بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
دەسلەپتە: ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ كېسىلىڭىزگە شىپالىق ئاتا قىلىشنى ۋە تېنىڭىزنى ساق قىلىشنى سورايمىز.
بىرىنچى: كېسەللىك سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتالمىغان بولسىڭىز، بۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، رامزاندىن كېيىن روزا تۇتۇش ئىمكانىيتى بولغاندا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر قازاسىنى قىلىش مۇمكىن بولمىسا ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بەرسىڭىز بولىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتۇشتىن ئاجىز كەلگەن كىشىگە شۇ ھالىتىدە روزا تۇتۇشى پەرىز بولمايدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].
ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئاجىز كەلگۈچنىڭ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى: بىرى: تاسادىپىي پەيدا بولغان ئاجىزلىق، يەنە بىرى: دائىم بولىدىغان ئاجىزلىقتۇر.
تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالغان ئاجىزلىقنىڭ يوق بولىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ، ئۇ يۇقىرقى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان، ئاجىزلىقى يوقالغاندا تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.
دائىم بولىدىغان ئاجىزلىقنىڭ يوق بولىشى ئۈمىت قىلىنمايدۇ، ئۇ كىشىگە ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يىمەكلىك بېرىش كېرەك بولىدۇ. ["شەرھىل مۇمتىئ"6-توم 324-325-بەت].
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئۈچۈن تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇسۇن ياكى ئۆيدە ئوقۇسۇن –گەرچە مەسچىتتە ئوقۇش ئەۋزەل بولسىمۇ-كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ(تەراۋىھ) نامىزىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ.
ھەر يىلى تەراۋىھ نامىزىنى مەسچىتتە ئوقۇپ ئادەتلەنگەن كىشى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆيدە ئوقۇغان بولسا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ئۈچۈن مەسچىتتە ناماز ئوقۇغانغا ئوخشاش تولۇق ئەجىر-ساۋاپ بېرىدۇ.
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسان كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سەپەردە بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ساق ۋە مۇقىم ۋاقتىدا قىلغان ئىبادەتنىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2996-ھەدىس].
ئۈچىنچى: بىر كىشى كېسەللىك ياكى ئۇخلاپ قالغانلىق سەۋەبىدىن كېچىلىك نامازنى ئوقۇيالمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭ قازاسىنى كۈندۈزدە قىلىۋالسا بولىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەللىك ۋە باشقا سەۋەبلەردىن كېچىلىك نامازنى ئوقۇيالمىغان بولسا، كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتىدېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 746-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" بۇ ئادەتلەنگەن نامازنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر نامازنى ئادا قىلالمىسا، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر". ["سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"6-توم 27-بەت].
سىز كېچىدە ئوقۇپ ئادەتلەنگەن نامازلىرىڭىزنى ئوقۇيالماي قالسىڭىز، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ۋىتىر نامىزى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا يەنە بىر رەكەت نامازنى قېتىپ ئوقۇڭ، چۈنكى ۋىتىر نامىزى پەقەت كېچىدە ئوقۇلىدۇ، كۈندۈزدە ۋىتىر ئوقۇلمايدۇ.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.