پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەج قىلىش ئۈچۈن ئايلىق ئادىتىنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

مەن بىر مۇسۇلمان ئايال. ئاللاھ خالىسا بۇ يىل ھەجگە بارىمەن، ھېسابلىسام مەن مەككىگە يىتىپ كەلگەندە ئايلىق ئادىتىم باشلىنىدىكەن. بەزى كىشىلەر ھەج پائالىيىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئادەت توختىتىش دورىسى ئىشلىتىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى. ھەج پائالىيىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئايلىق ئادەت توختىتىش دورىسى ئىشلەتسەم شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

مەزكۇر دورىنى ئىشلىتىش سەۋەبلىك ئايال كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمەيدىغان بولسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: "ئايال كىشى ھەج پائالىيەت جەريانىدا ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا ئادەت توختىتىش دورىسى قوللانسا دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك رامىزان ئېيىدىمۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلسا بولىدۇ". [مۇسۇلمان ئاياللار ئۈچۈن توپلانغان پەتىۋالار ناملىق ئەسەر 2-توم495- بەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى