شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇئەززىننىڭ سۈپىتى توغرىسىدا

سۇئال

  نامازغا ئەزان توۋلاش ھوقۇقى كىمگە بېرىلگەن؟، يەنى بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟، بۇنىڭغا مەلۇم بىر كىشىنى بېكىتىش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەزاننى مەلۇم بىر كىشىنىڭ توۋلىشى شەرت قىلىنمايدۇ، نامازغا بىر مۇسۇلمان ئەر كىشى ئەزان توۋلىغان بولسا، شۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ زىممىسىدىن ئەزان توۋلاشنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ناماز ۋاقتى بولغاندا سىلەردىن بىرىڭلار ئەزان توۋلىسۇن، چوڭراق بىرىڭلار ئىمام بولسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 628-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى674-ھەدىس].

    ئىككىنچى: ئالىملىرىمىز(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) مۇئەززىندە بولۇشقا تېگىشلىك بىر قانچە شەرتلەرنى زىكىر قىلدى، بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ، بۇ تېپىلمىسا ئەزان توغرا بولمايدۇ، ئۇ شەرتلەردىن: مۇئەززىننىڭ مۇسۇلمان، ئەقىللىق ئەر بولىشىدۇر.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەزاننى ئەقىللىق، ئەر مۇسۇلمان توۋلىسا توغرا بولىدۇ، ئەمما كاپىر، ساراڭ قاتارلىقلار ئەزان توۋلىغان بولسا بۇ توغرا بولمايدۇ چۈنكى كاپىر بىلەن ساراڭ دېگەن شۇ ۋاقىتتا ئىبادەتكە بۇيرۇلغان كىشىلەردىن ئەمەس، ئەگەر ئەزاننى ئايال توۋلىغان بولسا بۇمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى ئاياللارنىڭ ناماز ئادا قىلىشى ئۈچۈن ئەزان توۋلاش يولغا قويۇلمىغان. بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز. ["ئەلمۇغنى"1-توم 249-بەت].

    مۇئەززىننىڭ  ئاۋازى چېرايلىق بولىشى، ئۆزى ئىشەنچىلىك، ئادالەتپەرۋەر، بالاغەتكە يەتكەن ۋە نامازلارنىڭ ۋاقتىنى بىلىدىغان بولىشى ياخشى كۆرۈلىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇئەززىنىڭ ئادالەتلىك، ئىشەنچىلىك ۋە بالاغەتكە يەتكەن بولىشى مۇستەھەپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشەنچىلىك بولىشىدا ناماز ۋاقتى، ئىپتار ۋاقتى ۋە ئەتتىگەندە سوھۇرلۇقتىن توختاشتا ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئىشەنچىلىك بولمىسا قالايمىقان ۋاقىتتا ئەزان توۋلاپ مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرىۋېتىدۇ. شۇنىڭدەك ئەزاننى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىپ توۋلايدۇ، ئىشەنچىلىك بولمىسا باشقىلار ئۆيلىرىگە ۋە ئەۋرەتلىرىگە قارىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ". ["ئەلمۇغنى"1-توم 249-بەت].

    "پىقھى توپلاملىرى"2-توم 368-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "مۇئەززىننىڭ سۈپەتلىنىشى مۇستەھەپ بولغان ئىشلاردىن: ئادالەتلىك بولىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ نامازنىڭ ۋە سۇھۇرنىڭ ۋاقىتلىرىغا ئىشەنچىلىك بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قاراشتىن ئىشەنچىلىك بولىدۇ. پاسىقنىڭ توۋلىغان ئەزىنىمۇ ياقتۇرماسلىق بىلەن دۇرۇس بولىدۇ. مۇئەززىننىڭ ئاۋازى چېرايلىق بولىشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئابدۇللاھ بىن زەيدكە: «بىلال بىلەن بىرگە تۇرغىن، چۇشۇڭدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان كەلىمىلەرنى بىلالغا ئېيتىپ بەرگىن، چۈنكى بىلالنىڭ ئاۋازى سېنىڭ ئاۋازىڭدىن جاراڭلىق ۋە چېرايلىق دېدى». ئاۋاز جاراڭلىق بولسا يىراقلارغا يېتىدۇ. مۇئەززىننىڭ  ناماز ۋاقىتلىرىنى بىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەزان توۋلاش ئۈچۈن نامازنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىنى تاللايدۇ، ھەتتا مۇئەززىننىڭ كۆزى كۆرىدىغىنى كۆزى كۆرمەيدىغىنىدىن ئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكى كۆزى كۆرمەيدىغىنى ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ".

    شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر مەسچىتتە مۇقىم بېكىتىلگەن مۇئەززىن بولىدىكەن، باشقىلارنىڭ ئۇ كىشىنىڭ ئەزان توۋلاش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشى ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن چىقىپ ئەزان توۋلىۋېلىش ھەققى بولمايدۇ، پەقەت شۇ كىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولسا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى