پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدىكى سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ مەنىسىنى قەلبتىن كەچكۈزۈپ ئوقۇش كېرەكمۇ؟

220933

تارقاتقان ۋاقىت : 26-12-2016

كۆرگۈچىلەر : 4617

سۇئال

رۇكۇ-سەجدىدە ئېيتىدىغان: سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم ۋە سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا دېگەن سۆزىمىزنىڭ مەنىسى نېمە؟، بۇ سۆزلەردە ئىككىلىنىش بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلۇنۇش كېرەك بولامدۇ؟ يەنى سەجدىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئالىلىقى، رۇكۇدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئويلىنىش تەلەپ قىلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: تەسبىھنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالانى ھەرقانداق كەمچىلىك ۋە ئەيىب نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر "سۇبھانەللاھ" دېسىڭىز، بۇنىڭ مەنىسى: ئى ئاللاھ! سىلىنى بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاكلايمەن دېگەن بولىدۇ. بىز ئىلگىرى تەسبىھنىڭ مەنىسىنى 170072- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلغان.

    "ئەل ئەزىم" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: "ئەڭ كاتتا-ئۇلۇغ دېگەن بولىدۇ.

    "ئەل ئەئلا" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى:  ئۆز زاتىدا ۋە سۈپىتىدە يۈكسەك ۋە ئالىدۇر دېگەن بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىنغان ئايەت ۋە زىكىرلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلىنىش كېرەك بولىدۇ. نامازدا ئوقۇلغان ھەرقانداق ئايەت-زىكىرلەرنىڭ خاس مەنىلىرىنى قەلبىدە ھازىر قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. نامازدا ئوقۇلغان ھەر بىر ئايەت-زىكىرلەر ئۈچۈن خاس مەنا ۋە ھېكمەتلەر بولۇپ، نامازدا قەلبىنى بويسۇندۇرۇپ، ئوقۇلغان ئايەت-زىكىرلەرنىڭ مەنىسىنى قەلبىدە ھازىر قىلىش بىلەن ئىنسان ياخشىلىق ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. نامازدا قەلىبنى بويسۇندۇرۇشنىڭ تولۇق بولماسلىقى، ئايەت-زىكىرلەرنىڭ مەنىسىنى قەلبتە ھازىر قىلىشقا سەل قاراش بىلەن، نامازدىكى خۇشۇدىن ھاسىل بولىدىغان پەزىلەت كېمەيتىلىدۇ.

    پەقەت نامازدىكى سۆزلەرنىڭلا مەنىسىنى ھازىر قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ بەلكى بەندىدىن نامازدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بۈيۈك مەنىلىرىنى ھازىر قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىنساننىڭ زېھنى چىچىلماسلىقنىڭ سەۋەپلىرىدىن: ئىنسان نامازدىكى سۆز-ھەرىكەتلەرنى تەپەككۇر قىلىش، مەزكۇر سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىشىغا سەۋەپ بولغان كاتتا مەنالارنى ئويلىنىش كېرەك. مەسىلەن: رۇكۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت بولسا: نامازخان رۇكۇ قىلغاندا، رۇكۇدىكى سۈز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆز پەرۋەردىگارىنى كاتتىلاش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رۇكۇدا پەرۋەردىگارىڭلارنى كاتتىلاڭلار. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئېگىلىشى بولسا، ئۇنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىشىدۇر. يەنى "سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم" دېگەن سۆز بىلەن ئۇلۇغلاشتۇر. بۇ يەردە ئىنساننىڭ قەلبى بىلەن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىشى قالدى، قەلب بىلەن ئۇلۇغلاش بولسا نامازدا قەلبىنى ھازىر قىلىش بىلەن بولىدۇ، رۇكۇدا ئاللاھ تائالانى ئاغزاكى، ئەمەلىي ۋە قەلبى بىلەن ئۇلۇغلاش بولىدۇ. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"8 /2].

    ئىبنى رەجەب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان رۇكۇ-سەجدە قىلىش بىلەن پەرۋەردىگارى ئۈچۈن خار بولسا، ئاللاھ ئۇ بەندىسىنى ئىززەت، چوڭلۇق، كاتتىلىق ۋە ئۈستۈنلۈك سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەيدۇ، ئۇ كىشى: خارلىق، تۆۋەنچىلىك مېنىڭ سۈپىتىم، ئۈستۈنلۈك، ئۇلۇغلۇق ۋە كاتتىلىق سېنىڭ سۈپىتىڭ دېگەندەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن رۇكۇدا "سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم" سەجدە قىلغاندا "سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا" دېيىش يولغا قويۇلغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەزى ۋاقىتلاردا رۇكۇ-سەجدە قىلغاندا: سۇبھانە زىلجەبەرۇت، ۋەلمەلەكۇت ۋەلكىبىريائى ۋەلئەزەمە" دەيتتى. ["نامازدا خۇشۇ" ناملىق ئەسەر 41-43-بەت].

    سوئال سورىغۇچىنىڭ: مۇشۇ سۆزلەردە ئىككىلىنىش بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئويلۇنۇش كېرەك بولامدۇ ياكى سەجدىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئالىلىقى رۇكۇدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى-كاتتىلىقىنى ئويلىنىش تەلەپ قىلىنامدۇ؟ دېگەن سوئالىغا بېرىلىدىغان جاۋاپ: نامازدا ناماز ئوقۇغۇچىدىن: ئوقۇلغان قىرائەت-زىكىرلەرنىڭ ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ مەنىسىنى ئويلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ، رۇكۇ-سەجدە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، ئاشۇ ئۇلۇغلاش ۋە كاتتىلاشقا دالالەت قىلىدىغان زىكىرلەر يولغا قويۇلغان.

    سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! ئىنسان رۇكۇ-سەجدىدە ئېيتقان زىكىرنىڭ مەنىسىنى ئويلانغان ۋاقىتتا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كاتتىلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشقا ئىلىپ بارىدۇ، لېكىن ناماز ئوقۇغۇچىدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى، مەزكۇر ئويلىنىش نامازدا ئادا قىلىنىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ مىقدارىدا بولىشى كېرەك. ئۇنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىك، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش بولسا شەيتاننىڭ نامازدىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان ۋەسۋەسىسىدۇر.

    ئىمام غەززالى مۇنداق دەيدۇ: "شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، شەيتاننىڭ ھىلە-مىكىرلىرىدىن: نامازدا ئاخىرەتنى ئېسىڭىزغا سىلىش ئارقىلىق، ياخشى ئىشلارنى تەپەككۇر قىلدۇرۇش بىلەن، ئۇقۇغان ئايەت-زىكىرلەرنى چۈشىنىشتىن چەكلەش قاتارلىقلاردۇر. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنى نامازدا ئوقۇغان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدۇر." ["ئىھيائۇلۇمىددىن" ناملىق ئەسەر 1-توم 150-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى