پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ناماز ئادا قىلغۇچى قىرائەتتە خاتا كەتسە ياكى بىرەر ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالسا قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا؟

سۇئال

مەن نامازدا قۇرئان ئوقۇغان ۋاقىتتا دىققىتىمنى يىغالمىغانلىقىم ئۈچۈن بەزى خاتا ئوقۇيمەن بەزىدە ئايەتنى ئۇنتۇلۇپ قالىمەن، ئاندىن ئۈچ قېتىم ئىستىغپار ئېيتىپ يەنە سۈرىنى ئوقۇشنى باشلايمەن ياكى يېڭىدىن ئايەت ئوقۇيمەن، بۇنداق قىلسام توغرا بولامدۇ؟ ياكى يېڭىدىن بىر سۈرە ئوقۇشۇم كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

      كىمكى نامازدا بىرەر ئايەتنى ئۇنتۇپ قالسا، ياكى ئايەتنى خاتا ئوقۇغان بولسا. بۇ پاتىھە سۈرىسىدە بولسا، چوقۇم پاتىھە سۈرىسىنى توغرىلاپ ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى پاتىھە سۈرىسىنى توغرا ئوقۇمىسا. ئۇنىڭدىن بىرەر ئايەتنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى ئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگىرەپ كېتىدىغان ھالەتتە خاتا ئوقۇسا، ئۇنى قايتىدىن توغرىلاپ ئوقۇمىسا نامىزى توغرا بولمايدۇ.

    ئەمما پاتىھە سۈرىسىدىن باشقا سۈرىلەردە خاتالىق سادىر بولغان بولسا، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ، چۈنكى پاتىھە سۈرىسىدىن كىيىن سۈرە ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر.

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى نامازدا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن سۈرە ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، پەرىز ناماز بولسۇن ياكى نەپلە ناماز بولسۇن، ئۇ كىشى ئىمام بولسۇن ياكى ئىمامغا ئەگەشكەن كىشى بولسۇن ياكى يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسۇن ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇ كىشىگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ".  "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"7/146.

     نامازدا ئايەتنى خاتا ئوقۇغان ياكى ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ ئىستىغپار ئېيتىشى يولغا قويۇلمىغان، ئۇ كىشى خاتا ئوقۇغان ئايەتنى توغرا ئوقۇشقا ۋە ئۇنتۇپ قالغان ئايەتنى ئېسىگە ئىلىشقا ئۇرۇنۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، خاتا كەتكەن ياكى ئۇنتۇپ قالغان ئايەتنى قويۇپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئايەتنى ياكى يېڭىدىن باشقا بىر سۈرە ئوقۇشى كېرەك، ياكى قىرائەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رۇكۇغا بېرىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلسا ئۇ كىشىگە ھېچ ئىش بولمايدۇ نامىزى توغرا بولىدۇ.

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ناماز ئادا قىلغۇچىغا ئايەتلەر ئارىلىشىپ كەتسە، كېيىن كىلىدىغان ئايەتنى ئېسىگە ئالالمىسا باشقا ئايەتنى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى نامازنى باشلىغاندا، كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پىششىق ياد قىلغان سۈرىلەرنى ئوقۇشى كېرەك". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"5/337].

     شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىمام نامازدا ئۆزى بىلگەن بىر سۈرىنى ئوقۇۋېتىپ، ئاخىرىدىكى ئايەتنى ئۇنتۇپ قالسا، جامائەتلەردىنمۇ ھېچ بىر كىشى بۇنى دەپ بېرەلمىسە، ئۇ كىشى تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىۋېرەمدۇ ياكى باشقا بىر سۈرىنى باشلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ سۈرە پاتىھەدىن باشقا سۈرە بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى خالىسا قىرائەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا بارىدۇ، خالىسا سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە باشقا سۈرىدىن ئوقۇپ قىرائەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رۇكۇغا بارىدۇ.

    ئەمما پاتىھە سۈرىسى بولۇپ قالسا، سۈرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئوقۇش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش نامازنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر". ["ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 12/129].

      بىر كىشى شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "مەن يالغۇز ناماز ئادا قىلسام قىرائەتتە خاتا كېتىمەن، ئايەتنى تولۇق ئوقۇيالمايمەن، ئايەتلەر ئارىلىشىپ كېتىدۇ، مەن بۇنداق ھالەتتە نامازدا نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سىز ئۇنداق ۋاقىتتا مۇنۇ ئىككى ئىشتىن بىرىنى قىلىڭ: ئارىلىشىپ كەتكەن، خاتا كەتكەن ئايەتنى ئوقۇماي باشقا ئايەتنى ئوقۇڭ ياكى قىرائەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا بىرىڭ، چۈنكى بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بار". [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتۋاسى" 141/24].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى