پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

مېيىتنى ئېلىپ ماڭغاندا جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋېتىپ "قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار دەپ توۋلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

جىنازىنى ئېلىپ ماڭغاندا بەزى كىشىلەرنىڭ "قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن يەنى ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار دېيىشى توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىش ئىبادەت بولۇپ، جىنازىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ئىچىدە دۇئا قىلىشى ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى توغرا بولىدۇ، ئەمما، قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار-مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار دەپ كىشىلەرگە چاقىرىق قىلىشنى بىر قىسىم ئۆلىمالار ياقتۇرمىغان ۋە ئۇنى يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىغان.

    ئىبنى ئەبى شەيبە ئۆز كىتابىدا، ئىنسان جىنازىنىڭ كەينىدە كېتىۋېتىپ: قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن"دېيىشى توغرىسىدا دەپ ئايرىم بىر باب كەلتۈرگەن.

     ئىبراھىم نەخەئىي: بىر كىشىنىڭ جىنازىغا ئەگىشىپ كېتىۋېتىپ "قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن"دېيىشى ياخشى ئەمەس دېگەن.

بۇكەير ئىبنى ئەتىيق: مەن بىر جىنازىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتىم، كىشىلەر ئارىسىدا سەئىيد ئىبنى جۇبەيرمۇ بار ئىدى، بىر كىشى: "قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن" دېگەندە، سەئىيد ئىبنى جۇبەير ئۇ كىشىگە: ئاللاھ سېنى مەغپىرەت قىلمىسۇن دېگەن.

    ئەتا ئىبنى رەباھ: كىشىلەر جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋېتىپ: قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن" دېيىشىنى ياقتۇرمايتتى.

    ئەللامە ھەيتەمىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جىنازە بىلەن ماڭغاندا زىكىر ئېيتىپ ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلسىمۇ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۆچ كۆرۈلىدۇ، چۈنكى ساھابىلارمۇ-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- بۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايتتى". [بەيھەقى رىۋايىتى].

    ھەسەن بەسەرى ۋە باشقا ئۆلىمالارمۇ: قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار دېگەن سۆزنى ياقتۇرمايتتى.

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ سۆزنى ئېيتقۇچىغا: "ئاللاھ سىنى مەغپىرەت قىلمىسۇن"دېگەن سۆزى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن جىنازىغا ئەگەشكەندە، دۇنيانىڭ يوق بولىدىغانقى، ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا جىمجىت پىكىر قىلىش كېرەك، ئۈنىنى چىقارماستىن ئىچىدە زىكىر ئېيتىش كېرەك، ئۈنلۈك ئاۋازدا زىكىر قىلىش بىدئەتتۇر". ["تۆھپەتۇل مۇھتاج"3-توم 188-بەت].

    شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بىدئەتلەرنى بايان قىلىپ: جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋېتىپ: قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى مەغپىرەت قىلسۇن" دېيىش قاتارلىقلار بىدئەتتۇر،" دېگەن. ["جىنازىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر"1-توم 250-بەت].  

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى