يەكشەنبە 10 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 18 نويابىر 2018
Uygur

ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا

سۇئال

ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، بۇ توپلام بىز ئۈچۈن كۈندە ئوقۇيدىغان ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ قالسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

 بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەتتىگەن ۋە كەچتە ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردىن بىزگە توپلاش ئاسان بولغانلىرىنى تۆۋەندە زىكىر قىلىپ ئۆتۈمىز:

    شەدداد ئىبنى ئەۋۇس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىستىغپارنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن پەيغەمبەرلەرنىڭ تېلى ئارقىلىق مەندىن ئالغان ئەھدەڭ ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن، ساڭا سېغىنىپ ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ماڭا ئاتا قىلغان نېئمىتىڭنى تونۇيمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا مەغپىرەت قىلغۇچى يوقتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 6306-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن «كىمكى بۇ سۆزنى ئەتتىگەندە چىن دىلىدىن دېسە، شۇ كۈنى كەچ كېرىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولسا، ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ، كىمكى كېچىدە چىن دىلى بىلەن دېسە، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ۋاپات بولسا، ئۇ كىشى جەننەت ئەھلىدىن بولىدۇ».

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەتتىگەن-كەچتە سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى دېگەن سۆزنى يۈز قېتىم دېسە، ئۇ كىشىگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دېگەن كىشىدىن باشقا ھېچ كىشى قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشى ئىلىپ كەلگەن ئەمەلدىن ئەۋزەلرەك ئەمەل ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2692-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنى كېچىدىن چايان چېقىۋالدى دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسالام «ئەگەر كېچىدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ تولۇق كەلىمىسى(قۇرئان) بىلەن ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېگەن بولساڭ، ساڭا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى،» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2709-ھەدىس].

   ئەبۇ راشىد ھۇبرانى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىسلىرىڭ بولسا سۆزلەپ بەرگىن دېدىم، ئۇ قولىدىكى يازمىنى يەردە قويۇپ مۇنداق دېدى: بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا يېزىپ بەرگەن ھەدىسلەر دېدى، مەن ئۇنى قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ئۇنىڭدا: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئىي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى تەلىم بەرسىلە؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى يوشۇرۇن-ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچى، ئاسمان-زېمىن ۋە ھەر شەيئىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ھەم ئىگىسى ئاللاھ! سەندىن باشقا ھەقىقى ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن، ساڭا سېغىنىپ نەپسمنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىشىمدىن ياكى بىرەر مۇسۇلمانغا يامانلىق قىلىشمدىن پاناھ تىلەيمەن دېگەن بۇ سۆزلەرنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ياتىدىغان جايغا كەلگەندە دېيىشكە بۇيرىغان.» [ئىمام ئەھمەد مۇسنەدتە 6812-، تىرمىزى سۈنەندە 3529-ھەدىستە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەتتگەندە ۋە كەچتە بۇ دۇئالارنى ئوقۇشنى تەرك قىلمايتتى: «ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن دۇنيا-ئاخىرەتتە سالامەتلىك تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! سېنىڭدىن مەغپىرەت ۋە دىنىمدا، دۇنيالىقىمدا، ئائىلەمدە، پۇل-مېلىمدا ئاپىيەت، تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى يۆگىگىن، قورقۇنچىلىرىمنى خاتىرجەملىككە ئايلاندۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! مېنى ئالدىمدىن، كەينىمدىن، ئوڭ تەرىپىمدىن، سول تەرىپىمدىن ۋە ئۈستى تەرىپىمدىن قوغدىغىن، سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭغا سېغىنىپ ئاستى تەرىپىمدىن سۇيقەستكە ئۇچرىشىمدىن پاناھ تىلەيمەن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5074-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا 4239-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھسسالام تاڭ ئاتقۇزغاندا: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز ۋە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، توپلىنىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيتتى. كەچ قىلغان ۋاقىتتا: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز ۋە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، توپلىنىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر،» دەيتتى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5068-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى3391-ھەدىس. نەسائى "ئەلكۇبرا" ناملىق ئەسەر 10323-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن. ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزنىڭ سەھىھ ھەدسلەر توپلىمى 2700-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر دېگەن سۆزنى ھەر كۈنى يۈز قېتىم دېسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە ساۋاپ بولىدۇ، يۈز ياخشىلىق يېزىلىدۇ، يۈز خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، شۇ كۈنى كەچ كېرگىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن شەيتاندىن ساقلىغۇچى بولىدۇ، ئۇ كىشىدىن كۆپرەك ئەمەل قلغان كىشىدىن باشقا بىر كىشى ئۇ كىشى ئېلىپ كەلگەندىن ياخشىراق بىر نەرسىنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 6040-ھەدىس].

    ئەبۇ ئىيياش رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئەتتىگەندە: بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر دېگەن سۆزنى دېسە، ئۇ كشى ئۈچۈن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادىدىن بىر قۇل ئازاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە ئەجىر بولىدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئون ياخشىلىق يېزىلىدۇ، ئون خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، ئون دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ، شۇ كۈنى كەچ كېرگىچە ئۇ كىشى ئۈچۈن شەيتاندىن ساقلىغۇچى بولىدۇ، ئەگەر كەچ ۋاقتىدا دېسە، تاڭ ئاتقۇچە ئۇ كىشى ئۈچۈن شەيتاندىن ساقلىغۇچى بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5077-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلتۈرگەن].

    ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ تەۋسىيەمگە قۇلاق سېلىشتىن سزنى نېمە چەكلەپ قويىدۇ؟ سىز ئەتتىگەندە ۋە كەچتە: ئى ھەمىشە تېرىك بولغۇچى ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ رەھمىتنىڭ بىلەن ياردەم سورايمەن، مېنىڭ ھالىمنى پۈتۈنلەي ياخشىلىغىن ۋە مېنى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆز ھالىمغا تاشلاپ قويمىغىن،» دېگەن سۆزنى ئېيتىڭ دېدى. [نەسائى "ئەل كۇبرا"ناملىق ئەسەر227-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى227- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەچ ۋاقتدا: «بىز كەچ قىلدۇق، بارچە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا كەچ قىلدۇق، بارلق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ يەككە-يېگانىدۇر، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە پۈتۈن ھەمدۇ سانالەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. پەرۋەردىگارىم! بۇ كېچىنىڭ ۋە كېيىنكىسىنىڭ ياخشلىقىنى سورايمەن، ساڭا سېغىنىپ بۇ كېچىنىڭ ۋە كېيىنكىسنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ ھورۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ دوزاختىكى ئازابتىن ۋە قەبىردىكى ئازابتىن پاناھ تىلەيمەن دەيتتى، ئەتتىگەن ۋاقتىدا بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، بارچە پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا تاڭ ئاتقۇزدۇق، ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا مەنسۇپتۇر،» دەيتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى2723-ھەدىس].

    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن: ئاللاھقا پەرۋەردىگارلىق جەھەتتە، ئىسلامغا دىن جەھەتتە ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك جەھەتتە رازى بولدۇم دېسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنىدە رازى قىلىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى18967-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى مۇسنەدنى تەتقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن].

    ئابدۇللاھ ئىبنى خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇل ھۇۋاللاھۇ ئەھەد، قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل پەلەق ۋە قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىن ناسنى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇش ساڭا ھەممە نەرسىگە كۇپايە قىلىدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى3575- ھەدىستە سەھىھ دېگەن. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5082-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي سەھىھ دەپ "ئەل ئەزكاردا" 107-بەتتە كەلتۈرگەن. ئىبنى ھەجەر ھەسەن دەپ "نەتائىجۇل ئەپكار"2-توم 345-بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «كىمكى ھەر كۈنى: نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان-زېمىندە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر دېگەن دۇئانى ئەتتگەندە ئۈچ قېتىم ئوقۇسا كەچ كېرگىچە ئۇ كىشگە تۇيۇقسىز بىر بالا كەلمەيدۇ، كەچتە ئۈچ قېتىم ئوقۇسا، ئۇ كشىگە ئەتتىگەنگىچە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5088-ھەدىس].

    يەنە بىر لەپزىدە: «كىمكى ھەر كۈنى ئەتتىگەن-كەچتە: نامىنى ئاتىغان كىشىگە ئاسمان-زېمىندە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنڭ نامى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇسا، ئۇ كشىگە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى3388-ھەدىس. تىرمىزى: ھەسەن، سەھىھ، غەرپ دېگەن. ئىبنى قەييىم سەھىھ دەپ"زادىل مىئاد"2-توم 338-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلتۈرگەن].

   ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەتتىگەندە ۋە كەچتە ئاللاھ ماڭا كۇپايىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر دېگەن سۆزىنى يەتتە قېتىم دېسە ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ.» [ھەدىس مەرپۇ، شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى ياخشى دېگەن. 118105- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].

    جۇۋەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كۈنى ئەتتىگەندە پەيغەمبەرئەلەيىھىسسالام ئۇنىڭ يېنىدىن بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ چېقىپ كەتكەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان جايىدا ئولتۇرۇپ قالغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چاشكا نامىزىدىن كېيىن قايتىپ كەلگەندىمۇ ئۇ شۇ ئورنىدا ئولتۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن يېنىڭىزدىن چېقىپ كەتكەندىن بېرى مۇشۇنداق ئولتۇردىڭىزمۇ؟دېگەندە، ئۇ: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «بۇ تۆت كەلىمىنى ئۈچ قېتىم دېگەن بولسىڭىز، ئۇ كەلىمىلەر سىز ئەتتىگەندىن بېرى دېگەن سۆزلەر بىلەن تارازىغا سېلىنسا ئېدى، ئەلۋەتتە بۇ تۆت كەلىمە ئېغىر كەلگەن بولاتتى: ئۇ، ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھېسابىچە، ئەرىشنىڭ زىينەتلىرىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بېزەشكە يېتەرلەك سىيالارغىچە ۋە ئۆزى مەمنۇن بولغۇچە قەدەر ھەمدۇ-ساناغا لايىقتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2692-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش