بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئەگەر ئسپىرت ماددىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بۇ سۇيۇقلۇق مەس قىلمايدىغان بولسا ۋە ئۇنىڭ باشقا زېيىنى بولمىسا، ئۇنى ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى ھاراملىق مەس قىلىشتۇر. شەيخ سەئىد ھۇمەيد.
مۇشۇنداق ھالەتتە ئىچىملىككە قارىلىدۇ، كۆپ ئىچسە مەس قىلىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاز قىسمىمۇ ھارام بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.