پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

بەلغەمنى يۇتۇۋېتىش بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

مۇبارەك رامىزان ئېيى يېقىنلىشىش بىلەن ئۆلىمالار بىزگە روزىنى قانداق تۇتۇش، روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش توغرىسىدا چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان ۋاراقچىلارنى تارقىتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا: بەلغەمنى، تۈپرۈكنى يۇتۇۋەتسە ياكى بارمىقىنى قۇلىقىغا كىرگۈزسە روزىسى بۇزۇلىدۇ دەپ يېزىلىپتۇ بۇ توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار، ئاللاھ ئىلمىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىرىنچى: ئۆلىمالار: بەلغەمنى يۇتۇۋەتكەن كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، توغرا قاراشتا بەلغەمنى يۇتۇۋەتكەن كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ چۈنكى بەلغەم دېگەن يىمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا تۇرمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشقاندا قۇرئان-سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، بىز بۇ ئىش ئىبادەتنى بىكار قىلىۋاتامدۇ ياكى بىكار قىلىۋاتمامدۇ؟دەپ شەكلىنىپ قالدۇق، ئەسلىدە شەك بىلەن ئىبادەت بۇزۇلمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن بەلغەمنى يۇتۇۋىتىپ سالسا روزا بۇزۇلمايدۇ.

    مۇھىمى: ئىنسان بەلغەمنى كانىيىنىڭ ئاستىدىن ئېغىزىغا چېقىرىشقا ئۇرۇنمىسۇن، ئۆز جايىدا قويسۇن، ئەمما ئېغىزىغا كېلىپ قالسا روزا تۇتقان بولسۇن ياكى تۇتمىغان بولسۇن ئۇنى ئېغىزىدىن چېقىرىۋەتسۇن، ئەمما ئۇنىڭ روزىنى بۇزىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا، ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىسپاتلىغىدەك دەلىلى بولىشى كېرەك. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"19-توم 356-بەت].

    ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "كۈچلۈك قاراشتا، بەلغەم روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ، ھەتتا ئېغىزىغا كېلىپ بولغاندا يۈتىۋەتسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ لېكىن ئىنسان ئېغىزىغا كېلىپ قالغان بەلغەمنى يۇتىۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئۆلىمالار بۇنى ھارام دېدى، بەلغەم دېگەن كىشى يىرگىنىدىغان نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يۇتۇۋېتىش ئىنسانغا لايىق بولمايدۇ. ["ئوچۇق سۆھبەت" پروگراممىسى 153-نۇمۇر].

     ئىككىنچى: بارماقنى قۇلىقىغا كىرگۈزۈش ھەرگىزمۇ روزىنى بۇزمايدۇ، بەلكى قۇلىقىغا بىر نەرسە تېمىتسا ياكى دورا قۇيسا، بۇنىڭ تەمى گېلىغا كەلسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن.

   بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 80208-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى