سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بىر قۇربانلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ

سۇئال

دادام ئۆزى ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قېلىپ ئادەتلەنگەن بولۇپ، ھايات بولغان ئانام ئۈچۈن قۇربانلىق قىلمايتتى، مەن دادام بىلەن بۇ توغرىدا سۆزلەشسەم، ماڭا: ئانىڭىز ئۆينىڭ تەربىچىسى، ئۇنىڭغا قۇربانلىق كېرەك بولمايدۇ دېدى، باشقىلارمۇ ئەرنىڭ ئايال ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشى كېرەك بولمايدۇ دېدى. مېنىڭ سوئالىم: ئەگەر قىز-ئوغۇللار ئانىسىغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پۇل بەرسە ياكى قۇربانلىق قوي سېتىپ ئەكىلىپ بەرسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ-تۇققانلىرىدىن ھايات بولسۇن ياكى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسۇن خالىغان كىشىنى قۇربانلىقنىڭ ساۋابىغا شېرىك قىلىۋالسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن قوبۇل قىلغىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دېگەن سۆز ھايات بولغان ۋە ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭدەك مەخسۇس ۋاپات بولغانلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسىمۇ ياكى ئۇلارنى ھاياتلارغا ئەگەشتۈرۈپ قۇربانلىق قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 36596- ۋە 36706 نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ئىككىنچى: قۇربانلىق قىلىنغان بىر قوي ئائىلىدىكى ئەر-ئايال، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىر ئائىلىدە ياشىغان بولسا، بۇ توغرىدا ئىمام مۇسلىم 3637-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سېمىز ئىككى قوچقارنى كەلتۈرۈشكە بۇيرىدى، قوينى ياتقۇزۇپ ھەممە يېرىگە قارىدى ۋە قوينى قۇربانلىق قىلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىپ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: پىچاقنى ئېلىپ كىلىڭ دېدى ۋە پىچاقنى تاشقا بىلەپ كېلىڭ دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىچاقنى ئېلىپ، قوينى تۇتۇپ يانتۇ قىلىپ: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن دېدى، ئاندىن قوينى بوغۇزلىدى.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنى بىر قوي ئۆلتۈرسە، بۇنىڭ ساۋابى ئائىلىدىكى ھەممە كىشىگە كۇپايە قىلىدۇ دېگەن قاراشقا دەلىل قىلدى. بۇ بىزنىڭ ۋە باشقا كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى". [نەۋەۋىينىڭ "مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدىن" ئىلىندى].

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغانغا ئوخشاش قۇربانلىقنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن دەپ نىيەت قىلىپ ئۆلتۈرسە، بۇ ئۆزىگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋاپتا ئورتاق بولىدۇ، ئايالى ئۈچۈن ئايرىم قۇربانلىق قىلىشقا ھاجەت بولمايدۇ.

     ئەگەر قۇربانلىق قىلغاندا ئائىلىسىدىكىلەرنى نىيەت قىلمىسا-ئەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى بىلەن ئۇلاردىن قۇربانلىق چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلاردىن قۇربانلىق قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، قۇربانلىق قىلغۇچى ئۇلارنى قۇربانلىقنىڭ ساۋابىغا شېرىك قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا قىلمىغان ئىش ئۈچۈن ساۋاب بېرىلمەيدۇ.

رەملى رەھىمەھۇللاھ قۇربانلىق توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق بىز ئۈچۈن پەرز كۇپايە يولى بىلەن تەكىتلەنگەن سۈننەت ھېسابلىنىدۇ، گەرچە ئائىلە ئەزالىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بىرسى ئادا قىلسا باشقىلاردىن ساقىت بولىدىغان سۈننەت بولىدۇ، ئائىلىدە بىر كىشىنىڭ ئادا قىلىشى بىلەن باشقىلاردىن ساقىت بولىدۇ، ئادا قىلمىغان كىشىلەر ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ خۇددى جىنازا نامىزىغا ئوخشايدۇ، ئىمام نەۋەۋىي مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە: ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىقنىڭ ساۋابىغا باشقىلارنى شېرىك قىلىۋالسا دۇرۇس بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ مەزھىبىمىز، بۇنىڭ ئاساسى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنادا ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان". [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. "نىھايەتىل مۇھتاج" ناملىق ئەسەر 8-توم 132-بەت].

     ئايالنىڭ ئايرىم ئىقتىسادى بولسا، قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان مالنىڭ پۇلىنى بەزى بالىلىرىغا بەرسە، ئۇلار بۇنى ئالسا بۇمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

    بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 45544- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى