۈن بولسا، ئۇ ئىشنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، مەقسىتى قانداق بولسا ھۆكۈممۇ شۇنداق بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 15-توم 221-بەت].

    ھۆكمى قەسەمنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولغان نەزىر بولسا، ئۇ نەزىر بىلەن بىر ئىشنى تەستىقلاش ياكى ئۇ ئىشنى يالغانغا چىقىرىش ياكى ئۇ ئىشقا قىزىقتۇرۇش ياكى ئۇ ئىشتىن چەكلەش مەقسەت قىلىنسا، بۇ نەزىر دولقۇنلاپ تۇرغان ۋە غەزەپ بىلەن قېلىنغان قەسەم دېيىلىدۇ.

    ئەمما تائەت-ئىبادەت ئۈچۈن قىلىنغان نەزىرگە ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆز جۇپلانسا، ئۇنىڭغا قارىلىدۇ: ئەگەر نەزىر قىلغۇچى قىلغان نەزىرنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا ئالاقىدار قىلسا، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە لازىم بولمايدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆز بىلەن پەقەت تەۋەررۇك قىلىش ياكى سۆزىنى كۈچەيتىش ۋە بېكىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە قىلغان نەزىرىگە ۋاپا قىلىش لازىم بولىدۇ.

   سوئالدا سىز دېگەن سۆزنىڭ قۇرۇلمىسى قەسەم بولۇپ نەزىر ئەمەس، بۇ قەسەم بۇزۇلمايدۇ ۋە سىزگە ھېچ نەرسە لازىم بولمايدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى