سەيشەنبە 25 رەجەب 1442 - 9 مارت 2021
Uygur

ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى

سۇئال

مەن ھەقىقى مۇسۇلمان بولىشىنى خالىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ سوئالنى سوراۋاتىمەن: ئىسلامى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشقا بولغان چاقىرىق نېمە؟ يەنە بىر شەكىلدە ئىپادىلىگەندە: ئەگەر مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ياشىغان بولسام ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىنغا چاقىرغان دەۋىتىنى ئاڭلىسام، ماڭا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ۋە ئۇ ئىلىپ كەلگەن قۇرئان-ھەدىسكە ئىشىنىشكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىل نېمىدىن ئىبارەت؟، شۇنىڭدەك مەن: قۇرئان كەرىمنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئان كەرىمگە ئىشەنمىگەن مۇشرىكلارغا جەڭ ئىلان قىلىپ: «ئەگەر سىلەر قۇرئاننى مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئۆزى توقىدى دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار؟» دېگەن چاقىرىقىنى چۈشەنمەيمەن.  مېنىڭ چۈشىنىدىغىنىم: بىر كىشى پەن-تېخنىكا توغرىسىدا بىر كىتابنى ئەكەلسە، ئۇ كىتاب چوقۇم شۇ پەن-تېخنىكا توغرىسىدا يېزىلغان يەنە بىر كىتابقا قىسمەن مەزمۇنلىرى ئوخشىمىسىمۇ ئەمما ئومۇمى مەزمۇنى ئوخشايدۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى بىلىشنىڭ يولى نېمە؟، بۇ سوئالنى مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ سورىغىنى بىر ئاز غەلىتە كۆرۈنسىمۇ لېكىن مېنىڭ نىيىتىمنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى تەستىقلايدىغان ساناقسىز دەلىللەربار. بۇ دەلىللەر سەمىمىيلىك بىلەن پەقەت ھەقىقەتنى تەتقىق قىلغۇچى ئەقىللىق ۋە ئىنساپلىق كىشىگە يىتەرلىكتۇر. بىز تۆۋەندە بۇ دەلىللەرنىڭ بەزلىرىنى ئومۇمىي شەكىلدە بايان قىلىمىز:

   بىرىنچى: فىترەتتىن دەلىل: ھەقىقەتەن ئىسلام دەۋىتى توغرا تەبىئەتكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن:  فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ  تەرجىمىسى: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ (فىترەت) بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.» [سۈرە رۇم 30-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بوۋاق ئىسلام تەبىئىتى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئۇ بوۋاقنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى ناسارا ياكى ئاتەشپەرەس قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ، خۇددى مال-چارۋىلار ھەممە ئەزاسى ساغلام چارۋىلارنى تۇغىدۇ، ئۇنىڭدىن ناكا بولغانلىرىنى تاپالمايسىلەر». [بۇخارى رىۋايىتى 1358-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2658-ھەدىس].

   شۇنىڭدەك ھەر قانداق ئىنسان بالىسى ئىسلامى تەبىئەت بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئىسلام تەبىئىتىدىن بۇرۇلۇپ كېتىدىكەن ئۇ چوقۇم توغرا تەبىئەتتىن چىقىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز توغرا تەبىئەتنىڭ ئىسلام تەلىماتىغا قارشى كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، بەلكى بارلىق ئېتىقادى ۋە ئەمىلى ھۆكۈملەر ساغلام تەبىئەتكە تامامەن مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئەمما ئىسلامدىن باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەر توغرا تەبىئەتكە قارشى كىلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ ئەستايىدىل پىكىر قىلغان ۋە ئويلانغان كىشىگە ئاشكارا، ئوچۇق ئىشتۇر.

   ئىككىنچى: ئەقلى دەلىللەر:

ئەقىلگە خىتاب قىلىپ ئۇنى پاكىت ۋە ئەقلى دەلىللەرگە قاراشقا يۈزلەندۈرگەن. ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىسلامنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كەسكىن دەلىللەرنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا چاقىرىدىغان شەرئى دەلىللەر ئىنتايىن كۆپتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ إِلَيْكَ مُبَارَكٌ لِيَدَّبَّرُوا آَيَاتِهِ وَلِيَتَذَكَّرَ أُولُو الْأَلْبَابِ   تەرجىمىسى: «(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.» [سۈرە ساد 29-ئايەت].

    قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىمدە، ئەقلى دەلىللەرگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش، ئۈممەتنىڭ بەزى پىرقىلىرىگە غايىسى مۇستەھكەم، سۆزلىرى ئاسان، روشەن دەلىل ۋە كۈچلۈك ھۆججەتلەر بىلەن رەددىيە بېرىش، مۇشۇنداق كۈچلۈك دەلىللەر بايان قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا رەت قايتۇرۇشقا قادىر بولالماي ھەددىدىن ئاشقۇچىلارغا زەربە بېرىدىغان شەرىئەت ئىلىملىرىنىڭ بايانى توپلانغان". ["شىپا" ناملىق ئەسەر 1-توم 390-بەت].

   ۋەھىي دەلىللىرى ئەقىل چارە-تەدبىر قىلىدىغان ياكى رەت قىلىدىغان بىر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، ۋە ئەقىل بىلەن ھېس قىلغان بىلىمگە زىت كىلىدىغان ياكى ئەقلى ئۆلچەمگە قارشى كېلىدىغان بىر مەسىلىنى ئىلىپ كەلمەيدۇ، بەلكى ئاساسسىزلار ئۆزلىرىنىڭ ساختا ئويدۇرمىلىرى ئۈچۈن كەلتۈرگەن قىياسلىرىغا رەت قايتۇرىدىغان ھەقىقەت ۋە روشەن ئەقلى بايانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَا يَأْتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئْنَاكَ بِالْحَقِّ وَأَحْسَنَ تَفْسِيرًا   تەرجىمىسى: «ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) قانداق بىر سوئالنى تاشلىمىسۇن، (ئۇنىڭغا قارىتا) بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى نازىل قىلدۇق.» [سۈرە پۇرقان 33-ئايەت].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ ساختا ئويدۇرمىلىرى ئۈچۈن ئەقلى قىياسلىرىنى كەلتۈرگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قارشىسىدا ھەقىقەتنى، ئوچۇق بايانلارنى، دەلىل-ئىسپاتلارنى ۋە چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، ئۇلارنىڭ قىياسلىرىدىن ھەقىقەتنى روشەن ئېچىپ بېرىدىغان مىساللارنى كەلتۈرىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 4-توم 106-بەت].

    قۇرئان كەرىمدىكى ئەقلى دەلىللەر توغرىسىدىكى مىساللاردىن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآَنَ وَلَوْ كَانَ مِنْ عِنْدِ غَيْرِ اللَّهِ لَوَجَدُوا فِيهِ اخْتِلَافًا كَثِيرًا  تەرجىمىسى: «ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار بىلەن مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك) ئاللاھتىن غەيرىنىڭ تەرىپىدىن بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى.» [سۈرە نىسا 82-ئايەت].

   تەپسىر قۇرتۇبىيدا مۇنداق بايان قىلىنغان: "كۆپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزىدە كۆپ ئوخشىماسلىق بولىدۇ، بۇ ئوخشىماسلىق سۈپەتتە، سۆزدە ياكى مەنىلىرىنىڭ ئېسىللىكىدە ياكى بىر-بىرىگە بولغان زىتلىق ياكى يالغانلىقىدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغاندا كىشىلەرنى سەمىمى ئويلىنىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىمدە سۈپەتتە ئوخشىماسلىقىنى، مەنىلىرىدە رەت قايتۇرۇشنى، يوشۇرۇن ۋە غەيبى ئىشلار توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرىدە زىتلىقنى ۋە يالغاننى تاپالمايدۇ". ["جامىئۇل ئەھكامۇل قۇرئان"5-توم 290-بەت].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر قۇرئان كەرىمدە جاھىل مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلار ئېيتقاندەك، ئويدۇرما ۋە توقۇلمىلار بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى يەنى داۋالغۇش ۋە زىتلىقلارنى تاپقان بولاتتى، ئەمما قۇرئان كەرىم ھەرقانداق ئىختىلاپتىن خالىدۇر، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان كىتابتۇر". ["تەپسىر قۇرئان ئەزىيم" 1-توم 802-بەت].

   ئۈچىنچى: مۆجىزە ۋە پەيغەمبەرلىك دەلىللىرى:

   ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى نۇرغۇن مۆجىزە، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقى، ئەلچىلىكىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئاينىڭ يېرىلىشى، تائاملارنىڭ ۋە تاشنىڭ قولىدا تەسبىھ ئېيتىشى، بارماقلىرى ئارىسىدىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى، يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپ بولىشى قاتارلىق مۆجىزە، نۇرغۇن ئىنسانلار ئوچۇق كۆرگەن ھېسسى دەلىللەر بىلەن كۈچلەندۈردى، بۇ دەلىللەر بىزگە كۈچلۈك ئىشەنچنى بىلدۈرىدىغان، مەنىۋىي مۇتەۋاتىرلىق دەرىجىسىگە يەتكەن سەھىھ ئىسنادلار بىلەن نەقىل قىلىنغان.

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئاز سۇ بىلەن بىر سەپەردە بولغانتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئارتۇق سۇ بولسا ئىلىپ كېلىڭلار» دېدى، ئۇلار بىر قاچىدا ئازراق سۇ ئىلىپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنى قاچىدىكى سۇغا سىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تەرەپتىن بولغان بەرىكەتلىك، مۇبارەك، پاك سۇغا كېلىڭلار» دېدى، مەن سۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاماق يەۋاتقىنىدا، تاماقنىڭ تەسبىھ ئېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانتۇق». [بۇخارى رىۋايىتى 3579-ھەدىس].

    تۆتىنچى: خەۋەرلەر: 

   بۇ يەردە خەۋەرلەردىن: ۋەھىي ئارقىلىق كەلگۈسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ياكى ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان خەۋەرلەر مەقسەت قىلىنىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشتىن خەۋەر بەرگەن بولسا، ئۇ ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك تولۇق يۈز بەرگەن، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ ئىشلارنى ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرگەنلىكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلمىسە، بىلىش مۇمكىن بولمايدىغان غەيبى ئىشلارنى كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. بۇنىڭ جۈملىسىدىن:

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھىجاز زېمىندىن بۇسرادىكى تۆگىنىڭ بويۇنلىرىنى يورۇتىدىغان بىر ئوت چىقماي قىيامەت بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7118-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2902-ھەدىس].

    ھىجىرىيە 654-يىلى يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ 644يىلدىن كىيىن بۇ ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەنگە ئوخشاش يۈزبەرگەن، بۇ ئىشنى تارىخچىلارمۇ زىكىر قىلغان، ئۇلاردىن: ئەللامە ئەبۇ شامە مەقدەسى ئۆزىنىڭ "زەيلىل روۋزەتەين" ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلغان، ئۇ كىشى بولسا مۇشۇ تارىخى ۋەقە يۈز بەرگەن زاماندا ياشىغان ئۆلىمالارنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭدەك ھاپىز ئىبنى كەسىر ئۆزىنىڭ "بىدايە ۋە نىھايە"ناملىق ئەسىرى 13-توم 219-بەتتە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھىجىرىيە 654-يىلىدا ھىجاز زېمىنىدا غايەت زور ئوت كۆرۈندى، بۇنىڭ بىلەن بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە سۆزلەنگىنىدەك، بۇسرادىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرى يورۇپ كەتكەن، بۇ ۋەقەنى شەيخ ئەللامە ئىمام ھاپىز شاھابىدىن ئەبۇ شامە ئۆزىنىڭ" زەيلىل روۋزەتەين" ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىسىدە تەپسىلى بايان قىلغان، ئۇ كىشى ھىجازدىن كۆتۈرۈلگەن بۇ ئوتنىڭ سۈپىتى، قانداق چىققانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەردىن ۋە بۇ ۋەقەلىكنى مۇتەۋاتىر يول بىلەن بايان قىلغان كىتابلاردىن ئالغان.

    ئەبۇ شامە كىتابىدا ۋەقەلىكنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھىجىرىيە 654-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى يەنى جامادىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان مەدىنە شەھرىدە ئوتنىڭ چىققانلىقى توغرىسىدا دەمەشىق شەھىرىگە بىر پارچە يازما مەكتۇپ كەلگەن، بۇ مەكتۇپ شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدە يېزىلغان، بىزگە يەنى دەمەشىق شەھىرىگە 8-ئاينىڭ 10-كۈنى يىتىپ كەلگەن، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان: ناھايىتى مېھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ھىجىرىيە 654-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدە دەمەشىق شەھىرىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇرتى مەدىنە شەھرىدىن بىر مەكتۇپ كەلدى، ئۇنىڭدا بۇخارى ۋە مۇسلىم توپلىغان، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنى تەستىقلايدىغان كاتتا ئىشنى چۈشەندۈرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھىجاز زېمىندىن بۇسرادىكى تۆگىنىڭ بويۇنلىرىنى يورۇتىدىغان بىر ئوت چىقماي قىيامەت بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 7118-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2902-ھەدىس].

   ماڭا شۇ ۋەقەلىكنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىشەنچىلىك بىر كىشى ئۆزىنىڭ تەيما دېگەن جايدا تۇرۇپ ھىجازدىكى ئوتنىڭ يورۇقىدا بۇ خەتنى يازغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

   ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز شۇ كېچىسى ئۆيىمىزدە ئىدۇق، ئوتنىڭ شولىسى ھەر بىرىمىزنىڭ ھويلىسىدا چىراق بولدى، ئوتنىڭ شۇنچىلىك كاتتا بولىشى بىلەن تۇرۇقلۇق كۆيدۈرگۈچ ھارارىتى يوق ئىدى، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرىدۇر.

   بەشىنچى: گۈزەل سۈپەتلەر:

   ئاللاھنىڭ ئەلچى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىللىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ شەخسىيىتى، سۈپەتلەنگەن ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، گۈزەل خىسلەتلىرى ۋە كاتتا سۈپەتلىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام گۈزەل-ئەخلاق، ئېسىل-سۈپەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە يەتكەنكى، بۇنداق ئېسىللىك پەقەت ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردىن باشقا كىشىدە تېپىلمايدۇ، ھەر قانداق گۈزەل ئەخلاق بولىدىكەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغان، چاقىرغان ۋە بۇيرىغان، ھەر قانداق ناچار ئەخلاقتىن چەكلىگەن ۋە ئاگاھلاندۇرغان، ئۆزى ئۇنىڭدىن ھەممىدىن بەك يىراق تۇرغان، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل-ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىشى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكى گۈزەل ئەخلاقنى بەرپا قىلىش، قانات يايدۇرۇش ۋە جاھىلىيەت دەۋرىدە بۇزۇلغان ئەخلاق چېرىكلىكىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتۇر دەپمۇ بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مۇبارەك ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاقلارنى مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 8739-ھەدىس. ھەيسەمى"مەجمۇئەتىززەۋائىد"تا بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ساغلام راۋىيلاردىن رىۋايەت قىلغان دېگەن. ئەجلۇنى"كەشپۇل خەپا"دا بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"دا 2349-نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

   مۆجىزە دېگەن پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلدۇر، چۈنكى پەيغەمبەر كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى ئىنسانلار ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرنى مۆجىزىلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ، مۆجىزە دېگەن ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئىش بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا پەيغەمبەردىن كىشىلەر تەلەپ قىلمىسىمۇ ياكى ئۇنى ئىنكار قىلمىسىمۇ بەلكى پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرگە مۆجىزە ھاسىل بولىدۇ.

    ئالتىنچى: دەۋەتنىڭ مېغىزى ياكى جەۋھىرى:

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋىتىنىڭ ئەسلى ساغلام ئەقىل ۋە شەرئى ئاساس ئۈستىگە توغرا ئېتىقادنى قۇرۇشتىن ئىبارەت، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقتا، پەرۋەردىگارلىقتا يالغۇز، يەككە-يىگانە ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بولسا مۇشۇ چەكسىز كائىناتنىڭ پەرۋىش قىلغۇچىسى، ياراتقۇچىسى، ئىگىسى، ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى، ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە ئۆز بۇيرۇقى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى، پايدا-زىيانغا ئىگە بولغۇچى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارغا رىزىق بەرگۈچىدۇر، بۇ ئىشلاردا ھېچبىرى ئاللاھقا شېرىك بولمايدۇ، باراۋەر كەلمەيدۇ، ئوخشاش بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق شىرىكلەردىن، ئوخشاشلاردىن، تەڭداشلاردىن ۋە باراۋەرلەردىن پاكدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ.اللَّهُ الصَّمَدُ. لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ.وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُوًا أَحَدٌ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ ـ ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ» [سۈرە ئىخلاس 1-4-ئايەتكىچە].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَى إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَمَنْ كَانَ يَرْجُوا لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا  تەرجىمىسى: « (ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن.» [سۈرە كەھەپ 110-ئايەت].

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى بولسا تۈرلۈك شەكىلدىكى شېرىكلىكنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىش، ئىنسان ۋە جىنلارنى چوقۇنىۋاتقان ئويدۇرما –باتىللاردىن قۇتۇلدۇرۇش، تاش، يۇلتۇز، قەبىر، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ھاۋايى-ھەۋەس، ھۆكۈمرانلىق ۋە زېمىندىكى ھەددىدىن ئاشقۇچى تاغۇتلارغا چوقۇنۇشتىن خالاس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى بولسا، ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا چوقۇنۇشتىن، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ خارلىقىدىن، ھەددىدىن ئاشقۇچى تاغۇتلارنىڭ زۇلمىدىن، شان-شەرەپ ۋە ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ قۇللىقىدىن خالاس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ھەقىقەتەن بۇ مۇبارەك دەۋەت ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى ئىلگىركى بارلىق ئىلاھى دەۋەتلەرنى بېكىتىش ۋە ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى كىشىلەرنى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ئۇلارنى ھۆرمەت-ئېھتىرام قىلىشقا، ئۇلارغا نازىل بولغان كىتابلارغا ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، بۇ دەۋەت ھەقىقەتەن شەك-شۈبھىسىز ھەق دەۋەتتۇر.

    يەتتىنچى: بىشارەت:

   ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ كىتابلىرىدا ئىسلام دىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا خەۋەرلەر كەلگەن، قۇرئان كەرىم بىزگە ئىنجىل ۋە تەۋراتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا روشەن بىشارەتلەرنىڭ بار ئىكەنلىكى، بەزىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ   تەرجىمىسى: «ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر(يەنى قۇرئان)غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» [سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِنْ بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ  تەرجىمىسى: «ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. [سۈرە سەپ 6-ئايەت].

    تەۋرات ۋە ئىنجىلدىن ئىبارەت يەھۇدى-ناسارا كىتابلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ۋە بەزى سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، گەرچە ئۇلار بۇنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ خەۋەر-بېشارەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ بىشارەتلەردىن: "سەپەر تەسنى ئەل ئىسھاھ" 2-توم 33-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پەرۋەردىگار سىينادىن كەلدى، سائىردىن ئۇلارغا نۇر چاچتى، پاران تېغىدىن جىلۋىلەندى".

   "شەھەرلەر لۇغىتى" 3-توم 301-بەتتە مۇنداق كەلگەن:" پاران دېگەن ئەرەپچىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىبرانى سۆز بولۇپ، ئۇ تەۋراتتا زىكىر قىلىنغان مەككىنىڭ ياكى مەككىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمىدۇر.

    ئىبنى ماكۇلا ئەبۇ بەكىر نەسىر ئىبنى قاسىم ئىبنى قۇزائەتىل قۇزائىي پارانىي ئىسكەندىرانىي مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنى پاران تېغىغا نىسبەت بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، پاران تېغى دېگەن ھىجازدىكى بىر تاغدۇر.

   تەۋراتتا مۇنداق كەلگەن: "ئاللاھ سىينادىن كەلدى، سائىردىن نۇرچاچتى، پاراندىن ئاشكارا بولدى".

    ئاللاھ تائالانىڭ سىينادىن كېلىشى بولسا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلىش ئۈچۈن، سائىردىن نۇر چېچىشى بولسا –ئۇ پەلەستىندىكى بىر تاغ بولۇپ-ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلىش ئۈچۈن، پاران تېغىدىن ئاشكارا بولىشى بولسا مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش ئۈچۈندۇر. 

    سەككىزىنچى: قۇرئان كىرىم:

    قۇرئان كەرىم  مۆجىزىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئالامەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئەڭ ئاشكارىسىدۇر. قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتكىچە ئۆز خەلقىگە ئەۋەتكەن كۈچلۈك دەلىلى بولۇپ، ئۇ ئىزاھلاشتىكى مۆجىزە، ئىلمىي، مۆجىزە، قانۇن چىقىرىشتىكى مۆجىزە ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك مۆجىزىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ فَلْيَأْتُوا بِحَدِيثٍ مِثْلِهِ إِنْ كَانُوا صَادِقِينَ  تەرجىمىسى: «ئەگەر(مۇھەممەد ئۇنى توقۇدى دېگەن سۆزۈڭلاردا)راستچىل بولساڭلار ،(تۈزۈلۈشتە، گۈزەللىكتە، باياندا) قۇرئانغا ئوخشايدىغان بىر سۆزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار.» [سۈرە تۇر 34-ئايەت]. بۇ ئايىتىدىن بولغان مەقسەت: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى ئۆزى توقىۋالدى دەپ قارىغۇچىلارغا رەت قايتۇرۇش، ئەگەر ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ قارىشىدا سەمىمى-راستچىل بولسا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلدى، ئۇلار بالاغەت، ئىستىلىستىكا، پەساھەتتە يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن كىشىلەر بولغاندىكىن، ئۇلارنى قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن نېمە چەكلەپ قويىدۇ؟.

    ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈش توغرىسىدا رىقابەت ئىلان قىلدى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئاجىز كەلدى. قۇرئان كەرىم مۇنداق خەۋەر بېرىدۇ:  قُلْ لَئِنِ اجْتَمَعَتِ الْإِنْسُ وَالْجِنُّ عَلَى أَنْ يَأْتُوا بِمِثْلِ هَذَا الْقُرْآَنِ لَا يَأْتُونَ بِمِثْلِهِ وَلَوْ كَانَ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ ظَهِيرًا  تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر- بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرەلمەيدۇ.» [سۈرە ئىسرا 88-ئايەت].

   ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىدىن ئون سۈرە كەلتۈرۈش توغرىسىدا رىقابەت ئىلان قىلدى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئاجىز كەلدى، قۇرئان كەرىم مۇنداق خەۋەر بېرىدۇ:  أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَاهُ قُلْ فَأْتُوا بِعَشْرِ سُوَرٍ مِثْلِهِ مُفْتَرَيَاتٍ وَادْعُوا مَنِ اسْتَطَعْتُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِين  تەرجىمىسى: «ئۇلار قۇرئاننى (مۇھەممەد) ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان دېيىشەمدۇ؟ ئېيتقىنكى، «(بۇ سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئاللاھتىن غەيرىي چاقىرالايدىغانلىكى كىشىلىرىڭلارنى (ياردەمگە) چاقىرىپ، (پاساھەت ۋە بالاغەت جەھەتتىن) قۇرئاندىكىگە ئوخشايدىغان ئون سۈرە ئىجاد قىلىپ بېقىڭلار.» [سۈرە ھۇد 13-ئايەت].

   ئۇلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئوخشىشىدىن بىر سۈرە كەلتۈرۈش توغرىسىدا رىقابەت ئىلان قىلدى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئاجىز كەلدى، قۇرئان كەرىم مۇنداق خەۋەر بېرىدۇ:  وَإِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِمَّا نَزَّلْنَا عَلَى عَبْدِنَا فَأْتُوا بِسُورَةٍ مِنْ مِثْلِهِ وَادْعُوا شُهَدَاءَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ  تەرجىمىسى: «بەندىمىز (مۇھەممەد)گە بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار(قۇرئانغا قارشى تۇرۇشتا)ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى(ياردەمگە) چاقىرىڭلار،(قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا)راستچىل بولساڭلار.» [سۈرە بەقەرە 23-ئايەت].

    ئۆلىمالار قۇرئان كەرىمدە رىقابەت ئىلان قىلىنغان مۆجىزىنىڭ يوللىرى توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق بولغىنى ئۇلۇسى ئېيتقاندەك: ھەقىقەتەن قۇرئاننىڭ ھەممىسى، بەزىسى ھەتتا قۇرئاندىكى ئەڭ قىسقا بىر سۈرىمۇ ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى، ئىسلىتىكىسى، بالاغىتى، غەيبى ئىشلاردىن بەرگەن خەۋىرى، ئىنچىكە مەنىدە ساغلام ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىشى بىر مۆجىزە بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا بۇنىڭ ھەممىسى بىر ئايەتتە روشەنلىشىدۇ، بەزى ۋاقىتتا غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەندەك يوشۇرۇن بولىدۇ، بۇ ئەيىب ئەمەس ۋە ھېچ زىيىنى يوق، قۇرئان كەرىم ھەممىگە كۇپايە قىلغۇچى ۋە مەقسەتلەرگە يىتەرلىكتۇر". ["رۇھۇل مەئانى"1-توم 29-بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئومۇمى دەلىللەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن تەپسىلى دەلىللەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە سۆزلەش مۇمكىن بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەلىللەر بايان قىلىنغان كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىش ياخشىدۇر، بىزنىڭ ھەر بىر مۇسۇلمانغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: قۇرئان-ھەدىس ئىلمىنى تەلەپ قىلىش، توغرا ئەقىدە كىتابلاردىن دەرسلىك قىلىش، ئۆزىنىڭ ئىسلامىنى ياخشىلاش ۋە  پەرۋەردىگارىغا توغرا شەكىلدە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن دىنى ئىشلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى