يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايالىنى سۆيسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

   روزىدار رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى سۆيسە دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدىم، لېكىن ئۇلار رامزاندىن بىر-ئىككى ھەپتە بۇرۇن توي قىلغانلار بولۇپ، سۆيۈشكەندىن كېيىن ئەر ياكى ئايال ئۆزىدىن مەنى چىققانلىقىنى بىلسە، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: روزىدارنىڭ ئايالىنى سۆيۈشىنىڭ ھۆكمى.

   شۇنداق، روزىدارنىڭ رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالىنى سۆيىشى، جىماغا ۋە مەنى چىقىشىغا ئىلىپ بارمايدىغان دەرىجىدە ئۆز-ئارا مەنپەئەتلىنىشى توغرا بولىدۇ.

   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزىدار ھالەتتە سۆيۈپ قوياتتى، روزىدار ھالەتتە قوچاقلايتتى، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھەممىدىن بەك ئۆزىگە ئىگە بولغۇچى ئېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1927-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 1106-ھەدىس].

   ئىمام نەۋەىۋي مۇنداق دەيدۇ: " قۇچاقلاش دېگەن: قولى بىلەن سىلاش بولۇپ، ئۇ ئىككى بەدەننىڭ تېرىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئۇچرىشىشىدىن ئىبارەتتۇر".

   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھەممىدىن بەك ئۆزىگە ئىگە بولغۇچى ئېدى» دېگەن سۆزىدىن بولغان مەقسەت: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە، شەھۋىتىگە ئىگە بولالايتتى، مەنپەئەتلىنەتتى، لېكىن ئۇ مەنىي چۈشۈش ياكى جىماغا ئىلىپ بارمايتتى.

    لېكىن ئىنسان روزىدار ھالەتتە ئايالى سۆيسە ياكى قۇچاقلىشىپ مەنپەئەتلەنسە، بۇ جىماغا ياكى مەنى چۈشۈشكە يېتىپ قالىدىغان دەرىجىدە بولسا، روزىسىنى بۇزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن دەرھال بۇنىڭدىن چەكلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار ئايالىنى سۆيىشى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: دۇرۇس ۋە ھارامدىن ئىبارەت، ھارام بولغىنى: ئىنسان ئۆزىنىڭ روزىسىنىڭ بۇزىلىشىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغىنىدۇر. دۇرۇس بولغىنىمۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچى: سۆيۈشۈش ئومۇمى تەرەپتىن شەھۋەتنى ھەرىكەتلەندۈرمەيدىغان بولىشى كېرەك. ئىككىنچى: شەھۋىتى ھەرىكەتلەنسىمۇ، لېكىن روزىسىنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا ئىشەنچ قىلالايدىغان بولىشى كېرەك.

   ئەمما سۆيۈشۈشتىن باشقا قۇچاقلىشىش قاتارلىق ئىشلارمۇ سۆيۈشۈشنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمدە ئوخشاش". ["شەرھىل مۇمتى" 6-توم 429-بەت].

   شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن: روزىدار كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالىنى سۆيسە ياكى ئويناشسا روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: مۇسۇلماننىڭ روزىدار ھالەتتە ئايالىنى سۆيۈشى، ئوينىشىشى ۋە جىمادىن باشقا ئىشلارنى قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ روزىدار ھالەتتە سۆيۈپ قوياتتى ۋە قوچاقلايتتى. لېكىن شەھۋېتى قوزغىلىپ ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشقا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە بۇ ھالەتتە مەكرۇھ بولىدۇ، ئەگەر مەنى چىقىپ كەتكەن بولسا، شۇ كۈنلۈك روزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئورنىغا يەنە بىر كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ". ["شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى"15-توم 315-بەت].

    ئىككىنچى: روزىدار كىشى ئايالىنى سۆيگەندە، مەنى چىقىپ كېتىشنىڭ ھۆكمى.

   روزىدار كىشى ئايالىنى سۆيگەندە، مەنى چىقىپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، رامزاندىن كېيىن شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىغا بىر كۈن روزا تۇتىدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار كىشى ئايالىنى سۆيگەندە، مەنى چىقىپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، بۇنىڭدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق". ["ئەلمۇغنى" 4-توم 361-بەت].

   ئۇ كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى كاپارەت دېگەن جىما قىلىپ روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە كېلىدۇ. 49750- نومۇرلۇق پەتىۋاغا قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى