جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

تېتىلىپ كەتكەن جەسەتنى قانداق پاكىزلاش توغرىسىدا

154635

تارقاتقان ۋاقىت : 03-02-2023

كۆرگۈچىلەر : 598

سۇئال

ماشىنا ھادىسىسى سەۋەبىدىن تېتىلىپ كەتكەن جەسەتنى قانداق پاكىزلاش كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ماشىنا ھادىسىسىدە ۋاپات بولۇپ بەدىنى پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇش مۇمكىن بولسا ئەزالىرىنى بىر-بىرىگە توغۇرلاپ ھەممە يېرى يۇيىلىدۇ، چۈنكى مەيىتنىڭ بەدىنىنى مۇمكىن بولغان شەكىلدە يۇيۇش زۆرۈر، ئەگەر ھەممىسىنى يۇيۇش مۇمكىن بولمىسا يۇيۇش مۇمكىن بولغان جايلىرىنى يۇيىدۇ.

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شاپىئى مەزھەپ ساھىپلىرى مۇنداق دەيدۇ:  سۇ بولمىغانلىق ياكى جەسەت كۆيۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن مېيىتنى يۇيۇش قىيىن بولسا، بۇ ۋاقىتتا مېيىتنى يۇماي، تەيەممۇم قىلدۇرىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە تەيەممۇم قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى مېيىتنى پاكىزلاش نىجاسەتنى يوق قىلىشقىلا ئالاقىدار بولمايدۇ، بەلكى سۇ ئىشلىتىش قېيىن بولغاندا جۇنابەتتىن يۇيۇنغانغا ئوخشاش تەيەممۇمغا يۆتكىلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئىبنى مۇنزىر سۇ بىلەن يۇسا بەدەن گۆشى ئېقىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ يۇيۇشقا قادىر بولالمىغان  كىشى توغرىسىدا، سۇپيان سەۋرى بىلەن ئىمام مالىكتىن:  ئۈستىگە سۇ قۇيىدۇ دەپ، ئىمام ئەھمەد بىلەن ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيدىن: تەيەممۇم قىلدۇرىلىدۇ دېگەننى بايان قىلىپ، مەنمۇ شۇنداق دەيمەن دېگەن". [شەرھىل مۇھەززەب"  5 -توم 140 -بەتتىن قىسقارتىپ ئىلىندى".]

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بەدىنى پارچىلانغان، كۆيۈپ كەتكەن ۋە سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن كىشىنىڭ جەسىتىنى يۇيۇش مۇمكىن بولسا يۇيىدۇ، ئەگەر سۇ بىلەن يۇغاندا بەدەنلىرى پارچىلىنىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، يۇمايدۇ، مۇمكىن بولغان شەكىلدە تەيەممۇم قىلدۇرىدۇ، خۇددى ھايات بولۇپ سۇ زىيان قىلىدىغان كىشىگە ئوخشايدۇ، سۇ يوق بولۇپ مېيىتنى يۇيالمىسا تەيەممۇم قىلدۇرىدۇ، بەزىسىنى يۇيۇپ بەزىسىنى يۇيالمىسا، مۇمكىن بولغان تەرىپىنى يۇيىدۇ، مۇمكىن بولمىغان تەرىپىنى تەيەممۇم قىلدۇرىدۇ، ھايات كىشىمۇ شۇنداق قىلىدۇ". ["ئەل مۇغنى" 2-توم 210-بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: "بەزى ھادىسىلەردە بەدىنى بۇزۇلۇپ پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن كىشى قانداق يۇيىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مۇمكىن بولسا باشقا ساق كىشىلەرنى يۇغاندەك يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر مۇمكىن بولمىسا تەيەممۇم قىلدۇرىلىدۇ، چۈنكى سۇ ئىشلىتىشتىن ئاجىز كەلگەندە تەيەممۇممۇ سۇ بىلەن يۇغاننىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13-توم 123-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەن ئېقىن سۇدىن كىيىمى يوق بىر بوۋاقنىڭ جەسىدىنى ئۇچراتتىم، بۇ يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاق ئىكەن، بۇنىڭ بەدىنى پارچىلىنىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن شەرئى كۆرسەتمە بويۇنچە باشقا نورمال جەسەتلەرنى يۇغاندەك يۇيۇشقا قادىر بولالمىدىم، ئەگەر ئۇ بوۋاقنى يۇماي دەپنە قىلىۋەتسەم ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ مۇشۇنداق ئەھۋال تەكرارلىنىپ قالسا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مېيىتنى يۇيۇش ئۈزۈرلۈك بولسا، ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: تەيەممۇم قىلدۇرىلىدۇ، يەنى ھايات كىشى ئىككى قولىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن مەيىتنىڭ يۈزىنى ۋە ئىككى ئالقىنىنى سىلايدۇ، ئاندىن كىپەنلەپ، نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ"، ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13-توم 123-بەت]. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى