سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

قىز-خانىملارنىڭ، ھايۋاناتلار مېيى ياكى ھاراق تەركىبى قوشۇلمىغان گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىشى دۇرۇسمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.

ئايالنىڭ ئىرى ئۇچۇن شەرىئەت يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە گۇزەللىنىشى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم بولغان ئىشلاردىن بولۇپ، ئايالنىڭ ئىرى ئۇچۇن زىننەتلىنىشى،ئەرنىڭ ئايالىغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە،ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا ئىللىقلىقپەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ.بۇ بولسا شەرىئەتنىڭ مەقسىتىدىن ئىبارەتتۇر.ئەگەرگىرىم بويۇملىرىنى ئىشلىتىش ئىشلەتكۈچىگە زىيان يەتكۈزمىسە ئىشلەتسە ھېچنىمە بولمايدۇ.

ئەمما مەن گىرىم بويۇملىرىنىڭ يۇز تېرىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يۇز تېرىسىنىڭمۇددەتتىن بۇرۇن قېرىشى ۋە سەتلىشىپ كىتىشى توغرىسىدا مەلۇماتلارنىئاڭلىدىم. ئاياللارنىڭ بۇ توغرىدا مۇتەخەسسىس دوختۇرلاردىن سورىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن يۇقىرىقى سۆز تەكىتلەنسە، گىرىم بويۇملىرىنى ئشلىتىش ھارام ياكى مەكرۇھ بولىدۇ.چۈنكى ھەرقانداق نەرسىنى ئىشلىتىش نەتىجىسىدە شەكىلدە بىنورمال ئۆزگۈرۈشياكى سەتلىشىپ كېتىش كېلىپ چىقسا، مەزكۇر نەرسىنى ئىستىمال قىلىش ھارام ياكى مەكرۇھ بولىدۇ.

بۇمۇناسىۋەت بىلەن بىر نەرسىنى (يەنى تىرناق لاكىنى)يادلاندۇرۇپ قويۇشنى خالايمەن، بۇ نەرسەبولسا ئاياللار تىرناقلىرىغا ئىشلىتىدىغان گىرىم بويۇملىرىدىن بولۇپ،ناماز ئوقۇيدىغان ئاياللارنىڭ(يەنى ناماز ئوقۇيدىغان كۈنلەردە)ئىشلىتىلىشى جايىز ئەمەس.چۈنكى بۇ بويۇم تاھارەت ئالغاندا تىرناققا سۇ يېتىىشتىن چەكلەپ قالىدۇ.تاھارەت ئالغۇچى ۋە غۇسلى قىلغۇچىنىڭ يۇيۇشقا بۇيرۇلغان ئەزالىرىغا سۇ يىتىشىنى توسىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئشلىتىشى جايىز بولمايدۇ.ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا قُمۡتُمۡ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغۡسِلُواْ وُجُوهَكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ إِلَى ٱلۡمَرَافِقِ وَٱمۡسَحُواْ بِرُءُوسِكُمۡ وَأَرۡجُلَكُمۡ إِلَى ٱلۡكَعۡبَيۡنِۚتەرجىمىسى:ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار [سۇرە مائىدە 6-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].ئايەت.

تىرناق لاكى ئىشلەتكۈچىئايال، تاھارەت ئىلىش ئۈچۈنپۇت-قولىنى يۇغان تەقدىردىمۇ ئالغان تاھارىتى دۇرۇس بولمايدۇ. شۇنداقلا تاھارەت ياكى غۇسلىنىڭ پەرزلىرىدىن بىر پەرزنى تەرك قىلغان بولىدۇ.ئەمما ناماز ئوقۇمايدىغان ئاياللار ئىشلەتسە ھىچگەپ يوق. (يەنى قىز-خانىملار ھەيىزدارلىق ھالەتلىرىدە كاپىر ئاياللارنى دورىمىغان ئاساستا ئشلەتسە بولىدۇ).

مۇسلىمە ئاياللار توغرسىدا پەتىۋالار ناملىق ئەسەر 1-توم 474-بەت

توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

مەنبە: تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى