بىرىنچى: ئايال كىشى ياتلىق بولىدىغان ۋاقىتتا دىنى ۋە ئەخلاقى تەرەپتىن رازى بولىدىغان تەقۋادار، ياخشى ئەرنى تاللىشى كېرەك. ناماز بولسا دىننىڭ مۇھىم ئاساسلىرىنىڭ بىرى، بەلكى ئۇ ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ دىننىڭ ئاساسى بولغان نامازغا سەل قارايدىغان ئەر بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ.
ئىككىنچى: ئايال كىشى پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ توغرا بولىشىدا ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا: نىكاھى توغرا بولىدۇ، چۈنكى نامازنى تەرك قىلغۇچى نامازنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلماي ناماز ئوقۇشقا سەل قارىسا كاپىر ھېسابلانمايدۇ بەلكى پاسىق مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ.
بەزى ئالىملار ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى بىلەن بولغان نىكاھ باتىل يەنى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى نامازنى پۈتۈن تەرك قىلغۇچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى 194309-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن كۆرۈۋىلىڭ. لېكىن ھەر قانداق ئەھۋالدا، بىر ئايال ئۆز ئېتىقادىدا نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دەپ قارىمايدىكەن ياكى نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بىلمەيدىكەن ياكى ئۇ ئايال ياشاۋاتقان يۇرتتا ئالىملار نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دېمەستىن ئاسى-پاسىق مۇسۇلمان دەپ پەتىۋا بەرگەن بولسا، ئايال مۇشۇنداق بىر ئەر بىلەن توي قىلغان بولسا ئۇلارنىڭ نىكاھى باتىل دېيىلمەيدۇ، ھەتتا نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دېگەنلەرمۇ بۇ نىكاھنى باتىل دېمەيدۇ، يۇقىرىقى سوئالدا بايان قىلىنغان نىكاھ "زىنا" دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ،چۈنكى بۇ ئىسلام ئالىملىرى ئارىسىدا ئىتىبارغا ئېلىنىدىغان ئىختىلاپى مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى: ئەمما ئەر كىشى بەزى ۋاقىتتا ناماز ئوقۇپ، بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمىسا، كۈچلۈك قاراشتا بۇنىڭغا كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى 109220-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تولۇق بايان قىلىنغان.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نۇرغۇن دۆلەت-رايۇنلاردا كۆپچىلىك كىشىلەر بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۇلار نامازنى پۈتۈنلەي تەرك قىلمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئوقۇيدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمايدۇ، ئۇلاردا ئىمان ۋە نىپاق بار، ئۇلارنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشىگە ئاساسەن مىراس قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ھۆكمى ئىجرا قېلىنىدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى"7-توم 617-بەت].
تۆتىنچى: ھەر قانداق نىكاھ ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ توغرا دەپ ئېتىقاد قىلىشى بىلەن تاماملانغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمنى بىلمەسلىكى ياكى ئالىملارنىڭ توغرا قاراشلىرىغا ئاساسەن بولغان بولسا، بۇ نىكاھ شەرئى نىكاھ دەپ ھۆكۈم بېرىلىدۇ، شۇنداقلا تۇغۇلغان بالىلار ئۇلارغا نىسبەت بېرىلىدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىلەن، ئەر-ئاياللار توغرا دەپ ئىتىقاد قىلغان ھەرقانداق نىكاھ بىلەن ئەر-ئايال بىرگە بولسا، تۇغۇلغان بالا شۇ ئەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ، بىر-بىرىدىن مىراسخۇر بولالايدۇ. نەسەبنىڭ ئىسپاتلىنىشى نىكاھنىڭ سەھىھ بولىشىغا قاراشلىق ئەمەس".
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى توغرا بولمىغان نىكاھ ئارقىلىق ئۆيلەنگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن ياكى نىكاھنىڭ پاسىدلىقىدا ئىختىلاپلاشقان بولسا، شۇنداقلا ئۇنى ئايالىم دەپ ئېتىقاد قىلىپ بىر يەردە بولغان بولسا، تۇغۇلغان بالا مەزكۇر ئەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن بىر بىرىگە مىراسخۇر بولالايدۇ". [پەتىۋالار توپلىمى 13-توم 34-بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "توغرا دەپ ئېتىقاد قىلغان بۇ شەكىلدىكى نىكاھ بىلەن ئەر-ئايال بولغانلارغا شەرىئەتتە جازا بىكىتىلمەيدۇ، تۇغۇلغان بالا شۇ ئەرگە نىسبەت بېرىلىدۇ، بۇ نىكاھتا تويلۇق مېھرى بىكىتىلىنىدۇ." ["پەتىۋا كۇبرا" ناملىق ئەسەر 3-توم 132-بەت].
بەشىنچى: ئەر كىشى كۆپ ۋاقىتلاردا نامازنى تەرك قىلىدىكەن، ئەيال كىشى ئەرگە نەسىھەت قىلىشى، توغرا يولغا باشلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇتىشى، نامازنى تەرك قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كاپىر دەپ قارايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ، ئەرنىڭ بۇ چوڭ گۇناھتىن قول ئۈزگۈچە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەي ۋەز-نەسىھەتنى داۋاملاشتۇرىشى زۆرۈر بولىدۇ. شۇنىڭدەك يولدىشى ناماز ئوقۇمايدىغان بارلىق ئاياللار ئەرلىرىنى نامازغا كۆندۈرىشى كېرەك، بولمىغاندا بۇنداق ئەردىن ئايرىلىپ ئاللاھدىن قورقىدىغان ناماز ئوقۇيدىغان ياخشى مۇسۇلمان بىلەن توي قىلىشى كېرەك.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.