جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

كۇسۇپ (ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان ناماز) نامىزىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا

سۇئال

كۇسۇپ (ئاي تۇتۇلغاندا ئوقۇلىدىغان ناماز) نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەبى مەسئۇد ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:قۇياش بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر،ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ،بۇ ئىككىسى بىرەر كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن تۇتۇلمايدۇ،كۇن-ئاي تۇتۇلغانلىق ئەھۋالنى كۆرسەڭلار دەرھال ئۇ ئېچىلغانغا قەدەر ناماز ئوقۇڭلار ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 1041-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 912-ھەدىس. ھەدىسنىڭ ئەسلى تىكىستىنى مۇسلىم بايان قىلىنغان].

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقل قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: كۈن تۇتۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىئارام بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ قىيامەت بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىردى،مەسچىتكە كېلىپ نامازغا تۇردى، قىيامدا، رۇكۇدا ۋە سەجدىدە ئۇزۇن تۇردى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق ئۇزۇن ناماز ئوقۇغىنىنى ھەرگىز كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: بۇ ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ ئاللاھ بۇنى ئەۋەتىدۇ، بۇ بىرەر كىشى ئۆلۈمى ياكى دۇنياغا كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇتىدۇ، كۈن-ئاينىڭ تۇتۇلغانلىق ئەھۋالنى كۆرسەڭلار دەرھال ئۇ ئېچىلغانغا قەدەر ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، دۇئا قىلىڭلار ۋە ئىستىغپار ئېيتىڭلار.» [بۇخارى رىۋايىتى 1059-ھەدىس. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 912-ھەدىس].

ئىككىنچى: كۇسۇپ نامىزىنىڭ سۈپىتى:

ئىمام ناماز باشلاش تەكبىرىنى ئېيتىدۇ، ناماز باشلاش دۇئاسىنى ئوقۇيدۇ ئاندىن ئەئۇزۇنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ ئاندىن ئۇزۇن قىرائەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇزۇن رۇكۇ قىلىدۇ، ئاندىن رۇكۇدىن تۇرىدۇ ۋە سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، (رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ) دەيدۇ، ئاندىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ ۋە ئۇزۇن قىرائەت قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى دەسلەپكى قىرائەتتىن قىسقىراق بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىم رۇكۇ قىلىدۇ، رۇكۇنى ئۇزۇن قىلىدۇ، ئەمما دەسلەپكى رۇكۇدىن قىسقىراق بولىدۇ، ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ: سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ دەپ ئۇزۇن تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئىككى سەجدىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشنىمۇ ئۇزۇن قىلىدۇ، ئاندىن ئىككىنچى رەكەتكە تۇرىدۇ، ئىككى قېتىملىق رۇكۇ ۋە باشقا ھەرىكەتلەرنىمۇ بىرىنچى رەكەتكە ئوخشاش قىلىدۇ، لېكىن ئىككىنچى رەكەتتە بىرىنچى رەكەتتە ئۇزۇن قىلغاندەك ئۇزۇن قىلمايدۇ، ئاندىن تەشەھھۇت ئوقۇپ، دۇرۇد ئوقۇپ، دۇئا ئوقۇپ سالام بېرىدۇ. [ئىبنى قۇدامەنىڭ: "ئەلمۇغنى" 3-توم 323-بەتكە، نەۋەۋىينىڭ: "ئەل مەجمۇئ" 5 -توم 48-بەتكە قارالسۇن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا كۈن تۇتۇلۇپ قالدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە چېقىپ نامازغا تۇردى، كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسامنىڭ ئارقىسىدىن سەپ تۈزدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكبىر ئېيتتى، ئۇزۇن قىرائەت قىلدى، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ ئۇزۇن رۇكۇ قىلدى، ئاندىن سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دەپ رۇكۇدىن تۇردى، سەجدە قىلمىدى، بىرىنچى قېتىملىق قىرائەتتىن قىسقىراق ھالەتتە ئۇزۇن قىرائەت قىلدى، ئاندىن بىرىنچى قېتىملىق رۇكۇدىن قىسقىراق ھالەتتە ئۇزۇن رۇكۇ قىلدى، ئاندىن سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ دېدى، ئاندىن سەجدە قىلدى، ئاندىن ئىككىنچى رەكەتتىمۇ بىرنچى رەكەتتىگە ئوخشاش قىلدى، تۆت رۇكۇ ۋە تۆت سەجدە بىلەن ئىككى رەكەت نامازنى تاماملىدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 1064-ھەدىس. مۇسلىم-رىۋايىتى 2129-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى