يەكشەنبە 28 شەۋۋال 1446 - 27 ئاپرىل 2025
Uygur

ھارام بولغان دورا-ئىلاجلار توغرىسىدا

سۇئال

مەن دوختۇر، مۇمكىن بولسا سىلەرنىڭ ماڭا ئەمەلنى مىساللار بىلەن كېسەللەرگە سۈپەتلەپ بېرىدىغانغا ھارام بولغان دۇرا-ئىلاجلارنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، مەن كېسەلگە: مەست قىلغۇچى دورا-ئىلاجلارنى سۈپەتلەپ بېرىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە، مەست قىلغۇچى بەزى دورا-ئىلاجلارغا دىققەت قىلمايمەن، مېنى توغرا يولغا باشلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:  ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن:  ھەر بىر كېسەللىكنىڭ دورىسىنى بېكىتتى، داۋالىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر كېسەلنى نازىل قىلىدىكەن ئۇنىڭ دورىسىنىمۇ نازىل قىلدى». [بۇخارى  رىۋايىتى5678-ھەدىس].

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر كېسەلنىڭ دورىسى بولىدۇ، كېسەلگە ئۆزىنىڭ دورىسى يەتكەندە، بۇ كېسەل ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شىپا تاپىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى2204-ھەدىس].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر قانداق بىر كېسەلنىڭ دورىسى بولىدۇ» دېگەن دوختۇرنىڭ ۋە كېسەلنىڭ ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئاشۇ دورىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئىزدەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ". [ "زادىل مىئاد"  4 -توم 15 -بەت.]

داۋالىنىشقا ئىزنە بېرىلىش، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش ۋە ئۇستا دوختۇر، پايدىلىق دورىنى ئىزدەشكە بۇيرۇلۇش بىلەن بىرگە ھارام نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىشتىن چەكلىمە كەلدى.

ۋائىل ھەزرەمىدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:  تارىق ئىبنى سۈۋەيد جۆپى دېگەن كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ھاراق توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ھاراقتىن توستى ياكى ھاراق ياسايدىغان ئىشنى ياقتۇرمىدى، ئۇ كىشى: مەن ھاراقنى دورىلىق ئۈچۈن ياسايمەن دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھاراق دېگەن دورا ئەمەس بەلكى كېسەللىكتۇر دېدى». [مۇسلىم رىۋايىتى 1948-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاسكىنا، نىجىس نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىشتىن چەكلىدى». [تىرمىزى رىۋايىتى 2045-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «ئاللاھ تائالا كېسەلنى ۋە دورىنى  چۈشۈردى، ھەر بىر كېسەلنىڭ دورىسىنى قىلدى، داۋالىنىڭلار، لېكىن ھارام بىلەن داۋالانماڭلار» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3874-ھەدىس].

شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مەنا ۋە شاھىدلىرىنىڭ كۆپ بولىشى جەھەتتىن سەھىھتۇر". [تەلىيقاتۇل رەزىيە ئەلا روۋزەتۇن نەدىيە 3 -توم 154 -بەت.]

ئىككىنچى: دورا-ئىلاج دېگەن ئىسپىرتقا ئوخشاش ھارام بولغان ۋە چوشقىنىڭ ئەزالىرىغا ئوخشاش نىجىس نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ دەپ قويۇش ھارام بولىدۇ، بەلكى بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ تەپسىلى مەلۇماتلىرى بار، بۇنى تۆۋەندە قىسقىچە بايان قىلىمىز:

1-ھارام ۋە نىجىس نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىش: ھاراق بىلەن داۋالىنىش ياكى بەزى شەھەرلەردىكى مەلۇم كىشىلەردەك ئۆزىنىڭ سۈيدۈكى بىلەن داۋالىنىش قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىش ھارام بولىدۇ. بۇ توغرىدا بىز يۇقىرىدا ھاراق ۋە نىجىس نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى بايان قىلدۇق.

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " نىجىس، پاسكىنا ۋە ھارام نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان -ھەدىستىكى ئوچۇق دەلىللەر بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: حُرِّمَتْ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةُ تەرجىمىسى: « سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى». [سۈرە مائىدە 3 -ئايەت.]

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەگەن چىشلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۈشىنى يېيىش ھارام قىلىندى». [بۇخارى رىۋايىتى5780- 5781  -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1932-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: انَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار(يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر» [سۈرە مائىدە 90-ئايەت].

بۇ ھۆكۈم داۋالانغان ھالەتتە ۋە داۋالانمىغان ھالەتتە ئومۇمدۇر، ئەگەر بۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىمەن دېگەن كىشى ئاللاھ جۇغلىغان نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان ۋە ئاللاھ ئومۇم قىلغان نەرسىنى خاسلاشتۇرغان بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 562-بەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھارام نەرسىلەر بىلەن داۋالىنىش بولسا شەرئى تەرەپتىن ۋە ئەقلى تەرەپتىنمۇ قەبىھ ئىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭ شەرئى جەھەتتىكى دەلىللەرنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق.

ئەمما ئەقلى جەھەتتىكى دەلىللىرى بولسا: ئاللاھ تائالا ئۇ نەرسىنى پاسكىنا بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلدى، ئاللاھ تائالا ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا جازا قىلىپ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلغاندەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە جازا قىلىپ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلمىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَبِظُلْمٍ مِّنَ الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ طَيِّبَاتٍ أُحِلَّتْ لَهُمْ تەرجىمىسى: «يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق» [سۈرە نىسا 160-ئايەت].

بۇ ئۈممەتكە ھارام قىلىنغان نەرسىلەر ئۇ نەرسىنىڭ پاسكىنا بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە بۇ ئۈممەتنى بۇنىڭدىن ھىمايە قىلىش، ئۇنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ھارام قىلىندى، ئىللەتلىك ۋە پاسكىنا نەرسىلەردىن شىپالىق تەلەپ قىلىش ئەقىلگە مۇناسىپ بولمايدۇ، چۈنكى گەرچە ئۇنىڭ ئىللىتى يوق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پاسكىنىلىق كۈچى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن قەلىپتە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق بىر كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش بەدەننىڭ كېسەللىكىنى يوق قىلىپ، قەلىپنى كېسەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". ["زادىل مىئاد" 4-توم 143-بەت].

2-مەس قىلغۇچى ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلغان دورىلار بىلەن داۋالىنىش.

دورىلاردا مەس قىلغۇچى ماددىلارنىڭ تىپىلىشىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ھالىتى بولىدۇ: بىرىنچى ھالەت: مەس قىلغۇچى ماددىلار ئاز بولسا، ئەگەر ئىنسان مۇشۇ ماددىدىن كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلسىمۇ مەس بولمىسا، بۇنداق ھالەتتە: بىر قىسىم ئالىملار: بۇنىڭغا ئوخشاش دورىلارنى ئىستىمال قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن. چۈنكى ھاراق دېگەن ئۇنىڭ ئەسلى مەست قىلغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئېچىشمۇ ئوخشاشلا مەست قىلىدۇ بۇ ھارامدۇر. ئەمما دورىدىن مەست قىلغۇچى دېگەن ئىللەت يوق قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاز ئىچسىمۇ ياكى كۆپ ئىچسىمۇ مەس قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار دورىنى ئېچىشنى دۇرۇس دېگەن.

ئىككىنچى ھالەت: دورىدىكى مەست قىلغۇچى ماددىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئەگەر ئىنسان ئۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا ئېچسە مەست قىلىدىغان ھالەتتە بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئۇ دورىدا مەست قىلغۇچى ئىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى كېسەلگە ئېچۈرۈش توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ ھۆكمىمۇ ھاراقنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن چىلانغان ئىچىملىك توغرىسىدا سورالغاندا؟، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەست قىلغۇچى ئىچىملىكنىڭ ھەممىسى ھارام دېدى» [مۇسلىم  رىۋايىتى 2991-ھەدىس].

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆپ ئېچسە مەست قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئاز بولغىنىمۇ ھارامدۇر» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3681-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 3681-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

3-نىجىس -پاسكىنا ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلغان دورىلار بىلەن داۋالىنىش: بەزى دورىلار تەركىۋى چوشقىنىڭ مېيى ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ ئەزالىرى دېگەندەك مەلۇم بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ:

بىرىنچى ھالەت: مۇشۇ ھارام-نىجىس نەرسىلەرنى دورىغا ئارىلاشتۇرىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە خۇسۇسىيتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش". [پىقھى توپلاملىرى" 3-توم 213-بەت].

بەزى نىجىس نەرسىلەرنى دورىغا ئۆزگەرتىش جەريانىدا خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدە ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيەتلىرىنى يوقىتىپ، باشقا بىر ماددىغا ئۆزگىرىدۇ.

بەزى ئالىملار: نىجاسەت ئۆزىنىڭ ئەسلى سۈپىتىنى يوقىتىپ، ئۆزگەرسە، ئۇ باشقا بىر ماددىغا ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭدىن نىجىسلىق سەۋەبى يوقالغاندا، ئۇنىڭغا پاكلىقنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ.

ئىمام قۇراپى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۇئەييەن نەرسىلەرنى ئۇ نەرسىلەرنىڭ جىسىم بولماستىن جەۋھەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا نىجىس ۋە نىجىس بولغۇچى دەپ ھۆكۈم قىلمىدى، بەلكى ئاشۇ جىسىملار بىلەن تۇرغان، ئادەتتە مەلۇم بولغان خاس كەيپىيات ۋە خاس رەڭدىن ئىبارەت دۇچ كەلگەن نەرسىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام قىلدى، ئەگەر بۇ كەيپىيات ۋە غەرەز يوق بولسا، ھۆكۈمنى ۋاجىپ قىلىدىغان نەرسە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈممۇ بولمايدۇ". [ "ئەلپۇرۇق"  2 -توم 207 -بەت.]

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ ئەسلىگە ئاساسەن: ھاراقنىڭ باشقا بىر ماددىغا ئۆزگەرتىلگەندە پاك بولىشى قىياسقا كۆرە بولىدۇ، ھاراق ئەسلىدە خەبىس دەپ سۈپەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن نىجىس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن نىجىسلىق يوق بولىدىكەن، ئۇنىڭدىكى ھاراملىق ھۆكۈممۇ يوق بولىدۇ، شەرىئەتنىڭ كېلىش مەنبىيىدىكى ئەسلى بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر، بەلكى بۇ ساۋاپ ۋە جازانىڭ ئەسلىدۇر.

بۇنىڭغا كۆرە: توغرا بولغان قىياس ئەگەر باشقا نىجاسەتلەرمۇ باشقا ماددىغا ئۆزگەرتىلسە بۇنىڭغا ئۆتىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ قەبىرسىنى كولاپ چېقىرىپ تۈزلەپ ئۇ يەرگە مەسچىتنى ياسىغان، ئۇ يەرنىڭ توپىلىرىنى باشقا جايغا يۆتكىمىگەن، ئاللاھ تائالا سۈتنىڭ تېزەك بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن چېقىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن، مۇسۇلمانلار:  ھايۋانغا نىجىس نەرسە بىلەن ھەلەپ قىلىپ بېرىلگەندە، ئۇ ھايۋاننى سولاپ قويۇپ، پاك نەرسىلەردىن بېرىپ باقسا ئۇنىڭ سۈتىنى ئېچىش ۋە ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يېيىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، زىرائەت ۋە مېۋىلەرمۇ نىجىس سۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇپ كېيىن پاكىز سۇ بىلەن سۇغۇرۇلسا، ئۇنى يېيىش ھالال بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدىكى نىجىسلىق سۈپەت ئۆزگىرىپ پاكىز نەرسىگە ئايلاندى.  بۇنىڭ ئەكسىچە:  پاك نەرسە نىجىس نەرسىگە ئۆزگەرتىلگەندە ئۇ نىجىس بولىدۇ. بۇ خۇددى سۇ ۋە يېمەككە نىجىس نەرسە يەنى پوق-سۈيدۈك دېگەندەك نەرسىلەر چۈشۈپ كېتىپ ئۇنى نىجىسلىققا ئۆزگەرتىۋەتكەنگە ئوخشاش، نىجىس نەرسە پاك نەرسىنىڭ نىجىسقا ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەندەك، پاكىز نەرسە نىجىس نەرسىنىڭ پاكلىققا ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەمدۇ؟.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا نىجىس نەرسىدىن پاك نەرسىنى چىقىرىدۇ، پاك نەرسىدىن نىجىس نەرسىنى چىقىرىدۇ، نەرسىنىڭ ئەسلى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىدىكى سۈپەت ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ...". ["ئىئلامىن مۇقىئىين"  3 -توم 183 -بەت. ]

بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك: كۆپچىلىك ئالىملار: نىجاسەتتىن ئۆزگەرتىلگەن نەرسە پاك بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ ھەنىپى ۋە زاھىرى مەزھەپ ئالملىرىنىڭ قارىشىدىمۇ شۇنداق. ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىككى قارىشىنىڭ بىرىدۇر. شاپىئى مەزھىبىدىكىمۇ بىر قاراشتۇر". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  21 -توم 510 -بەت].

ئىككىنچى ھالەت: نىجىس نەرسە دورىغا ئارىلاشتۇرۇلغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى نىجىسلىق ھالىتىدە قالغان بولسا، باشقا ماددىغا ئۆزگەرمىگەن بولسا، بۇ خۇددى بەزى دورىلار چوشقىنىڭ مېيىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتى بىلەن قالغان، دورا تەييارلاش جەريانىدا باشقا ماددىغىمۇ ئۆزگەرمىگەن، بۇنداق ھالەتتىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھارامنىڭ پارچىلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان.

ئارتۇقچە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەسەن ئىبنى ئەھمەد پەككى دېگەن ئالىمنىڭ يازغان: "ئىسلام شەرىئىتىدە دورىلارنىڭ ھۆكمى" ناملىق كىتابىنى كۆرۈپ چىقىڭ، ئۇ ئۇسلۇبى ئاسان ۋە سزنىڭ كەسپىڭىزگە مۇناسىپ كېلىدىغان كىتاپ بولۇپ، ئۇنى ئېنتىرنىتتىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

مۇشۇنىڭ ھەممىسىنىڭ خۇلاسىسى:"ھارام نەرسە: مەس قىلغۇچى بولسۇن ياكى نىجىس بولۇپ مەس قىلمايدىغان بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئەسلى ھارام قىلىنىشتىكى سۈپىتىنى يوقىتىدىكەن، نىجىسلىق سۈپىتىنىڭ ئىزى قالمايدىكەن، مەست قىلغۇچى ماددىمۇ دورىغا ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەست قىلىدىغان تەسىرى بولمايدىكەن، بۇ دورىنى ئىستىمال قىلىش ۋە كېسەللەرگە سۈپەتلەپ بېرىش ھالال بولىدۇ، چۈنكى ھارام ياكى نىجىس نەرسە باشقا بىر ماددىغا ئۆزگەرتىلگەندە ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تەسىرى قالمايدۇ.

ئەمما ئۇنىڭ ھاراملىق تەسىرى قالغان بولسا، ئۇنى كېسەللەرگە سۈپەتلەپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش توغرا بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىدە قالغانلىقى ياكى ئۆزگەرگەنلىكىنى مەخسۇس بۇ ئىشتا يېتىشكەن مۇتەخەسسىسلەر، ساپ تۇيغۇ ياكى تەجىربە ئىگىلىرى بىلىدۇ، بۇنى بىلگەندە ئۇنىڭ دورىغا ئارىلاشتۇرۇلغان نىسبىتىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ.

ئۈچىنچى: ھارام ماددىلارنىڭ ئۆز ئېچىگە ئالغان تىزىملىككە كۆرە، دىندا ئىشەنچىلىك، دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇغان ئىختىساس ئىگىلىرىدىن سورىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى