پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

قەبرىنىڭ مېيتنى سىقىشى ھەممىگە ئومۇم بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   قەبرىدە بولىدىغان ئازاب، قەبرىنىڭ سىقىشى ھەتتا مۆمىنلەرگىمۇ قەبرە ئازابىنىڭ يېتىدىغانلىقىنى بەزى جاۋاپلاردىن ئوقۇدۇم، لېكىن بۇ يەردە بىر قانچە ھەدىسلەر بۇنىڭ ئەكسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدىن بىر مىسال: مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاتىدا بىر كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرىسىگە مۇنكىر ۋە نەكىر ئىسىملىك ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىمانىنى سورايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى مۆمىن بولسا ئۇنىڭ قەبرىسى يەتمىش گەز كېڭەيتىلىدۇ (ئەللىك-ئاتمىش مېتىر ئەتراپىدا) قەبرىسى نۇرلۇق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇ كىشىگە قىيامەتكىچە يېڭىدىن توي قىلغان يىگىتتەك ئۇخلاشنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئويغىتىدۇ. ئەمما مۇناپىق بولسا، قەبرە ئۇنى سىقىشقا بۇيرۇلىدۇ، ھەتتا قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈپ كېتىدۇ؟.  دېگەن سۆزلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.  بىرىنچى:  ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن. قەبرە ئازابى ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرى توغرىسىدا كەلگەن دەلىللەرنىڭ ئارىسىدا ھېچ قانداق زىتلىق يوق، بۇنىڭ ھەممىسى ھەقدۇر. «مۆمىننىڭ قەبرىسى يەتمىشتە يەتمىش گەز ھەر تەرەپتىن كېڭەيتىلىدۇ. (بىرگەز ئەللىك-ئاتمىش سانتى مېتىر ئەتراپىدا). قەبرىسى نۇرلۇق بولىدۇ، ئۇنىڭغا: يېڭى توي قىلغان يىگىتتەك ئۇخلا دېيىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەھبۇبى ئويغىتىدۇ، ئۇنىڭ قەبرىسى يېشىللىققا پۈركىنىدۇ» دېگەن ھەدىسنى تىرمىزى1071 -رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ"مىشكاتىل مەسابىھ"تا كەلتۈرگەن. بۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قېلىشتا تىز بولغان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قېلىشتا بەك ئاستا بولغان مۇكەممەل مۆمىننىڭ ھەققىدە شۇنداق بولىدۇ. شېھىتلەرگە ئوخشاش ئاللاھ تائالا قەبرە ئازابىدىن ۋە قەبرىنىڭ پىتنىسىدىن نىجات تېپىشى يېزىلىپ كەتكەن ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ.

    بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسىدە ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدكى دەلىللەر بولسا، ئاسىيلارنىڭ ياخشى ئەمەل بىلەن يامان ئەمەلنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغانلارنىڭ ھەققىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قىلغان قىلمىشىغا كۆرە قەبرىسىدە ئازابلايدۇ، قىيامەتتە دوزاختا ئازابلايدۇ، ھەتتا ئۇلار ئازابلىنىپ پاك بولغاندىن كېيىن جەننەتكە كېرىشكە رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئىمام بۇخارى سەھىھ كىتابىدا7047 -نومۇرلۇق ھەدسىتە سەمۇرە بىن جۈندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، كۆپلىگەن تەۋھىد ئەھلىدىن بولغان ئاسىيلارغا يەنى پەرز نامازنىڭ ۋاقتىدا ئۇخلىغان، زىنا قىلغان، جازانە يېگەن، پۈتۈن دۇنياغا تارايدىغان يالغاننى سۆزلىگەن كىشىلەرگە قەبرە ئازابى يېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

    ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئاسىيلار بەرزەختە ئازابلىنىدۇ". [ "پەتھۇل بارى"  12 -توم 445 -بەت. ]

    كېچىك تاھارەتتىن ساقلانمىغان ۋە كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلغانلارغىمۇ قەبرە ئازابى يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇخارىيدا 216 -ھەدىستە، مۇسلىمدا292 -ھەدىستە بايان قىلىنغان.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەبرە ئازابى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرى: ئىككى قېتىملىق سۈر چېلىشنىڭ ئارىسىدا يەڭگىللىتىلىنىدۇ دېگەن ھەدىستە بايان قىلىنغاندىن باشقا دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئازاب، ئۇلار قەبرىسىدىن تۇرغاندا: قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَن بَعَثَنَا مِن مَّرْقَدِنَا  تەرجىمىسى: «ئۇلار: ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن يەنى قەبرىمىزدىن كىم ئويغاتتى؟ دەيدۇ» [سۈرە ياسىن 52 -ئايەت.]

    ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى قەبرە ئازابىنىڭ داۋاملىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: النار يعرضون النَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا تەرجىمىسى: «ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ». [سۈرە غاپىر 46-ئايەت.]

   ئىككىنچى تۈرى:  مەلۇم مۇددەتكىچە بولۇپ كېيىن ئۈزۈلىدۇ، بۇ گۇناھى يەڭگىل بولغان بەزى ئاسىيلارغا بولىدىغان ئازاب بولۇپ، ئازاب ئۇلارنىڭ خاتالىقى بويۇنچە بولىدۇ، دوزاخ ئازابى مەلۇم مۇددەت يەڭگىللىگەندەك ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئازاب يوق بولىدۇ. ئۇ كىشىدىن باشقىلارنىڭ دۇئا قىلىشى، سەدىقە قىلىش، مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ياكى ھەج-ئۆمرىنىڭ ساۋابنى ئاتىشى بىلەن ئازاب ئۈزۈلىدۇ" "رۇھ" 89-بەت.

    قەبرە ئازابىنىڭ بەزى سۈرەتلىرى توغرىسىدا 8829 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: بۇ يەردە ئاسىيلارغا يېتىدىغان قەبرە ئازابى بىلەن ئىككى پەرىشتىنىڭ سېنىقى ۋە قەبرىنىڭ سىقىشىدىن ئىبارەت مۆمىنلەر سىنىلىدىغان ئىشنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، بۇ قەبرە ئازابى ئەمەس، بەلكى قەبرىنىڭ ھەيۋىتى ۋە چۆچۈتىشىدۇر. قەبرىنىڭ سىقىشى ھەر بىر كىشىگە ئومۇم بولىدۇ، ھەتتا سالىھ مۆمىنلەرگىمۇ ئۇنىڭدىن يەتكەن نەرسىلەر يېتىدۇ.

    ئەمما ئازاب خاس مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا بىز جاۋاپنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە ئىشارەت قىلغان، مەلۇم گۇناھقا بولىدىغان ئازابتۇر، ھەر بىر كىشىگە ئومۇم بولمايدۇ.

    ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ نەسائىيغا يازغان ھاشىيە 4 -توم 103 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "نەسەپىي مۇنداق دېگەن:  ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان مۆمىنگە قەبرە ئازابى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا پەقەت قەبرىنىڭ سىقىشى بولىدۇ".

    تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنى ئوچۇقلاشتۇرىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قېلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەبرىنىڭ بىر سىقىشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن بىر كىشى قۇتۇلىدىغان بولسا ئېدى، سەئەد بىن مۇئاز قۇتۇلاتتى». [ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 23762 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ  "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"  1695 -كەلتۈرگەن.]

     قەبرىنىڭ سىقىشى بولسا مېيىت قەبرىگە تۈنجى قويۇلغاندا بولىدۇ، بۇ ئاسىي مۇسۇلمانلارغا يېتىدىغان قەبرە ئازابى ئەمەس، چۈنكى قەبرىنىڭ سىقىشى ۋاپاتىغا ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرىگەن سەئەد بىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ يەتكەن. [بۇخارىى رىۋايىتى 3803-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2466 -ھەدىس].

     بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن71175 - 142854 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئۈچىنچى:  سوئال سورىغۇچىنىڭ : (ھەر بىر گەز ئەللىك-ئاتمىش سانتىمېتىر ئەتراپىدا ) دەپ ھەدىستە بايان قىلىنغان: "ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى ھەر تەرەپتىن يەتمىش گەزدىن كېڭەيتىلىدۇ"دېگەن سۆزنىڭ دەلىلى يوق، چۈنكى بەرزەخ ھاياتى دېگەن بىز ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنى دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىمەيمىز، مۆمىننىڭ قەبرىسىنىڭ يەتمىش گەزدىن كېڭىيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئۇ، گەزنىڭ مىقدارى توغرىسىدا سۆزلىمەيمىز، چۈنكى ئۇ غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ، بەرا ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە 18063 -ھەدىستە ئۇنىڭ سۈپىتى مۇنداق بايان قېلىنغان: «مۆمىن ئۈچۈن قەبرىسى كۆز يەتكۈدەك كېڭەيتىلىدۇ». [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1676 -ھەدىستە كەلتۈرگەن.]

      ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى