سەيشەنبە 11 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 12 نويابىر 2024
Uygur

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئەر ئايالى بىلەن ئوينىشىش جەريانىدا ئايال ئېغىز ئىچىشنى مەقسەت قىلىپ، ئىخىتىيارلىقنى ئەرگە بەرگەن بولسا، مۇشۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

رامزاندا بامدات نامىزىدىن كىيىن ئەر كىشى ئايالى بىلەن ئويناشتى، ئايالى: ئۇنداق قىلماڭ روزام بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ تەكرار دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەر قويىۋەتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئايال ئېرىگە كەينىنى قىلىپ ئەرنى ئىختىيارىغا قويۇۋەتتى، ۋە كۆڭلىدە: ئېغىز ئىچىۋىتەي خالىغىنىنى قىلسۇن، گۇناھى ئۆزىگە بولسۇن دەپ ئويلىدى. شۇنداق ئويلاپ تۇرۇشى ئېرى ھېچ ئىش قىلماستىن ئايالىنى قويۇۋەتتى، ئايال كۆڭلىدە بۇ سۆزنى قىلغاندا، پەقەت خاتالىقىنى ئېرىگە يۈكلەپ، گۇناھتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت ئىدى، ئۇ ئايال ئىپتار قىلىش ئۈچۈن بىر نەرسە يېمىدى ۋە ئىچمىدى. كۆڭلىدە ئويلىغان سۆزنىڭ سەۋەبىدىن روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى ئۇ پەقەت كۆڭۈلدە ئويلىغان سۆز بولۇپ قالامدۇ؟ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىش سەۋەبىدىن ئويلىغىنىم، ئىپتار قىلغانلىق بولامدۇ ياكى پەقەت ئويلىغان سۆز بولامدۇ؟ بەزى ۋاقىتتا كۆڭۈلدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسە روزىنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە ئوچۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا روزىدار تۇرۇپ ئىككىلەنمەستىن كەسكىنلىك بىلەن ئېغىز ئىچىشنى مەقسەت قىلىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، گەرچە كىيىن نىيىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

ئەمما روزىنى بۇزۇش نىيىتىدە ئىككىلىنىش بولغان بولسا ياكى ئىپتار قىلىشنى بىرەر ئىشقا ئالاقىدار قىلسا، خۇددى يېمەك-ئىچمەك تاپسام ئىپتار قىلىمەن دەپ، تاپالمىغان بولسا، توغرا قاراشتا ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: "رامىزاندا روزا تۇتقان مۇساپىر كىشى ئىپتار قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، ئىپتار قىلغىدەك بىر نەرسە تاپالماي، نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ روزىنى كۈن پاتقۇچە تولۇق داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولمايدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى روزىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغاندا، روزىسى بۇزۇلغان، ئەگەر ئۇ كىشى، مەن يەيدىغان ياكى ئىچىدىغان بىر نەرسە تاپسام ئېغىز ئاچىمەن، تاپالمىسام روزىنى داۋاملاشتۇرىمەن دەپ، بىر نەرسە تاپالماي روزىنى كۈن پاتقۇچە داۋاملاشتۇرغان بولسا، روزىسى توغرا بولاتتى، ئۇ كىشى بۇ ۋاقىتتا نىيىتىنى ئۈزۈۋەتمەستىن ئىپتار قىلىشنى بىر نەرسىنىڭ تىپىلىشىغا ئالاقىدارقىلىپ قويدى، ئالاقىدار قىلغان نەرسە تېپىلمىسا، ئۆزىنىڭ ئەسلى نىيىتى بويىچە قالىدۇ" تۈگىدى. ["ئەركىن سۆھبەت پروگراممىسى(29/20)].

سوئالدىن مەلۇم بولىشىچە، سىز ئىپتار قىلىشنى ئېرىڭىزنىڭ مەزكۇر ئىشنى قىلىشىغا ئالاقىدار قىلىپ قويۇپسىز، ئېرىڭىز ھېچ ئىش قىلماپتۇ. روزىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىش ئايرىم ئىش، ئىپتار قىلىشنى يۈز بەرمىگەن ئىشقا ئالاقىدار قىلىش يەنە ئايرىم ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىشنىڭ ھۆكمى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن؛ سىزنىڭ روزىڭىز بۇزۇلماپتۇ، ئۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس. ئەمما سىز روزىڭىزنى بۇزۇشنى كەسكىن مەقسەت قىلغان ياكى كەسكىن بولمىسىمۇ ئاساسەن بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، ئاشۇ مەقسىتىڭىز بويىچە، سىزنىڭ روزىڭىز بۇزۇلغان بولىدۇ، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر كۆڭلىڭىز قانائەت تاپماي، شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىۋەتسىڭىز ئۇمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 95766-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

لېكىن سىزنىڭ نىيىتىڭىزگە ياكى قىلغان ئىبادىتىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ۋەسۋەسە پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، سىز شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلماڭ ۋە تۇتقان روزىڭىزنى توغرا دەپ قاراڭ، ۋەسۋەسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كەتمەڭ، چۈنكى ۋەسۋەسىنىڭ زېيىنى كۆپ ۋە ئاقىۋىتى خەتەرلىك بولىدۇ. ۋەسۋەسە شۇ ئىنساننىڭ قىلغان ئىبادىتى ھەتتا پۈتۈن دىنىنى بۇزمىغۇچە ئاخىرلاشمايدۇ. بىز بۇ توربەتتە كۆپ قېتىم ۋەسۋەسىگە ئەگەشمەسلىك ۋە بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىش توغرىسىدا كۆپ مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەردۇق.

ئىككىنچى: ئەر كىشى ئۈچۈن روزىدار ۋاقتىدا، ئۆز نەپسىگە ئىگە بولالىسا (يەنى سپېرما چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنالىسا)، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدە توختىسا، جىماغا چۈشۈپ قالمىسا، ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىش ۋە سۆيۈشۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.بۇ ھەقتە 49614- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئۈچىنچى: ئايال كىشى ئۈچۈن ئېرىنىڭ چەكلەنگەن قىلمىشىغا ياردەم قىلىشى ياكى ئۇ ئىشقا رازى بولىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئېرىنى بۇنداق ئىشتىن چەكلىشى ۋە يىراق بولىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەردىن كىمكى مۇنكەر ئىشنى كۆرىدىكەن، ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، قولى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، تىلى بىلەن ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن يامان كۆرسۇن، ئاشۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىسىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 49 -ھەدىس].

يولدىشىڭىز چەكلەنگەن ئىشقا قەدەم قويۇۋاتسا، ئۇنى توسماستىن ئىختىيارىغا قويىۋەتكەنلىكىڭىز ۋە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىگە رازى بولغانلىقىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئەر گۇناھكار بولىدۇ، مۇشۇنداق ئۇلۇغ، رەھمەت ئېيىدا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشقا تېرىشىپ، چەكلەنگەن ئىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىغا ئۇچرايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كىمكى رامزاننىڭ كۈندۈزىدە بىر نەرسە يەپ-ئىچىپ يۈرگەن ئادەمنى كۆرسە، ئۇ كىشىگە رامىزان روزىسىنى ئەسلىتىش زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يېگەنلىكى ئۈچۈن ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ،ئەمما سىز ئۇنتۇپ قالمىدىڭىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِتەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار. [سۈرە مائىدە 2-ئايەت]."ئايلىق ئۇچرىشىش"(70/44).

بۇنداق قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان يەردە، ئېرىنى يۇقىرىقىدەك ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئەلۋەتتە زۆرۈر بولىدۇ، گەرچە ئەرنىڭ ھەققى يۇقىرى ئورۇندا تۇرسىمۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئەرنى ئاگاھلاندۇرۇش بەك مۇھىم.

سىز ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىڭ، بۇنداق ئىشنى قايتا تەكرارلىماڭ، ئېرىڭىز ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغان ياخشى ياردەمچى بولۇڭ، ئېرىڭىزنىڭ بىر خاتالىق سادىر قىلىۋاتقان ياكى قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز ئۇنى بۇ ئىشتىن چەكلەڭ، ئاللاھ تائالانى ئەسلىتىڭ".

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى