جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

يامغۇر يېغىۋاتقاندا دۇئا ئىجابەت بولامدۇ؟ چاقماق چىقىلغاننى ئاڭلىغاندا ۋە يامغۇر ياغقاندا قايسى دۇئانى ئوقۇيدۇ؟

سۇئال

چاقماق چىقىلغان، ھاۋا گۈلدۈرلىگەن ۋە يامغۇر يېغىۋاتقان ۋاقىتتا قايسى دۇئانى ئوقۇيدۇ؟. يامغۇر يېقىۋاتقاندا دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا دالالەت قىلىدىغان ھەدىس قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام يامغۇرنى كۆرگەندە: ئى ئاللاھ بۇ يامغۇرنى بىزگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرگىن دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى1032-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5099-ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامغۇرنى كۆرگەندە: ئى ئاللاھ بۇ يامغۇرنى بىزگە ئېقىن قىلىپ بەرسىلە دەيتتى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: أَوْ كَصَيِّبٍ مِّنَ السَّمَاءِتەرجىمىسى: ئۇلار قاتتىق يامغۇردا قالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. [سۈرە بەقەرە 19-ئايەت]. ئىمام خەتتابىينىڭ"سۈننەت بەلگىسى" ناملىق ئەسىرى 4-توم 146-بەت].

بەدىنىنى يامغۇرغا سالسا ياخشى بولىدۇ، ئىنسان بەدىنىگە يامغۇر تامچىلىرى چۈشسە ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقتىمىزدا يامغۇر ياغدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىمىنى ئاچتى، ھەتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك بەدىنىگە يامغۇر تامچىلىرى چۈشتى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىلا؟ دەپ سورىساق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: چۈنكى بۇ يامغۇر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدىن يېڭىدىن چۈشتى، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى898-ھەدىس].

يامغۇر قاتتىق ياغقان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ بۇ يامغۇرنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئەمەس، ئەتراپىمىزغا ياغدۇرسىلا، تاغ ئۆڭكۈرلىرىگە، جىلغىلارغا، ئېتىزلىق، دەرەخلىقلەرگە ياغدۇرسىلا،» دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 1014-ھەدىس].

چاقماق چېقىلغاندا دۇئا قىلىش توغرىسىدا: ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، سۆزدىن توختايتتى ۋە وَيُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِتەرجىمىسى: گۈلدۈرماما ئاللاھنى مەدھىيىلەش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھتىن قورقۇپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، دېگەن ئايەتنى ئوقىدى، ۋە: مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ زېمىن ئەھلىنى ئازابىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىشىدۇر،» دەيتتى. [بۇخارى "ئەدەبۇل مەپرەد" ناملىق ئەسەرنىڭ 723-بېتىدە بايان قىلغان. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ "مۇئەتتا"ناملىق ئەسەردە 3641- نومۇرلۇق ھەدىستە، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ" ئەلئەزكار" ناملىق ئەسەردە 235-ھەدىستە، شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ئەدەبۇل مۇپرەد"ناملىق ئەسەردە ئىسنادى سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېتىدىغان توغرا ئىسناد بىلەن بايان قىلىنغان ھەدىسنى بىلمەيمىز.

شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىلغاندا، ئوقۇلىدىغان دۇئا ياكى زىكىرلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن بىرەر نەرسىنى بىلمەيمىز. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

ئىككىنچى: يامغۇر چۈشكەن ۋاقىت بولسا، ئاللاھ تائالادىن بەندىلىرىگە پەزلى-رەھمەت چۈشكەن، ئۇلارغا ياخشىلىقنىڭ سەۋەبلىرى كەڭرى بولىدىغان، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئىشەنچ قىلىنىدىغان ۋاقىتتۇر.

سەھلى ئىبنى سەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىككى خىل ۋاقىتتا قېلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ: ئەزان ئوقۇلۇۋاتقان ياكى ئەزاندىن كېيىن ۋە يامغۇر يېغىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا. [بۇ ھەدىسنى ھاكىم "ئەلمۇستەدرەك" ناملىق ئەسەر 2534-ھەدىستە، تەبەرانى "ئەلمۇئجەمىل كەبىر" ناملىق ئەسەر 5756-ھەدىستە، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسەر 3078-ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى