پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

جامائەت بار سەپكە يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى رۇكۇ قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

160720

تارقاتقان ۋاقىت : 24-03-2017

كۆرگۈچىلەر : 2109

سۇئال

ئەسىر نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كىردىم، ئىمام رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتتى، مەن ئاخىرقى رەكەتنى تېپىش ئۈچۈن جامائەت بار سەپكە كەلمەي تۇرۇپلا رۇكۇ قىلدىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

نامازغا كېيىن كەلگۈچى ئىمام بىلەن بىر رەكەتنى تېپىش ئۈچۈن سەپكە يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى رۇكۇ قىلغان بولسا، ئاللاھ خالىسا نامىزى توغرا بولسىمۇ لېكىن مەكرۇھ (ياخشى كۆرۈلمىگەن )ئىشنى قىلغان بولىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مەسچىتكە كەلگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدا بولۇپ، ئۇ كىشى سەپكە يىتىپ كەلمەي تۇرۇپلا رۇكۇ قىلدى، نامازدىن كېيىن بۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسساللامغا دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالا نامازغا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى زىيادە قىلسۇن، بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما، دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى783-نومۇرلۇق ھەدىس].

ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ: "سەپكە يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى رۇكۇ قىلىشنىڭ بۆلۈمى" دەپ تېما قويدى.

بۇ ھەدىس سەپكە يېتىپ كەلمەي تۇرۇپ رۇكۇ قىلغان كىشىنىڭ نامىزىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما» دېگەن.

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ساھابىنىڭ سەپكە كېرىشىنى ياخشى كۆردى، ئۇنىڭ سەپكە كېلىشتىن ئىلگىرى ئالدىراپ رۇكۇ قىلغانلىقىنى خاتا دېمىدى، رۇكۇنى قايتا قىلىشقا بۇيرۇمىدى، بەلكى بۇ ھەدىس ئۇ كىشىنىڭ سەپكە كەلمەي تۇرۇپ قىلغان رۇكۇسىنىڭ دۇرۇس بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". ["ئەلئۇم" ناملىق ئەسەر8-توم 636-بەت"].

ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما» دېگەن سۆزى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئەۋزەل بولغىنىنى قىلغىن دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ قىلغان ئىشى توغرا بولمىغان بولسا ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى رۇكۇنى قايتا قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتى". ["مائالىم ئەسسۇنەن" ناملىق ئەسەر 1-توم 186-بەت].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا نامازغا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى زىيادە قىلسۇن دېگىنى ياخشىلىققا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى زىيادە قىلسۇن دېگەنلىكتىن ئىبارەتتۇر. ئىبنى مۇنىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئومۇمى جەھەتتىن ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلغان ئىشىنى تۈزەتتى، خۇسۇسىي تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى خاتاغا چىقاردى". پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :«بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما» دېگەن سۆزى: رۇكۇغا ئالدىراپ سەپكە كەلمەي تۇرۇپ رۇكۇ قىلىپ، ئاندىن سەپكە كەلگەن ئىشنى قايتا قىلما دېگەنلىكتۇر.

بەزى ئۆلىمالار "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :«بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما» دېگەن سۆزىدىن ئۇنىڭ قىلغان ئىشى توغرا بولغان، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما» دېگەن سۆزى بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چەكلىگەن ئىشنى قايتا تەكرارلاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، مانا بۇ ئىمام بۇخارىينىڭ: "ئىمامنىڭ كەينىدە قىرائەت قىلىشنىڭ بىر قىسمى" دېگەن تېمىدا تۇتقان پىرىنسىپىدۇر.

ئىمام تاھاۋىي رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەرپۇ رىۋايەت قىلغان ھەسەن ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازغا كەلگەن ۋاقتىڭلاردا سەپكە كېرمەي تۇرۇپ رۇكۇ قىلمىسۇن ھەتتا سەپكە كېرىپ ئورۇن ئىلىپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇ قىلسۇن» دېگەن. ["پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسەر2-توم 268-269-بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "سەپكە كەلمەي تۇرۇپ رۇكۇ قىلىپ ئاندىن سەپكە مېڭىپ كىلىش سۈننەتكە خىلاپتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا نامازغا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى زىيادە قىلسۇن، بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما». بۇ ھەدىس بۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. [ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ، ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، سالىھ ئەلپەۋزان ۋە بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. "ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى مەجمۇئەسى" ئىككىنچى بۆلۈم 6-توم 220-بەت"].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرىسى سەپكە كەلمەي تۇرۇپ رۇكۇ قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى«بۇندىن كېيىن ئۇنداق قىلما» دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئومۇمدۇر". ["ئىبنى ئۇسەيمىين ماقالىلىرى ۋە پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسەر13-توم 8-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 75156-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى