شەنبە 2 رەبىئۇسسانى 1446 - 5 ئۆكتەبىر 2024
Uygur

زىكىر-تەسبىھلەرنى ھەدىستە بايان قىلىنغان ساندىن زىيادە دېيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە: سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى دېگەن سۆزنى يۈز قېتىم دېسە، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل قىلغان بىر كىشى بولمايدۇ پەقەت شۇ كىشىگە ئوخشاش دېگەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە دېگەن كىشى ئەۋزەل بولىدۇ» . مۇسلىم رىۋايىتى2692-ھەدىس بىلەن 148699 -نومۇرلۇق سوئالدا زىكىر قىلىنغان:  زىكىرلەر ھەدىستە كەلگەن سانغا زىيادە قىلىنمايدۇ؟ دېگەن سۆزنىڭ ئارىسىنى قانداق جۇغلايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ئىككى قىسىم بولىدۇ:  مۇتلەق زىكىر ۋە ۋاقىت ياكى ئورۇنغا ياكى ھالەتلەرگە ئالاقىدار زىكىر، بۇ ئىككى تۈرلۈك زىكىرنىڭ بايانى قۇرئان كەرىمدە كەلگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْراً كَثِيراً * وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلاً  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار (چۈنكى بۇ ئىككى ۋاقىتتا پەرىشتىلەر چۈشۈپ تۇرغانلىقتىن، ئۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەۋزىلى ھېسابلىنىدۇ) » [سۈرە ئەھزاپ 41-42-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرْ رَبَّكَ كَثِيرًا وَسَبِّحْ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ  تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنى كۆپ ياد ئەت، كەچتە، ئەتىگەندە تەسبىھ ئېيت،» [سۈرە ئال ئىمران 41-ئايەت].

مۇتلەق زىكىر دېگەن: مەلۇم ۋاقىت، ئورۇن ياكى ھالەتكە ئالاقىدار بولمىغان بەلكى ئىنسان ھەرقانداق ھالەتتە رەببىنى زىكىر قىلىدىغان زىكىرلەردۇر، خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق ھالەتتە رەببىنى زىكىر قىلاتتى». [مۇسلىم  رىۋايىتى 373-ھەدىس].

بۇ تۈردىكى زىكىرلەرنى كۆپ قىلىشقا شەرىئەت رىغبەتلەندۈرگەن، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا تەرجىمىسى: «ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى» [سۈرە ئەھزاب 35-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ  تەرجىمىسى: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» [سۈرە ئەنپال 45-ئايەت].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە يولىدا كېتىۋىتىپ”جۇمدان” دېيىلىدىغان تاغنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ «جۇمدان تېغىدىن ئۆتۇڭلار، يالغۇز بولغانلار ئىلگىرلەپ كەتتى» دېدى، ساھابىلار: يالغۇز بولغانلار كىملەر؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەر-ئاياللار، دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 2676-ھەدىس].

ئەمما قەيدلىك زىكىر دېگەن: مەلۇم ۋاقىت ياكى ئورۇن ياكى ھالەتلەر ۋە مۇئەييەن ساناقلار بىلەن بېكىتىلگەن زىكىرلەر بولۇپ، زىكىرلەردىن بولغان بۇ تۈردە ئىنسان ئەسلىدە قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويۇنچە ئادا قىلىدۇ.

بۇ تۈرنىڭ مىسالى: پەرز نامازدىن كېيىن كەلگەن زىكىرلەر، ئۇيقۇدىن بۇرۇن ئۇقۇلىدىغان زىكىرلەر، ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئوقۇيدىغان زىكىرلەر ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى باشقا زىكىرلەر بولۇپ، ئىنسان بۇنى ھەدىستە كەلگەن سان ۋە لەۋزى بويۇنچە قىلىشى كېرەك.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بۇنىڭدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان زىكىرلەردىكى خاس سانغا رىئايە قىلىش دېگەن ھۆكۈم ئېلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا: ئۇنىڭغا ئوتتۇز ئۈچ تەھلىلنى قېتىڭلار، ئۇنىڭغا ئوتتۇز ئۈچ تەمىھيدنى قېتىپ قويۇڭلار دېيىلىشى مۇمكىن، بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: “نامازنىڭ ئارقىسىدىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرگە ئوخشاش سان بىلەن كەلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئايرىم ئەجىر-ساۋاپ بېكىتىلگەن زىكىرلەر، يەنە بىر كىشى ئۇ ساندىن ئارتۇقراق دېگەن بولسا، ئۇ كىشىگە بۇ زىكىرلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن مەخسۇس ئەجىر-ساۋاپ ھاسىل بولمايدۇ، شۇ بېكىتىلگەن سان ئۈچۈن ھېكمەت ۋە خۇسۇسىيەت بولۇش ئېھتىماللىقى بولۇپ، بۇ ساندىن ئۆتۈپ كېتىش بىلەن ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن خۇسۇسىيەت يوقاپ كېتىشى مۇمكىن…”. [ئىبنى ھەجەرنىڭ: “پەتھۇل بارى” 2- توم 330-بەت. ]

“دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى بىرىنچى بۆلۈم 24-توم 203-بەتتە مۇنداق كەلگەن:  “ھەدىستە بايان قىلىنغان زىكىر ۋە دۇئالاردىكى ئەسلى قائىدە مۇسۇلمان كىشى ئۇلار سان جەھەتتىن ۋە ساناق جەھەتتىن قانداق كەلگەن بولسا شۇنىڭغا رىئايە قىلىش كېرەك. شۇنى مۇھاپىزەت قىلىش كېرەك، بەلگىلەنگەن سانغا زىيادە قىلماسلىق، بېكىتىلگەن لەۋزىنى ئۆزگەرتمەستىن ۋە كېمەيتىۋەتمەستىن شۇ بويۇنچە ئادا قىلىش كېرەك، ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن”.

بېكىتىلگەن زىكىرلەردە كەلگەن سان ۋە لەۋزى بويۇنچە توختاشنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەردىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بەزى زىكىرلەرنى كەلگەن لەۋزىگە زىيادە قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىغان. نامازدىن كېيىن ئادا قىلىنىدىغان زىكىرلەرلەرگە ئوخشاش، مۇھاجىرلارنىڭ كەمبەغەللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلىپ نامازدىن كېيىن بايلارمۇ بىزگە ئوخشاش زىكىر قىلىدۇ، بىزگە ئوخشاش ناماز ئادا قىلىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئوتتۇز ئۈچتىن ئوقۇلىدىغان زىكىرنى زىيادە قىلىشنى يولغا قويماستىن «بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى، ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسمۇ نامازدىن كېيىنكى زىكىرلەرنىڭ مەلۇم سان ۋە لەۋزى بىلەن بېكىتىلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە: سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى دېگەن سۆزنى يۈز قېتىم دېسە، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل قىلغان بىر كىشى بولمايدۇ پەقەت شۇ كىشىگە ئوخشاش دېگەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە دېگەن كىشى ئەۋزەل بولىدۇ» دېگەن ھەدىسكە بېرىلىدىغان جاۋاپ، بۇ ھەدىستە شۇ زىكىرنىڭ ئۆزىنى زىيادە قىلسا بولىدىغانلىقىنىڭ ئېھتىمالى بار، بۇ زىكىر (دەلىلى كەلگەن) زىيادە قىلسا بولىدىغانلىقى ئىستىسنا قىلىنغان زىكىرلەردىن، بۇنىڭدىن ئومۇمى زىكىرلەرگە زىيادە قىلسا بولىدىغانلىق ئېھتىماللىقىمۇ بار، بۇنىڭ مەنىسى: ھەدىستە كەلگەن زىكىرنى دېگىن ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە بىر زىكىرلەرنى زىيادە قىلغىن دېمەكتۇر.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى بىر كۈندە يۈز قېتىم ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، بارلىق مۇلكىيەت، ئىگىدارچىلىق ۋە ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر دېسە، ئۇ كىشىدىنمۇ ئەۋزەل ئەمەل قىلغان بىر كىشى بولمايدۇ پەقەت شۇ كىشىگە ئوخشاش دېگەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە دېگەن كىشى ئەۋزەل بولىدۇ»دېگەن بۇ ھەدىسىدە بۇ تەھلىلنى بىر كۈندە يۈز قېتىم دېگەن كىشىگە ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەجىر -ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ زىيادە دېگەن كىشىگە بولسا، زىيادە دېگەنلىكىگە ئاساسەن يەنە ئەجىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، بۇ ساندىن ئۆتۈپ كېتىش چەكلەنگەن ۋە زىيادە قىلسا زىيادە قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدىغان ياكى زىيادە قىلغىنى بىكار بولۇپ كېتىدىغان تاھارەتتە يۇيۇش سانىنى زىيادە قىلغاندەك ۋە نامازنىڭ رەكەت سانىنى زىيادە قىلغاندەك خاتالىشىدىغان بەلگىلىمە ئەمەس.

بۇنىڭدىن بولغان مەقسەتنىڭ تەھلىلنىڭ ئۆزىنى زىيادە قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەرنى زىيادە قىلىش ئېھتىماللىقى بار ياكى مەيلى تەھلىلدىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭ غەيرىدىن بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئۆزىدىن بولسۇن مۇتلەق زىيادە قىلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ، بۇ ئېھتىماللىق ئېنىقتۇر.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر”. [نەۋەۋىينىڭ “مۇسلىمنىڭ شەرھىسى” 17-توم 17-بەت.]

سۆزنىڭ خۇلاسىسى: زىكىر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: مۇتلەق زىكىر ۋە مۇقەييەد زىكىر، مۇتلەق زىكىرنىڭ مەخسۇس بېكىتىلگەن سانى يوق، ئىنسان قادىر بولغان ھالىتىدە قانچىلىك زىكىر قىلسا بولىدۇ، ئەمما مۇقەيەد زىكىر بولسا: ئۇنىڭدىكى ئەسلى قائىدە: ھەدىستە كەلگەن لەۋزى، سانىغا رىئايە قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭدىن زىيادە قىلىشقا دەلىل بولسا ئۇنى زىيادە قىلىش، بۇ خۇددى« سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى»نى يۈز قېتىم دېيىش، «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، بارلىق مۇلكىيەت، ئىگىدارچىلىق ۋە ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر»دېگەن زىكىرنى يۈز قېتىم دېيىش، بۇ زىكىرلەردە ئىنسان ھەدىستە كەلگەن يۈز دېگەن سانغا زىيادە دېسە بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى