جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ رامىزاندا بۇرۇن يولى ئارقىلىق گالدىن ئوتۇپ كەنكەن سۇيۇقلۇق روزىغا تەسىر يەتكۇزمەيدۇ

سۇئال

بۇرۇن ياللۇغى بولۇپ روزا تۇتقان بىمارنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟رامىزاندا بۇرنىنى تارتقاندا بۇرنىدىن گېلىغا شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار ئۆتۈپ كېتىدۇ؟ ئويغانغاندا بۇرنىدا قان بولسا ۋە ئېغىزىدا قاننىڭ تەمى تېپىلغان بولسا قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئۆلىمالار بەلغەم-تۈپرۈكلەر روزا تۇتقۇچىنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنى يۇتىۋەتمەستىن سىرىتقا چىقىرىۋەتسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىختىيارلىقىسىز كېرىپ كەتتى.

شەيخ زەكەرىيا ئەلئەنسارى ئەششاپىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەلغەم-تۈپرۈكلەر ئىختىيارسىز ئېغىزى ياكى بۇرنى ئارقىلىق گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە چىقىرۋىتىشدىن ئاجىز كەلسە ئۈزۈر بولغانلىقى ئۈچۈن روزىسى بۇزۇلمايدۇ". ["ئەسنا ئەلمەتالىب" ناملىق ئەسەر 1-توم 415-بەت].

ئەمما روزا تۇتقۇچى ئۆتۈپ كەتكەن بەلغەم-تۈپرۈكلەرنى سىرتقا چېقىرۋىتىشكە ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ يۇتۇۋەتكەن بولسا ئىمام شافىئى قاتارلىق بەزى ئۆلىمالار روزىسى بۇزۇلىدۇ دەيدۇ. ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار روزىسى بۇزۇلمايدۇ دەيدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ كىيىنكى قاراشنى تاللىغان. ["پىقھى ئىكىسپىلۇدېيىسى"36-توم 259-261-بەت].

ئىبنى نۇجەيم ئەلھەنىپىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقۇچى ئۈستى تەرىپىدىن بۇرنىغا بەلغەم كىرگەندە، بۇرنىنى تارتىپ گېلىغا كىرىپ كەتسە، قەستەنلىك بولمىسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ تۈپۈرۈكنىڭ ئورنىدا بولىدۇ". ["ئەلبەھرۇررائىق شەرھى كۇنزۇددەقائىق" ناملىق ئەسەر 2-توم 294-بەت].

ئەننەپراۋىي مالىكى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەيدىسىدىن چىقىپ تىلىغا كەلگەن خەپرۈك گەرچە چېقىرىۋىتىش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، بەلغەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، تىلىغا كېلىپ قالغان بەلغەمنى قەستەن يۇتىۋەتكەندىمۇ ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ". ["ئەلپەۋاكىئ ئەددەۋانى" ناملىق ئەسەر 1-توم 309-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەلغەم ئېغىزغا كەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭ دىمىغىدىن چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولسا ۋە گېلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ بەلغەم بەدەننىڭ سىرتىغا يەتمىدى، ئېغىزمۇ بەدەننىڭ سىرتى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بەلغەم ئېغىزنىڭ ئۇچىغا كېلىپ بولغاندا ئاندىن يۇتۇۋەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئېغىزنىڭ ئۇچىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ بەدەننىڭ ئېچىدىكى نەرسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ"].

بۇ مەسىلىدە يەنە بىر قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ: بەلغەم گەرچە ئېغىزنىڭ ئۇچىغا كېلىپ بولغاندىن كېيىن يۇتىۋەتسىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇمۇ كۈچلۈك قاراش، چۈنكى بەلغەم ئېغىزدىن چىقمىدى، ئۇنى يۇتۇۋېتىش بىر نەرسە يېگەنلىك ۋە ئىچكەنلىك ھېسابلانمايدۇ". ["ئەششەرھۇل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 6 -توم 424-بەت].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: بۇرۇن ياللۇغى سەۋەبىدىن كىرگەن بەلغەم، تۈپرۈك، قان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسا روزىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن يۇتىۋەتمەستىن سىرىتقا چىقىرىۋەتكەن ياخشىدۇر. ئاللاھ تائالادىن سىزگە ساقلىق-ساغلاملىق تىلەيمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى